م«دىۋان» ــــ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم دۇنياسىدا، قايتىدىن نامايان بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن. جۈملىدىن ئۇنى جۇڭگودا ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى تولىمۇ تەسىرلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن
بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمى بۇ مەنزىلدە بار
http://uzunjahan.blogspot.com/2008/12/1.html
م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(2)م
م«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار
جۇڭگودا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۆت
قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ــ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش «دىۋانشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى
ئىككىنچى، «دىۋان»نى ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى
«دىۋان»نىڭ تەرجىمىسى ئىككىنچى قېتىم ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى(1913-1989) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەريانى مۇنداق بولغان: يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەلق ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئشلارنى ئىشلارنى ئىشىلىگەن. شۇ قاتاردا كونا قوليازمىلارنى ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭدىكى بەزى مۇھىم ماتىرىياللار ئارخىپلاشتۇرۇلغان. شۇ قاتاردا كاشغەردىمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. 1951-يىلى 7-ئايدا سەيدۇللا سەيپۇللايوپ كاشغەر ۋىلايىتىگە ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ(1913-1994)مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە يەرلىك ئاخباراتلارنى رەتلەش ئىشىغا ياردەملىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق سەيپۇللايوپ ئەپەندىگە تەكلىپ بەرگەن. سەيپۇللايوپ ئۆلكە مەسئۇللىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. جۈملىدىن خىزمەت تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ بىلەن بىرگە كاشغەرۋىلايىتىگە تەۋە كانسۇ رايونىغا بارغىنىدا، كېسەك قۇيۇش ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنى جىپ ماشىنىسىغا ئېلىۋېلىپ بىرگە كاشغەر شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن. ئەھمەد زىيائى سىرتقا چىقماسلىق بەلگىلەنگەن ئورۇندا <دىۋان>نى ئەرەبچە نۇسخىسى ئاساسىدا تەرجىمەقىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. يەنى ئۇنىڭ كۈندە تەرجىمە قىلغان قىسمى بەلگىلەنگەن خادىملار تەرىپىدىن ئاكىسى مۇھەممەدخان پەيزى (1909-1975)نىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغان(5). مۇھەممەدخان پەيزى بولسا خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە ئۇدۇللۇق كۆچۈرۈپ چىققان. بۇ ھەقتە ئەينى زاماندىكى ئىشلارنى بىلىدىغان، ئاڭلىغان، تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى «ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك› ئەسىرى» ناملىق ماقالىسدە مۇنداق يازغان:
<دىۋان>نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىسى 1952-1954-يىللىرى(بۇ يىلنامە خاتا بولۇپ قالغان- نەقىلچىدىن)جۇڭگو كومۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە، كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ بىرىنچى ۋالىسى سەيدۇللا سەيپۇللايوپنىڭ قىزغىن تەشەببۇسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھەتتا ماددىي جەھەتتىن خالىسانە ياردىمى ئارقىسىدا، يولداش ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تولۇق ئۈچ توم ئىدى. ئۇ ئالدىنقىسىغا قارىغاندا خېلى يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇپ، تىل ئۇسلۇبى، ئەسلى سۆزلەرنىڭ توغرا تىرانسىكرىپىيىسىدە بېرىلىشىگە خېلى كۈچ سەرپ قىلغان. بولۇپمۇ، تەرجىمىنىڭ قوليازمىسى پۈتكەندىن كېيىن، 8 باسما تاۋاقلىق دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەسەرنىڭ ئەسلى ئەرەبچە نۇسخىسى، سول تەرىپىگە ئۇنىڭ تەرجىمىسى بېرىلىپ، ئەرەب خېتىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدە كۆچۈرۈلگەن. 1956-يىلى<دىۋان>تەرجىمىسىنىڭ بۇ نۇسخىسىنى كاشغەرنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىمالىرىدىن شائىر، مۇددەرىس مۇھەممەدخان مەخسۇم(پەيزى) داموللا، (كاشغەر شەھرىنىڭ)جانقورغان مەھەللىسىدىن مۇددەرىس مۇھەممەتئىمىن ھاجىم،(يەنە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن-نەقىلچىدىن)قاتارلىق ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۆلىمالىرى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۈچ تومنىڭ ئاخىرقى بېتىگە: <تەرجىمان ئەھمەد زىيائى ئەپەندى (دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك)ناملىق ئەسەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان. بىز ئۇنىڭ ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ ئۆز مۆھۈرلىرىمىزنى باستۇق>دەپ ئىمزالىرىنى قويغان.(6)
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھات: ئابلىمىت روزى ئەپەندىنىڭ بۇ بايانىنىڭ ئاساسىي روھى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، بىراق تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىت، يەنى1952-1954-يىللىرى سەل كەينىگە كەتكەن، چۈنكى سەيدۇللايوپ ئەپەندىنىڭ كاشغەردە خىزمەت ئىشلىگەن ۋاقتى بولسا ئەمەلىيەتتە 1951-1953-يىللىرىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەب تىلى مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. ئەسلى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ۋاقىتمۇ 1953-يىلى9-ئايدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامىنى ئابلىمىت روزى ئەپەندى تىلغا ئالمىغان، بىراق، <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>دېگەن كىتابتا بۇ خىزمەتكە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن دېگەن (ئۆلىما)كىشىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئېيتىلغان(7).
