م«دىۋان»دىكى تارىخىمىزغا دائىر ئۇچۇرلار
تۈرك خەلقلىرى ۋە قەبىلىلىرى توغرىسىدا
تۈركلەر ئەسلىدە يىگىرمە قەبىلىدۇر . ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى ئەزىز كۆرگەن نوھ پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ياپەس ۋە ياپەسنىڭ ئوغلى تۇرككە بېرىپ تاقىلىدۇ . بۇ رۇم ئەۋلادىنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسھاق ۋە ئىسھاق ئوغلى ئىسۇ ۋە ئىسۇ ئوغلى رۇمغا بېرىپ تاقالغىنىغا ئوخشايدۇ . ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىرمۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئۆزىگىلا مەلۇم . مەن ۇلاردىن ئاساسىي ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم . ئۇرۇق ئايماقلىرىنى تاشلىدىم. كىشىلەردە ئوغۇز تۈركمەنلەرنى بىلىشكە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، مالىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنى كۆرسەتتىم . مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈن چىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم .
رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قىرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان .
بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى رۇم ئۆلكىسى يېنىدىن شەرققە قاراپ شۇ تەرتىپ بويىچە سوزۇلغان. ئاندىن چېگىل، توخسى، ياغما، ئوغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر.
خىتاي ــ چىن دېمەكتۇر.
ئاندىن تاۋغاچ، بۇ ــ ماچىن دېمەكتۇر.
بۇ قەبىلىلەر جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ . ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرىنى مۇشۇ دائىرىدە بىر-بىرلەپ كۆرسەتتىم.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(37-38)بەتلەر
تۈركىي تىللار توغرىسىدا
ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا تىل بىلەن پەقەت شۇ بىرلا تىلنى بىلىپ ، پارىسلار بىلەن ئارلاشمايدىغان ۋە چەت ئەللەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىلىدۇر . ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئارلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار . سوغداق ، كەنچەك ، ئارغۇ قەبىلىلىرى ئەنە شۇۇنداق ئىككى تىل بىلىدىغانلارغا كىرىدۇ . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارلىشىدىغان خوتەن، تۇبۇت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق . بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن. بۇلارنىڭ تىلىنى ئۆز ئورنىدا ئايرىم يازىمەن. ياپونىيىلىكلەر يىراققا جايلاشقانلىقى، ماچىن بىلەن ئۇلارنى چوڭ دېڭىزلا ئايرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىللىرى بىزگە مەلۇم ئەمەس .
چىن ۋە ماچىن خەلقلىرىنىڭ ئايرىم تىللىرى بولسىمۇ ، شەھەرلىكلىرى تۈركچىنى ياخشى بىلىدۇ . بىزگە يازغان خەتلىرىنى تۈركىي يېزىق بىلەن يازىدۇ . شۇنىڭدەك ئارىدا چوڭ سېپىل ۋە چىن يېنىدىكى تاغ دېڭىزلار بولغىنى ئۈچۈن يەجۇج ۋە مەجۇجلەرنىڭ تىللىرىمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىللىرى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەرئىككىسى تۈركىي تىلىدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە ، لېكىن ئۆزئارا سۆزلىشىدىغان يەنە بىر خىل شىۋىسىمۇ بار . ئۇيغۇرلار كىتابنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلگەن 24 ھەرپتىن ئىبارەت تۈركىي يېزىقىنى قوللىنىدۇ . كىتاب ۋە خەت-چەكلىرىنى شۇ يېزىق بىلەن يازىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل يېزىقىمۇ بار . رەسمىي خەت-چەك ۋە ھۆججەتلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. بۇ يېزىقنى مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ . مەن يۇقىرىدا شەھەر خەلقلىرى توغرىسىدا سۆزلىدىم .
سەھرا-قىر خەلقلىرىدىن بولغان چومۇللارنىڭ تىلى ئالاھىدە بىر تىل بولۇپ ، ئۇلار تۈركچىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. قاي، ياباقۇ، تاتار، باسمىل قەبىلىلىرىمۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى بار، جۈملىدىن تۈركچىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. قىرغىز، قىپچاق، ئوغۇز، توخسى، ياغما، چىگىل، ئوغراق، چارۇق قەبىلىلىرى بىرلا خىل ساپ تۈركچە تىلىدا سۆزلىشىدۇ. يەمەك ۋە باشقىرت تىللىرى ئۇلارغا يېقىن. رۇم ئۆلكىسى يېنىدىكى بولغار، سۇۋار، پەچەنەكلەرنىڭ تىللىرى سۆزلەرنىڭ ئاخىرى ئىخچاملاشتۇرۇلغان ئايرىم بىرخىل تۈركچىدۇر.
تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى، شۇنىڭدەك ئىلى، ئېرتىش ، يامار، ئېدىل ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيىنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ. بالاساغۇنلۇقلار سوغدىچە ۋە تۈركچە سۆزلىشىدۇ. تىراز، بەيزا شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرىمۇ شۇنداق. ئىسپىجاپ شەھرىدىن تاكى بالاساغۇنغىچە بولغان پۈتۈن ئارغۇ شەھەرلىرى خەلقلىرىنىڭ تىللىرىدا بۇزۇقلۇق بار. قەشقەردە كەنچەكچە سۆزلىشىدىغان يېزىلار بار. شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ. رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرىنىڭ بويى بەش مىڭ پەرسەخ ( پەرسەخ ــ پارىسچىدا يول ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پەرسەخ 6.24 كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ)، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ بولۇپ، ھەممىسى سەككىز مىڭ پەرسەخ كېلىدۇ . بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەممىسىنى يەر يۈزى شەكلىدىكى دائىرە ئىچىدە كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(39-41)بەتلەر
تۈركلەر توغرىسىدا
تۈرك ــ تەڭرى يارلىقلىغۇچى نوھنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى. بۇ ــ نۇھنىڭ ئوغلى تۈرككە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم . ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ «تۈرك» دەپ ئاتىلىدۇ . تەڭرىنىڭ بىر ئايىتىدە «ئىنسان» سۆزى «بىرلا ئادەمنى» بىلدۈرۈپ كەلگەن . يەنە بىر ئايىتىدە بولسا «ئىنسان» سۆزى «كۆپ ئادەم» نى بىلدۈرۈپ كەلگەن . بۇ يەردە ئىستىسنا بار ، پەقەت كۆپلىكنىلا ئىستىسنا قىلىش مۈمكىن . «تۈرك» سۆزى نوھ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلئەەندە ، بىرلا كىشىنى بىلدۈرىدۇ . نوھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە ، «ئادەمزات» سۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار توپىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سۆز ھەم بىرلىك ، ھەم كۆپلىك ئىشلىتىدۇ . مەسىلەن ، «رۇم» سۆزى تەڭرى يارلىقلىغۇچى ئىسھاقنىڭ ئوغلى ئىسۇغا ۋە ئىسۇ ئوغلى رۇمغا ئىسىم بولغىنىدەك ، رۇم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ ، «تۈرك» سۆزىدىمۇ شۇنداق .
بىز «<تۈرك> دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان» دېدۇق . چۈنكى ، قەشقەرلىق خەلق ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۇسەيىننىڭ «ابن الغرقې» دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ، جەرجەرالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان : «ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ : مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار ، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم م ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم . بىرەر قوۋمغا غەزەبلەنسەم ، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن» .
بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . چۈنكى ، ئۇلارغا تەڭرى ئات قويغان ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز ، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم ، يېقىملىق ، ئوچۇق چىراي ، ئەدەبلىك ، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ، ئاددىي-ساددا ، كەمتەر ، دادىل ، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان-ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(455-457)بەتلەر
تۈركمەنلەر توغرىسىدا
تۈركمەن ، بۇلار ئوغۇزلاردۇر . بۇلارنىڭ تۈركمەن دەپ ئاتىلىشىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار .
زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا ، تۈركلەرنىڭ «شۇ» ئىسىملىك بىر خاقانى بار ئىدى . ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى . بالاساغۇن يېنىدىكى «شۇ» قەلئەسىنى شۇ ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان . بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى . ئادەملىرى ئۇنىڭغا : «زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ ؟ نېمە بۇيرۇقلىرى بار ئىكىن ؟» دەيدۇ . ئەسلىدە خاقان «شۇ» خۇجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە شۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن بۇ دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىپ تاپقان قىرىق كىشلىك چارلىغۇچى ئەۋەرتكەن ئىكەن . چارلىغۇچىلار مەخپىي ھالدا كەتكەچكە ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن . خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن . خاقاننىڭ كۆمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىكى بولۇپ ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن ، غاز ، ئۆردەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن ، خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۆمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ «غاز ، ئۆردەكلەرگە قاراڭلار ، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن ؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى كىشىلەرنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ . ئۇلاردا : «خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس ، چېكىمەكچىمۇ ئەمەس» دېگەن گۇمان پەيدە بولۇپتۇ . زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ . چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى كېچىسى كېلىپ خاقانغا مەلۇم قىلىپتۇ . خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ . خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك تەشۋىش پەيدا بولۇپتۇ. ئۇلاغ تاپالىغۇچىلار ئالدىراش-تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاغلارغا مېنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ ، بۇ ئۇنىڭ ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ . تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپتۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ . ئۇ چاغلاردا تىراز ، ئىسپجاپ ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان . ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كەچۈرەتتى . خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا ، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاغ تاپالمىغانلىقتىن ، بالا چاقىلىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ . مەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنى كىتابنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم ، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ شۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتكەنىدىم . مەسىلەن ، «قىنىق» ، «سالغۇر» ۋە باشقىلار . بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا ، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ . ئۇلارنىڭ بالا چاقىلىرىمۇ بىللە ئىككەن . ئۇلار يۈك تاقىلىرىنى دۈمبىلىرىگە ئارتىپ ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقان ، ھارغان-ئاچقان ، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۆمۈلگەن ئىكەن . بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ . يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا : «ئەي ئادەملەر ، ھېلىقى ئادەم (زۇلقەرنەين) بىر يولۇچى ، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ ، بىزنىڭ يەردە قېپ قالمايدۇ ، ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز» دەپتۇ . ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە «مۇشۇ يەردە قېلىپ قېلىڭلار » دەپتۇ . كېيىن ئۇلار «خالاچ» دەپ ئاتىلىپ قالغان خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ . ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر .
زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن ، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار «تۈرك مانەند _ تۈرككە ئوخشاشدۇ» دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بغەغنگە قەدەر نام بولۇپ قالغان .
تۈركمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر . لېكىن ، ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ . شۇڭا ، ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ . بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى شۇ .
خاقان «شۇ» چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپتۇ . زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈدۇ . ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىرقىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ . توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇب بولىدۇ . بۇ توقۇنۇش «ئالتۇنقان» دېگەن يەردە بولغانىكەن ، بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە «ئالتۇنخان» دەپ ئاتىلىدۇ . زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۇلھ تۈزىدۇ . ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ . زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، خاقان «شۇ» قايتىپ كېلىدۇ ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ . ئاندىن ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان «شۇ» شەھرىنى سالدۇرۇپ ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردۇرىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ . تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ .
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3-توم(564-568)بەتلەر
تۈرك ئېلىنىڭ چېگرا لىنىيىسى توغرىسىدا
قاز ــ ئەفراسىياپنىڭ قىزىنىڭ ئېتى بولۇپ، «قازۋىن» شەھرىنى ئۇ بىنا قىلغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى «قاز ئويۇنى» دۇر . چۈنكى ، ئۇ قىز شۇ يەردە تۇراتتى ۋە ئوينايتتى. شۇڭا، بەزى تۈركلەر «قازۋىن» نى تۈرك ئېلىنىڭ چېەرىلىرىدىن بىرى ھېسابلايدۇ. «قۇم» شەھرىمۇ چېگرا ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى، «قۇم» تۈركچە سۆزدۇر .
