2009年1月11日星期日

كاشغەرىيشۇناس يازغۇچى پەرھاد جىلان





تارىخىي رومان - «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ

يازغۇچىسى - پەرھاد جىلان



تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1954 - يىلىدىن 1961 - يىلغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1961 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.

ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى «سول»چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان. «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979 -يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا دەسلەپتە رۇسچە تەرجىمان، كېيىنچە تەرجىمە - ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،1991 - يىلى 1 -ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 1994 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2006 - يىلى پېنسىيىگە چىققان.



پەرھات جىلاننىڭ نۇرغۇن ھېكايە - پوۋېستلىرى، «مەھمۇد كاشغەرىي»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى نەشردىن چىقىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. «ئاق ئېتىم» ناملىق ھىكايە-پوۋىستلار توپلىمىمۇ نەشىر قىلىنغان.
پەرھاد جىلاننىڭ «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» ناملىق ھىكايىسى - دەل مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان لۇغاتىت تۇرك» كىتابىدىكى «ئالتۇن قان» رىۋايىتىنى مەنبە قىلىپ يېزىلغان ئىدى.

يازغۇچى پەرھاد جىلاننىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي» ناملىق تارىخىي رومانى - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر نادىر روماندۇر. بۇ رومان 2008 - يىلى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا ن .ئا .باسكاكوۋنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرىنى، «گراف مونتې - كرىستو» ناملىق مەشھۇر روماننى، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان.

پەرھات جىلان ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


پەرھاد جىلاننىڭ تارىخىي رومانلىرى


قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ روماندا، 11 - ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ھايات مۇساپىسى بايان قىلىنىدۇ. مەھمۇد كەشغەرىي قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن بولۇپ، كاشغەرىدىكى ساچىيە مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ، كېيىن ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ. شۇ سەپەر جەريانىدا، ئۇ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە باشقا جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مول ماتېرىيال توپلايدۇ. ئۇ ئون نەچچە يىللىق دالا تەكشۈرۈشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوردىدا تەخت ماجىراسى يۈز بېرىپ، مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. مەھمۇد كاشغەردىن قېچىپ چىقىپ، سەمەرقەنت، بۇخارا، نىشاپور قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولىدۇ ۋە ئاخىرى باغدات شەھىرىدە ماكانلىشىدۇ. بۇ يەردە ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا يىغىلغان تىل ماتېرىياللىرى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، باغدات خەلىپىسى مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي كېيىن يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ بىر مەدرىسە سالدۇرىدۇ ۋە ئۆزى شۇ مەدرىسىدە سەككىز يىل مۇددەرىسلىك قىلىپ، توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.



قىسقىچە مەزمۇنى:

روماندا ئىدىقۇت خانىنىڭ چىڭگىزخان بىلەن قۇدىلىشىپ بىرلەشكەنلىكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ھالدا ئەينى دەۋردىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
ئىدىقۇت خەلقى قاراقىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغانىدى. توختامىش ئىسىملىك بىر يىگىت قىتانلاردىن قېچىپ ئالتايغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە نايمان ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان تاتا تۇڭا بىلەن تونۇشىدۇ. چىڭگىزخان ئالتايغا ھۇجۇم قىلىپ، نايمان خانلىقىنى مەغلۇپ قىلغاندا، تاتا تۇڭا موڭغۇللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. كېيىن تاتا تۇڭا چىڭگىزخاننىڭ كاتىپى بولىدۇ ھەمدە موڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىدۇ. توختامىشمۇ موڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.
چىڭگىزخاننىڭ ئالەمشۇمۇل يۈرۈشلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئىدىقۇت خانمۇ قوشۇن تارتىپ چىڭگىزخانغا قوشۇلىدۇ. موڭغۇل - ئۇيغۇر قوشۇنلىرى قاراخانىيلار زېمىنلىرىدىن قىتانلار بىلەن نايمانلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزم دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ. بىر بۆلۈك موڭغۇل - تاتار قوشۇنلىرى قىپچاقلار ۋە رۇسلارنىڭ يەرلىرىنى بويسۇندۇرىدۇ.
توختامىشمۇ ئىدىقۇت قوشۇنىڭنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ جۇدالىقتىكى سۆيگۈنى تۈركەنئاينى تولا ئىزدەپ زادىلا تاپالمايدۇ.



قىسقىچە مەزمۇنى:

8- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرك خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر، قارلۇق، باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مىلادىيە 744- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدا ئەن لۇشەن باشچىلىقىدىكى توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. توپىلاڭچى قوشۇنلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەر ئىككى پايتەختىنى ئىشغال قىلىدۇ. پادىشاھ تاڭ شۇەنزاڭ سىچۈەنگە قاچىدۇ ۋە پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى تاڭ سۇزۇڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. تاڭ سۇزۇڭ ئۇيغۇرلاردىن قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى سورايدۇ. ئۇيغۇر قوشۇنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ، تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭنى باستۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھىرىدە سوغدى روھانىيلىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مانى دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىننى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇملاشتۇرىدۇ.
9- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا، ئۇيغۇر يايلاقلىرىدا ئۇدا بىر نەچچە يىلىغىچە ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ۋە ۋابا تارقىلىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ، چارۋا ماللار قىرىلىپ كېتىدۇ، ئوردىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ، ئەل ئىچى پاراكەندىچىلىككە تولىدۇ. دەل شۇ چاغدا، قىرغىزلار يۈز مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى پان تېگىن رەھبەرلىكىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا چېكىنىش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.


«ئاق ئېتىم» ناملىق توپلىمى





ـــــــــــــــــــ

مەنبە

http://www.sazgu.com/new/show.asp?subid=1518
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论