مەھمۇد كاشغەرىي ۋە بۈگۈن
bilginur
سالام دوستلار، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ نىڭ باش بولۇشى ئاساسىدا، جوڭگۇ تۈركىيە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغىنىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى - بۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا زالىدا غەلبىلىك باشلاندى. بۇ جوڭگۇدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى يېتەكچى جەمئىيەت كىشىلىرى ئالدىدا ئىلمىي يوسۇندا تىكلەشكە دەسسەلگەن بىر قەدەم ئىدى. بۇ يەنە چوڭ بىر ئىلمىي پائالىيەت ئىدى، ئالىمنىڭ روھىنى سۆيۈندۈرىدىغان، بىزگە ئوخشاش ئۆگەنگۈچىلەرگە ئىلىم روھىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىدىغان، بىزگە يېڭى تەتقىقات يوللىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك بىلدۈرەلەيدىغان تىرىك دەرسخانا ئىدى.
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ زور كۆپى خەنزۇ، ئۇيغۇر، تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان سىياسىي رەھبەرلەر ئىدى. تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئىسمايىل ئەھمەت، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دەيدۇ، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى دەيدۇ.....يەنە جىقلام...
يىغىن رىياسەتچىسى بولسا بۇرۇن كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر كۆزەينەكلىك خەنزۇ خوتۇن ئىدى. يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى، قەسەم قىلساممۇ قىلاي، ئۇيغۇر ئىدى. ھەم سۆز قىلغانلارمۇ ئېغىزى-ئېغىزىغا تەگمەي «مەھمۇد كاشغەرىي»نى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئالىم دەپ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى ماختاپ كەتتى. ئەمما كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرىدىغان بىر ئىش، قاتناشچىلار يىغىن رىياسەتچىلىرىنىڭ خەنزۇچىنى تۈركچىگە ۋە تۈركچىنى خەنزۇچىغا ئۆرۈپ سۆزلىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇق. ئوتتۇرىدا بىرەر ئېغىز بولسىمۇ ئۇيغۇرچە سالام، ئۇيغۇرچە سۆز چىققان بولسا قانچە شاتلىناتتىم؟
تېخى مەلۇم بىر رەھبەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىغىن تۈركىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلىقىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىكەن. يىغىن قاتناشچىلىرى بولسا بۇ خىل تارىخىي ۋەقەنىڭ شاھىدىمىزمىش.
«شۇنچە داۋراڭ بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ياكى سىياسىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىكەنلىكىگە گۇمانىم تۇغۇلدى. ئالىمنىڭ روھىنى شادلاندى دەپ ئويلىمايتتىم شۇ كۆرۈنۈشكە.
لېكىن، ماقالە ئوقۇش جەريانى تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. تېمىلار يېڭى-يېڭى ھەم ئەمەلىي ئىدى. ئەتە يەنە بار. ئۇتۇقلۇق بولغاي!
لېكىن يىغىن جەريانىدا، كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە بۇ پائالىيەتكە ئۇزۇندىن تەشنا قەلبلەرنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىدىن بەكرەك، ماقالە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجى ئېتىبار بىلەن قارالغان چىراي.
مەنچە، مۇشۇنداق پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ كاتتا تاماقلىنىدىغان ئادەتلەر ھازىرغىچە تولۇق يوقاپ بولالماپتۇ بىزدىكى.
ئىشقىلىپ بۈگۈن ھاياجانلاندىم. ئەمما ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ شەكلى بولامدۇ، مەزمۇنى بولامدۇ، كەيپىياتنى، مىللىي روھنى ئۇرغۇتالايدىغان بىر خىل ئەمەس. مەن سورىغان بەزى بالىلارمۇ ماڭا ئوخشاش كەيپىياتتا بولدۇق دېدى، نېمە ئىشكىن ئىشقىلىپ. ئايرىم تېما يوللىغىلى كۆڭلۈم تارتمىدى. چىۋىن چۈشۈپ قالغان ئاشنى يىگىسى كەلمىگەندەكلا. لېكىن ئۇنچىۋالا قوتومۇ ئەمەس، يىغىننىڭ سۈرى، ئىلمىيلىكى يەنىلا قەلىبلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەممىمىز ئۇنىڭ داۋامىغا قىزىقىۋاتىمىز. ئىشقىلىپ مەن قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم. بەلكى نەچچە كۈندىن يىغىن ھەققىدە ئەدەبىي بىر تونۇتما ماقالىلىرى چىقىپ قالار مەتبۇئات ياكى تور مۇنبەرلىرىدە.
(2008-11-24 )
يىغىندا ئوقۇلىدىغان ماقالىلارنىڭ تېمىسى ئاساسەن، تىل، ئەدەبىيات، تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مۇھاكىمە گورۇپپىلىرىمۇ مۇشۇ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەندى ۋە بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان زاللارنىڭ ئىچىدە يۈرۈشتى.
مەن ئۆزۈم تىل تەتقىقات ماقالىلىرى ئوقۇلغان زال ئىچىدە بولغىنىم ئۈچۈن، شۇ زالدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي تورداشلارغا.