ئابلىمىت روزىنىڭ ماڭا ئاغزاكى يوسۇندا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1955-1956-يىللىرى <دىۋان>ش ئۇ ئار يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ۋە مۇھاكىمىگە قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن 500 يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىلىپ، ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە ھەققى سۈپىتىدە بېرىلگەن. ئەھمەد زىيائى بىر قېتىم كاشغەر شەھرىگە قايتىپ بارغىنىدا بۇ پۇلنىڭ 200 يۈەنىنى ئاكىسى مۇھەممەدخان پەيزىنىڭ <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بەرگەنلىكى ھەققى ئۈچۈن ئالدىغا قويغىنىدا ئۇ كىشى تولىمۇ تەسىرلەنگەن ۋە بەكلا خۇشال بولۇپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغان(8).بۇگەپنى ئەھمەد زىيائى ئابلىمىت روزىغا ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەن. چۈنكى ئەينى زاماندا 500 يۈەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.
<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى>ناملىق كىتابنىڭ 17-بېتىدە ئەھمەد زىيائىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشى ھەققىدە توختالغىنىدا، «ئەھمەد زىيائى 1953-يىلى كاشغەرنىڭ سابىق ۋاليىسى ئىمىنوۋ ھامىدنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، ئۇلۇغ ئالىم... مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نادىر ئەسىرى ‹دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك›نى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، 1955-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان»... دېيىلگەن. بۇنىڭدا <سەيدۇللا سەيپۇللايوپ>نىڭ ئىسمى <ئىمىنوۋ ھامىد>قا، <1953-1951>يىللىرى<1954>يىلىغا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان بايانلارنىڭ روھى ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا 1954-1957-يىللىرىغىچە تۇرغان. ئۇنى يۈسۈپبەگ مۇخلىسوۋ، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىمىت روزى، ئەرشىدىن تاتلىق، ئابدۇرىشىت ئىسلامى قاتارلىقلار كۆرگەن ھەم مۇتالىئە قىلىش ئىستىكىدە بولغان. ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئىزدىنىشمۇ قىلغان(9).
1955-1957-يىللىرى ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا مۇزېي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، شۇ چاغقىچە توپلىنىپ، مەدەنىيەت نازارىتى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى قوليازمىلار، كىلاسسىك ئەسەرلەر مۇزېي ئىختىيارىغا ئېلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھمەد زىيائى، يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇۋ، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار90نەچچە پارچە قەدىمكى ئەسەرنىڭ كاتالوگىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، بۇلاردىن 70نەچچە پارچىسى دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىپ، <ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرىنىڭ كاتولوگى>ناملىق كىتابچە قىلىنىپ 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر تىلى ئۇسلۇبىدا بېسىلغان. كىتابنىڭ بېسىلىشىغا شىنجاڭ يەرلىك مۇزېيغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى مەسئۇل بولغان. ئۇنىڭ ئىچىگە «دىۋان» توغرۇلۇق ماددىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى»1، نومۇرى 58، 129،(بۇ نۇسخا)ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن 1953-1954-يىللىرى كاشغەر ۋالىيسى سەيپۇللا سەيدۇللايوپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلچىسى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىينىڭ بۇنىڭدىن 10ئەسىر ئىلگىرى ئەرەب تىلىدا يازغان «كىتاب دىۋان لۇغەتت تۈرك»ناملىق ئۇيغۇر تىلى ۋە گىرامماتىكىسىغا دائىر مەشھۇر كىتابىنىڭ تەرجىمىسىدۇر. بۇ كىتاب ئۈچ توم بولۇپ، بىرىنچى تومى 472 بەت، ئىككىنچى تومى 246بەت، ئۈچىنچى تومى 270بەتتىن ئىبارەت.>
<ئەسەرنى تەرجىمان بىر بەتنىڭ يېرىمىغا كىتابنىڭ ئۆز ئەينىنى زىر-زىۋەرلىك ئەرەب يېزىقى بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقىپ ئىككىنچى يېرىمىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى خەتتى پارسىى بىلەن يېزىپ تامام قىلغان. ئەسەر تولۇق. 1956-يىلى مۇزېي ئىختىيارىغا ئېلىندى...>
(ئىزاھات: بۇ باياندىكى 1953-1954-يىللىرى تەرجىمە قىلىندى دېگەن مەزمۇن يەنىلا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، بىراق قالغان مەزمۇنلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى.)