ئەفراسىياپنىڭ قىزى بۇ يەردە دائىم ئوۋ قىلاتتى. بەزىلەر «ئەرۋەششاھىجان» شەھرىنىمۇ تۈرك چېگرىسىدىكى شەھەر ھېسابلايدۇ . چۈنكى ، قىزنىڭ ئاتىسى «توگ ئالپ ئەر» ئەشۇ ئەفراسىياپنىڭ ئۆزىدۇر . ئەفراسىياپ «تەمھۇرەس» تىن 300 يىل كېيىن «مەرۋ» شەھرىنى بىنا قىلغان . بەزىلەر پۈتۈن «ماۋرا ئۈننەھر» نى تۈرك ئېلى دەپ ھېسابلايدۇ . ئۇ «يەنكەنت» تىن باشلىنىدۇ . ئۇنىڭ يەنە بىر ئېتى «مىس شەھىرى» دۇر . ئۇنىڭ مۇستەھكەملىكىگە قاراپ شۇنداق دېيىلگەن . بۇ «بۇخارا» غا يېقىن . بۇ يەردە ئەفراسىياپنىڭ قىزى قازنىڭ ئېرى «سىياۋۇش» ئۆلتۈرۈلگەن . مەجۇسىيلەر ھەر يىلى بىر كۈن بۇ يەرگە كېلىپ «سىياۋۇش» ئۆلگەن جايدا يىغلىشىدۇ ، قۇربانلىق قىلىپ ، قېنىنى ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئېقىتىدۇ . بۇنداق قىلىش ئۇلارغا ئادەت بولۇپ قالغان . پۈتۈن «ماۋرا ئۈننەھر» ، «يەنكەنت» دىن شەرققىچە بولغان يەرلەرنى تۈرك شەھەرلىرى دېيىشىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى ، «سەمەرقەنت» ، «سەمىزكەنت» دەپ ئاتىلىدۇ . «شاش» ، «تاشكەنت» دېيىلىدۇ . شۇنىڭدەك «ئۆزكەنت» ، «تۇنكەنت» دېگەن ناملارمۇ بار . بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە «شەھەر» ، مەنىسىدىكى «كەنت» سۆزى قوشۇلۇپ ياسالغان . تۈركلەر بۇ شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ئۆشلىرى ئات قويغان . بۇ ئاتلار ھازىرغىچە قوللۇنۇلىۋاتىدۇ . بۇ يەرلەردە پارسلار كۆپەيگەندىن كېيىن ، ئۇلار ئەجەم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالغان . ھازىر پۈتۈن تۈرك ئېلىنىڭ چېگرىسى «كاسپى» دېڭىزى بىلەن ئايلىنىپ ، رۇم ئېلىدىن ۋە «ئۆزچەنت» تىن چىنغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بەش مىڭ پەرسەخ ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ ، ھەممىسى سەككىزمىڭ پەرسەخ دۇر ( پەرسەخ پارىچىدا يول ئۆلچىمى بولۇپ ، بىر پەرسەخ 6.24 كىلومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ)
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(204-206)بەتلەر
ئارسلان تېكىننىڭ ياباقۇتلارغا قارشى
بىر قېتىملىق ئۇرۇشى توغرىسىدا
بوكە ــ ئەجدەرھا ، يالماۋۇزدۇر.
ماقالىدا مۇنداق كەلگەن: يەتتە باشلىق يالماۋۇزدۇر.
ياباقۇتلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنى «بۆكە بۇدراچ» دەپ ئېيتىلغىنىدەك، بەزى باتۇرلارنىمۇ بۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. «بۆكە بۇدراچ» بىلەن بولغان كاپىرلارنىڭ سانى 7 يۈزمىڭ ئىدى. 40 مىڭ ئەسكەرگە ئىگە بولغان ئارسلان تېكىن غازىغا قارشى جەڭدە تەڭرى ئۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.
مەھمۇد ئېيتىدۇكى: مەن بۇ جەڭگە قاتناشقان كىشىدىن «كاپىرلار شۇنچە جىق تۇرۇپ نېمىشقا يېڭىلدى» دەپ سورىدىم. ئۇ بىزمۇ بۇنىڭغا ئەجەبلەندۇق، مەغلۇب بولغان كاپىرلاردىن «سىلەر شۇنچە جىق تۇرۇقلۇق نېمىشقا يېڭىلدىڭلار» دەپ سورىساق، ئۇلار: «جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، كارناي تارتىلغاندا، باش ئۈستىمىزدە پەلەكنى قاپلاپ كەتكەن بىر يېشىل تاغنى كۆردۇق، بۇ تاغدا سان-ساناقسىز ئىشىكلەر بولۇپ ، ئۇلار ئوچۇق ئىدى. بۇ ئىشىكلەردىن بىرگە جەھەننەم يالقۇنلىرى ئېتىلاتتى، بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتتۇق . شۇنداق قىلىپ بىزنى يەڭدىڭلار» دەپ جاۋاب بەردى. دېدى. مەن، بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىدىن ئىكەن دېدىم.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(314-بەت)
ئۇيغۇرلار توغرىسىدا
ئۇيغۇر ــ بىر ئەلنىڭ ئىسمى . ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار . بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن .
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تۇنقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ، مۇنداق دېگەنىدى : زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4 مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن . ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن . ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ، كەينىگە شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن . زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن ؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، قاچان خالىسا ، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ . شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل «خۇزخۇر» دەپ ئاتىلىپتۇ ، كېيىن «خ» ھەرپى «ا» غا ئالماشقان . مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشى ، بولۇپمۇ «ا» نىڭ «خ» غا ۋە «خ» نىڭ «ا» غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە .
مۇشۇ كىتابنى يازغان مەھمۇت ئېيتىدۇكى ، بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز بولغان ئەمىرلەرنىڭ «خەمىر» دېيىلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن . چۈنكى ، ئوغۇزلار «ئەمىر» دېيەلمەي ، «ا» نى «خ» غا ئالماشتۇرۇپ «خەمىر» دەيدۇ . شۇڭا ، تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان بوۋىمىزنى «خەمىرتەگىن» دەپ ئاتايدۇ . خۇددى «ئۇيغۇر» سۆزىدە كۆرسەتكىنىمدەك ، بۇ يەردە «ا» ھەرپى «خ» غا ئالماشقان ، «خ» ھەرپى «ا» غا ئالمىشىش بىلەن بىللە «خوز» سۆزىدىكى «ز» ھەرپىمۇ «ى-يا» غا ئالماشقان . بۇ «ز» ھەرپىنىڭ «يا» غا ئالمىشىش تۈپ قائىدە . شۇنىڭدىن كېيىن «خوز» سۆزىدىكى «خ» ھەرپى «غ» غا ئالماشقان . «غ» نىڭ «خ» غا ، «خ» نىڭ «غ» غا ئالمىشىش كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە .
بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر.
بۇ شەھەرلەر :
1) سۇلمى، بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان ،
2) قوچۇ،
3) چانبالىق،
4) بېشبالىق،
5) ياڭى بالىق.
ــ «تۈكىي تىللار دىۋانى»1-توم(151-153)بەتلەر
ئون ئىككى مۆچەل توغرىسىدا
بارس ، يولۋاس . تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۆچەلدىن بىرىنىڭ نامى . تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېىلپ ، ئون ئىككى يىلغا ئات قوغان . ئۇلار باللىرىنىڭ ياشلىرىنى ، جەڭ تارخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋرى قىلىشى) بىلەن ھېسابلىنىدۇ .
تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگنمەكچى بولغان ، بۇنىڭغا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن ئېنىقلاشتا خاتالاشقان ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن : «بىز بۇ تارخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق ، بىزنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ . شۇڭا ، بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى ، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن ، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن» . خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللىغان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرىغان . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن . بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان . ئۇلاردىن ئون ئىككى خىل ھايۋان سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن . ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان . سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتكەن. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلگەن .
ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان.
ئون ئىككى ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئون ئىككى يىل:
(1) چاشقان يىلى
2) ئۇي يىلى (كالا يىلى)
3) بارس يىلى(يولۋاس يىلى)
4) توشقان يىلى .
5) لەھەڭ يىلى (تىمساھ يىلى)
6) يىلان يىلى
7) ئات يىلى
8) قوي يىلى
9) مايمۇن يىلى
10) توخۇ يىلى
11) ئىت يىلى
12) توڭگۇز يىلى
توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىي ئېيتىدۇكى: بۇ كىتابنى يازغان يىلىمىز 466-يىلىنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ، يىلان يىلى كىرگەنىدى. بۇ يىل ئۆتۈپ 467-يىلغا قەدەم قويغاندا، ئات يىلى كىرىدۇ. يىل ھېسابى بىز كۆرسەتكەن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.
تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەربىرىدە بىر خىسلەت بار دەپ تەخمىن قىلىدۇ.
مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە،
ئۇي يىلى (كالا يىلى) كىرگەندە ، ئۇرۇش كۆپىيىدۇ ، چۈنكى ئۇي بىر-بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان ،
توخۇ يىلى كىرسە ئۇرۇق-تۇققان كۆپىيىدۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدۇ، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت-چاۋالارنى تاتلاپ چېچىۋېتىدۇ.
لەھەڭ يىلى كىرىشى بىلەن ھۆل يېغىن كۆپىيىپ ئاشلىق ئوخشايدۇ. چۈنكى، لەھەڭ (تىمساق) سۇدا ياشايدۇ.