ماقالە ئوقۇغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنجى سۆزمەن ۋاڭ دېخۇەي سۆزىنى تۈگىتىپ بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا يېڭى بىر خەۋەرنى يەتكۈزگەندى. يىغىن ئەھلى ھاياجاندىن كۈلۈشتى ۋە چاۋاك ئۇرۇشتى.
يەنى، ئۇنىڭ دېيىشىچە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندى. بېيجىڭدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئورنىنىڭ بارلىقى بۇرۇن ھەممىنى شاتلاندۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئىنىستىتۇت دېگەن نامدا بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلمىي ئۇۋا، لەنجۇدا مەۋجۇت بولغانىدى. ھەممە خوش بولدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پروفېسسور ئۆزى خەنزۇ تۇرۇپمۇ ماقالىسىنى ساپ ،راۋان ئۇيغۇرچە بىلەن ئوقۇپ تۈگەتكەنىدى.
ماقالىلار ئوقۇلۇپ بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدا، رەسسام غازى ئەمەت بارلىق قاتناشچىلارغا ئۆزى ئىجاد قىلغان مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر كوراگانى قاتارلىق تۆت بۈيۈك تارىخى شەخسنىڭ ماي بوياق رەسىمى كىرىشتۈرۈلگەن قىسقا سىن فىلىمىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر قاتناشچىلاردىن بەكرەك تۈرك قاتناشچىلار رەسىمنىڭ بەكمۇ ھەيۋەتلىك، كۆركەم، ئوبرازىنىڭ يارقىنلىقىدىن ھاياجانلىنىپ غازى ئەمەتكە تەشەككۈرلەر ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ قولىنى ھاياجان بىلەن سىقتى. بۇنداق كۆرۈنۈش ھەر بىرەيلەننىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئۇنىڭ كەينىدىن تۈركلەر روياپقا چىقارغان، مەخسۇس، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇش، ئۇنىڭدىن ئىلمىي پايدىلىنىش، تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ئويغىتىش، ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلغان توربىكەت تۇنجى بولۇپ مۇشۇ نەق مەيداندا ئېچىلدى. شۇ بەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى نەق مەيدانغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىپ تور بەتنى تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇردى.
بۇنىڭدىن سىز «دىۋان»نىڭ ھەممە مەزمۇنىنى تور يۈزىدە كۆرەلەيسىز.
بەت ئادېرىسى مۇنداق
www.tdk.org.tr
بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شۇنى دەيمەنكى، قېرىنداشلار، بۇ تور ئادېرىسىنى دوستلىرىڭلارغا تونۇتقايسىلەر.
ئۇنىڭ ئارقىدىن ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ ئوغلى تۈرگۈن ئىبراھىم ئەپەندى ئۆزى خالىس پۇل چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىشلەتكەن، «دىۋان»نىڭ تۆت خىل تىل(ئۇيغۇر، تۈرك، خەن، ئېنگىلىز)دىكى ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى نەق مەيداندا ھەممەيلەنگە تارقاتتى.
غازى ئەمەتمۇ ئۆزى ئىشلىگەن، «مەھمۇد كاشغەرىي» خاتىرىسىگە ئاتالغان كېلەر يىللىق كالىندارنى خاتىرە بويۇم سۈپىتىدە چەتئەللىك ۋە جۇڭگولۇق ھەممە سۆزمەنلەرگە تەقدىم ئەتتى.
سېستىما پلاستېنكىسى ھەممە كىشىگە يەتكۈدەك ھارزىرلانغانىدى. شۇنداقتىمۇ، يېرىم قاتناشچىلار (ھەممىسى ئەمەس) ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى يەشىككە ئۇرۇپ، قىستىلىشىپ، بۇلاپ، تۈركلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈپ، قىلمىغان قىلىقى قالمىدى. «ھەممىڭلارغا يېتىدۇ» دېگەنگە ئۇنىماي، بىرسى تۆت-بەشتىن ئېلىپ، ئارقىدا قالغان بىزلەرگە يېتىشمەي قويدى. ھەم تېخى ئۇنىڭ ئالدىدا خەق ماقالە ئوقۇۋاتسا پەستە ئولتۇرۇپ دېققەت بىلەن ئاڭلاشنى قويۇپ، پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغانلارنى كۆرۈپ، يىغىن باشقۇرغۇچىسى تۈرك ئالىمى ئوسمان ئەپەندى «سالوندا ئاۋازىڭلارنى چىقارمىساڭلار» دەپ تۇرسىمۇ سەلدىن كېيىن غوڭ-غوڭ يەنە كۈچىيىپ، ئۇ كىشىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپلا كەتتى. بەلكى كۆڭلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ بولغان بولسا كېرەك.
ئەتە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ خۇدايىم بۇيرىسا.(2008-11-25)
يىغىن تاماملاندى. مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاندى. ئىبراھىم مۇتئىغا بېرىلگەن توننى قىزى ئۇنىڭ ئورنىدا ئالدى. ئىشقىلىپ ھاياجانلىق ئىلكىدە يىغىننى تاماملىدۇق
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر
مەنبە
http://gulistan.cn/bbs/read.php?tid=221
没有评论:
发表评论