م«دىۋان لۇغاتىت تۇرك»تىكى
ئىىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر
مېھرىنىسا مەتنىياز
بۈيۈك ئەدىب مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگۈچى بۈيۈك قامۇس بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەينى زامان ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكى بىلەنمۇ مەشھۇر.
«دىۋان»دا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئەدەبىي پارچىلار ئالدى بىلەن بەدىئىيلىك جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىز بۇ پارچىلاردىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى، باي كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ۋە يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. ئەدەبىي پارچىلار ئىپادىلىگەن تېماتىك ئىدىيىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئەكس ئەتتۈرۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تىلىنىڭ جانلىق، راۋان، ئاممىبابلىقى، ئوبرازلىرىنىڭ روشەن، جەلپ قىلارلىق بولۇشى، ئىخچام، يەڭگىل تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىكى، تىلنى بېزەش ۋە تۈزەش قورالى بولغان ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي چوققىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.
تۆۋەندە «دىۋان»دا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئەدەبىي پارچىلاردا قوللىنىلغان بەزى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرگە قاراپ باقايلى:
جانلاندۇرۇش
جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى - «دىۋان»دىكى ئەدەبىي پارچىلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
بۇ پارچىلارنىڭ ئىچىدىكى «مەۋسۇم (مۇراسىم) قوشاقلىرى»غا تەۋە بولغان ياز بىلەن قىشنىڭ توقۇنۇشى ھەققىدىكى شېئىرىي پارچىلار جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنىڭ يارقىن ئۈلگىسى بولالايدۇ.
ئالايلى:
قىش ياي بىلەن توقۇشتى،
قىڭغىر كۆزدىن بېقىشتى.
تۇتۇشىغالى ياقىشتى،
ئۇتغالىماق ئوغراشۇر.
مەنسىى:
قىش ياز بىلەن توقۇنۇشتى،
قىڭغىر كۆزى بىلەن بېقىشتى،
تۇتۇشماق بولۇپ يېقىنلاشتى،
بىر - بىرىنى يېڭىشنى خالايدۇ.
(1- توم، 230- بەت)
مۇبالىغە
«دىۋان»دا مۇبالىغە ئۇسۇلى ئاجايىپ تەسىرلىك ۋە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىلغان.
مەسىلەن:
ئاۋلاپ مەنى قويماڭىز،
ئايتۇ ئايىپ قالماڭىز.
ئاقار كۆرۈم ئۇش تەڭىز،
تەگرە يۆرە قۇش ئۇچار.
مەنىسى:
مېنى ئوۋلاپ تاشلىۋەتمەڭ،
ۋەدە قىلىپ يېنىۋالماڭ،
كۆز يېشىم خۇددى دېڭىزدەك ئاقىدۇ،
چۆرىسىدە قۇشلار ئۇچىدۇ
(1- توم، 60- بەت).
ئوخشىتىش
ئوخشىتىش ئۇسۇلى - «دىۋان»دىكى «جەڭ قوشاقلىرى»، «مەۋسۇم قوشاقلىرى»، «بايرام (مۇراسىم) قوشاقلىرى»، «مۇھەببەت قوشاقلىرى» ۋە بەزى «مەرسىيىلەر» تەركىبىگە كىرىدىغان پارچىلاردا ئۇچرايدۇ. مىسال:
ئىۋرىق باشى قازلايۇ،
ساغداق تولۇ كۆزلەيۇ.
ساقىنچە قۇدى كىزلەيۇ،
تۈن - كۈن بىلەن سەۋنەلىم.
مەنىسى :
ئىۋىرىق بېشى غازغا ئوخشايدۇ،
لىق تولغان قەدەھ كۆز چانىقىغا ئوخشايدۇ،
قايغۇنى چۆرۈپ،
كېچە - كۈندۈز سۆيۈنەيلى
(1- توم، 136- بەت).
بۇ قوشاق قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەڭ ياكى مول ھوسۇلدىن كېيىنكى خۇشاللىق كەيپىياتىغا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ مىسرالاردىكى ئوخشىتىشلاردىن خەلقىمىزنىڭ تەنتەنىلىك بايرام، مۇراسىم (يىغىلىش) كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقلىرى، ئويۇن - كۈلكىلىرى، ئىناق - ئىتتىپاق ياشاش، ئورتاق خۇشاللىنىش تىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
سېلىشتۇرۇش
سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى - «دىۋان»دىكى ماقال - تەمسىللەردە كۆپرەك قوللىنىلغان.
سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بۇ ماقال - تەمسىللەردە ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇننى تېخىمۇ روشەن، ئېنىق، تولىمۇ گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇشقا شارائىت ھازىرلىغان.
كىشى ئالاسى ئىچىتىن، يىلقى ئالاسى تاشتىن
(1- توم، 123- بەت)
قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان، ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان
(1- توم، 572- بەت).
رىتورىك خىتاب
«دىۋان»دىكى ئەدەبىي پارچىلارنىڭ زور قىسىمىنى ئەينى دەۋردىكى نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئىگىلەيدۇ. خاراكتېر جەھەتتىن بۇنداق ئەدەبىي پارچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى دىداكتىك ئەدەبىياتقا مەنسۇپ بولۇپ، ئاساسەن پەندى - نەسىھەت ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق مەزمۇنلىرى ئىپادىلەنگەن بۇ پارچىلاردا رىتورىك خىتاب ئۇسۇلى قوللىنىلغان. مەسىلەن:
ئالغىلى ئۈگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە،
بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ، بىلىكىڭ ئۇلە.
مەنىسى:
ئەي ئوغۇل! مەندىن ئۈگۈت - نەسىھەت ئال.
پەزىلەت تىلە، خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ،
بىلىمىڭنى تارقات
(1- توم، 72- بەت).
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە «دىۋان» دىكى ئەدەبىي پارچىلاردا ئىستئارە (مېتافورا)، رىتورىك سوراق، سۈپەتلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەرمۇ ئۇچرايدۇ.
*********
مەنزىل
http://uzunjahan.blogspot.com/
ـــــــــــــــ
没有评论:
发表评论