توڭگۇز يىلى كىرىشى بىلەن قار كۆپ ياغىدۇ. سوغۇق قاتتىق بولىدۇ، پىتنە-پاسات كۆپىيىدۇ. تۈركلەر ئەنە شۇ يوسۇندا، ھەر يىلى بىرەر ھادىسە يۈز بېرىدۇ، دەپ ئېيتىشىدۇ.
تۈركلەردە ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ئېتى يوق. چۈنكى، «ھەپتە» دېگەن ئۇقۇم ئىسلامدىن كېيىن مەلۇم بولدى.
ئايلارنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، شەھەرلەردە ئەرەبچە ئاي ئىسىملىرى قوللىنىلىدۇ، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ، ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ . يىلنىڭ ئۆتۈشىنى شۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. مەسىلەن ، نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى «ئوغلاق ئاي» دەيدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى «ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي» دەيدۇ . چۈنكى، بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى «ئۇلۇغ ئاي» دەيدۇ . چۈنكى، بۇ ئاي يازنىڭ ئوتتۇرسىدا بولۇپ، بۇ چاغدا يەر يۈزى تۈرلۈك نېمەتلەرگە تولۇپ مال-ۋارانلار سەمىرىيدۇ، سۈت كۆپىيىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش. كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە، قالغان ئاي ئىسىملىرىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈڭ بىلىۋال.
ــ «تۈركىي تىللار دى دىۋانى»1-توم(449-452)بەتلەر
زۇلقەرنەين بىلەن تۈرك خاقانى
ئوتتۇرسىدىكى سۇلھى توغرىسىدا
ئۆگە ــ تەجرىبىلىك، ئەقىللىق، كاداڭ، ئاددىي خەلق ئىچىدىن چىققان قېرى-سال كىشىلەرگە بېرىلگەن، تېكىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئاتاق.
بۇ سۆز مۇنداق كېلىپ چىققان: زۇلقەرنەين چىنغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك خاقانى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ.
خاقاننىڭ ۋەزىرى: «سىز زۇلقەرنەينگە ياشلارنىلا ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجرىبىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بولۇشى كېرەك ئىدى» دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبىلىك مەنىسىدىكى «ئۆگە» سۆزىنى قوللىنىپ «ئۆگەنىمۇ؟» دېگەن . ۋەزىر «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن.
ئۇلار بۇ كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرك ئەسكىرى زۇلقەرنەين ئەسكەرلىرىدىن بىرنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەميانىنى بېلىگە ئېسىۋالغانىكەن. ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالىرى قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن، ئەتىسى ئەتىگەن تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر-بىرىدىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سوراشقاندا، ئۇلار: «ئالتۇنقان» دېيىشكەن. شۇڭا، شۇ جايدىكى چوڭ تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھۇجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۇلھ تۈزگەن.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(123-بەت)
چېگىل قەبىلىسى توغرىسىدا
چېگىل ـ ئۈچ تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى:
بىرىنچى، بارسقاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى «قۇياش» شەھەرچىسىدە ياشايدىغان كۆچمەنلەر. ئىككىنچىسى، «تالاس» شەھرىنىڭ يېنىدىكى بىر شەھەرچىدە ياشايدىغانلارمۇ «چېگىل» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇلارنىڭ «چېگىل» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب مۇنداق ئىمىش:
زۇلقەرنەين ئارغۇ ئىلىگە كەلگەندە، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يوللار ماڭغۇسىز دەرىجىدە پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن زۇلقەرنەين پارس تىلىدا «اين چەكل است ــ نېمە دېگەن پاتقاق» دەپ كايىپتۇ ۋە كېيىن ئۇ يەرگە بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ، بۇ قورغان «چېگىل» دەپ ئاتىلىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قورغاندا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىمۇ، «چېگىلى» دەپ ئاتىلىپتۇ، بۇ نام كېيىنچە ئەتراپلارغا يېيىلغانىكەن.
ئوغۇزلارمۇ شۇ ئەتراپتا ياشىغان ۋە چېگىللەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.
ئوغۇزلار چېگىل شەكلىگە كىرىۋالغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنىمۇ «چېگىل» دەپ ئاتايدۇ.
ئوغۇزلار يەنە جەمھۇندىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان يەرلەردە ياشىغۇچى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى «چېگىل» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خاتا.
ئۈچىنچىسى، قەشقەردىكى بىر مۇنچە يېزا-قىشلارقلاردا ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ «چېگىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارمۇ بىر يەردىن تارقالغان .
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(512-بەت)
تۈبۈتلەر توغرىسىدا
تۈبۈت ــ تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قۇۋم. ئىپار كىيىك شۇلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. بۇ كىيىكنىڭ كىندىكى كېسىۋېلىنىدۇ.
تۈبۈتلەر «تابت» ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە (يەمەندە) بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ، كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن. بۇ يەر ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالغان. كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇغ-ئەۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زېمىنىدىن 1 مىڭ 5 يۈز پەرسەخ يەر ئالغان.
بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇب تەرىپى ھىندى دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار. «ئانا»نى «ئوما»، «ئاتا»نى «ئابا» دەيدۇ.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(460-461)بەتلەر
تابغاچ سۆزى توغرىسىدا
تابغاچ ــ «ماچىن» ئېلىنىڭ نامى.
بۇ مەملىكەت چىندىن تۆت ئايلىق يول ئۇزۇنلۇقتا.
چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، يۇقىرى چىن. بۇ يەر شەرقتە بولۇپ، «تابغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ؛
ئىككىنچى، ئوتتۇرا چىن بولۇپ، «خىتاي» دەپ ئاتىلىدۇ؛
ئۈچىنچى، تۆۋەن چىن بولۇپ، «بارخان» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەشقەردە.
لېكىن، ھازىر «تابغاچ»-«ماچىن» دەپ، «خىتاي»-«چىن» دەپ تونۇلىۋاتىدۇ.
تابغاچ ــ تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى. ئۇلارنىڭ «تابغاچ» يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن، شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ «تات تابغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ.
«تات» ئۇيغۇر دېمەكتۇر؛
«تابغاچ» چىنلىق دېمەكتۇر .
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1-توم(592-بەت)
توڭا سۆزى توغرىسىدا
توڭا ــ قاپلان جىنسىدىكى بىر ھايۋان، ئۇ پىلنىڭ كۈشەندىسى.
بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى مۇشۇ.
لېكىن، بۇ سۆز تۈركلەردە ئەسلى مەنىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئىسىم ھالىتىدە ساقلانماقتا.
بۇ سۆز كۆپىنچە ئادەملەرگە لەقەم بولۇپ كېلىدۇ.
مەسىلەن: «توڭاخان»، «توڭا تېكىن» قاتارلىقلار.
تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ «توڭا ئالىپ ئەر» دەپ ئاتىلاتتى.
بۇ «قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، بارتۇر ئادەم» دېمەكتۇر .
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(502-503)بەتلەر
بارمان شەھىرى توغرىسىدا
يۇڭۇ ــ «بارمان» شەھەرچىسىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى. بۇ شەھەرنى ئافراسىياپنىڭ ئوغلى شۇ دەريانىڭ بويىغا قۇرغان. قۇرغۇچىنىڭ ئىسىمى «بارمان» بولۇپ، شەھەر شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ رۇم ئېلىنىڭ تەڭرى يارلىقىغان ئىسھاق پەيغەمبەر ئوغلى ئىسۇنىڭ ئوغلى رۇمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغىنىغا ئوخشاش.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(503-504)بەتلەر
قاز سۈيى توغرىسىدا
قاز سۈيى ــ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ بىر دەريانىڭ ئېتى.
مۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى: ئافراسىياپنىڭ قىزى ئۇنىڭ بويىدا بىر شەھەر بىنا قىلغان.
بۇ ئىسىم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(206-بەت)
بارسخان توغرىسىدا
بارسخان ــ ئافراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى. بارسخان شەھرىنى شۇ بىنا قىلدۇرغان. بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھرىدۇر.
بەزىلەر ئۇيغۇر خانىنىڭ بارسخان ئىسىملىك بىر ئات باقارى بار ئىدى، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياىشى بولغانلىقتىن، ئۇ ئاتلارنى شۇ يەردە باقاتتى، كېيىنچە بۇ ئىسىم بۇ يەرگە نام بولۇپ قالغان دېيىشىدۇ.
ــ «تۈركىي تىللار دىۋانى»3-توم(569-570)بەتلەر
=====================
بايمەتھاجى راھمان نەشىرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشىر قىلغان(«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئەدەبىي مىراسلار) ناملىق كىتابدىن يۇلدۇزئاي تەييارلىغان
تور مەنزىلى
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=26320
=====================
没有评论:
发表评论