دېمەك، ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر مۇزېيىدا ساقلانغان.
تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋنىڭ 2000-يىلى10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى ئاغزاكى بايانىغا قارىغاندا، <دىۋان>نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ قەدىمكى قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىپ كەلگەن ھەمدە مىرسۇلتان ئوسمانوۋ بۇ قوليازما نۇسخىسى ۋە بۇ نۇسخنىڭ ئاخىرىغا ئەھمەد زىيائىي ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان <مەن بۇ كىتابنى كاشغەر ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللايوپنىڭ ئەمرى بىلەن كاشغەردە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم>دەپ يېزىپ قويغان ئېنىق قۇرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بىراق ئاپەتلىك <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>نىڭ باشلانغان يىلى، يەنى 1966-يىلى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مەسئۇلى مەلۇم بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئىشخانىسىدا كونا كىتابلارنى يىغىپ ساقلىغان دەپ تەنقىد قىلىنىپ، ئەدەپلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، <دىۋان>نى، يەنە <قۇتاغۇبىلىك>نىڭ 1940-يىللاردا ئۈرۈمچىدە نامەلۇم بىر ئۆلىمانىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى قاتارلىق بىر قانچە كونا كىتابلارنى قوشۇپ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ئاشكارە كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بۇ قېتىمقى كۆيدۈرۈلۈش جەريانىنىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
ئەھمەد زىيائى <دىۋان >نى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان؟ بۇ ھەقتە شائىر ئەھمەد زىيائى ھايات چېغىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: <1948-يىلى> ۋە <قۇتاغۇبىلىك>نى ئۈرۈمچىدىكى <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈتۈپخانىسى>دا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ كۇتۈپخانىدىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر -تۈرك تارىخىغا ئائىت كىتابلار بولۇپ، شۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە <قۇتاغۇبىلىك>نىڭ پەرغانە نۇسخىسى<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ مىسىر نۇسىخىسىدىن ئۈچ توم بار ئىكەن. >مەن نەنجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن شۇ كۇتۇپخانىدا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم شۇ گۆھەر ئابىدىلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. كېيىنكى چاغلاردا بىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>بىلەن <قۇتاغۇبىلىك>شۇ كۈتۈپخانىدىكى كىتابلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن(12).
بۇ باياندىن، <دىۋان> كاشغەردە شائىر ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار ئەينى زاماندا ئۈرۈمچى شەھرىدە ئېچىلغان <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۈپخانىسى>غا قويۇلۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ۋە كېيىنكى كۈنلەرگىچە ئىلمىي خادىملارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قېلىنغان نۇسخىسىنى تېپىپ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى ئوقۇلىدۇ.
]ئىزاھات: <يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۈتۈپخانىسى> بولسا 1945-يىلى مەلۇم، مەلۇم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسى كىتابلىرى ئاساسىدا ئاچقان كۈتۈپخانا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نەنلىياڭ كوچىسى (ئاياق مەھەللىسى)غا تەسىس قىلىنغان. (13).[
بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان(14). كاشغەردە سەيدۇللا سەيپۇللايوپ، ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ قاتارلىقلار بولسا بۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلاشقان. ھەتتا بۇ ئىككى رەھبىرى كادىر شەخسى يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. (15).ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك بولغىنى، ئەينى زاماندا دۆلەت تېخى يېڭىلا ئازاد بولغان، يېڭى جۇڭگو تېخى بالىلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دېگەندەك تۇراقلىشىپ كېتەلمەيۋاتقان، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيۋى قارىشى ئازاد بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى كىتابلارنىڭ قەدرىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقان، بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسياتى تەۋرىنىپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا <دىۋان>نىڭ تەرجىمەقىلىنىشى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل تولىمۇ زور ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئىدى.ئەينى زاماندىكى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئىلمىي خادىملار يۈكسەك سىياسىي ئاڭ، مىللى ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا ئورۇنلىغان، ئېغىر بېسىملارغا بەرداشلىق بەرگەن، قاتمۇ-قات قىيىنچىلقلارنى يەڭگەن، تەقدىرى بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلغان.
تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كەسىپداشلاربىلەن ئالاقىلىشىپ<دىۋان>نى نەشر قىلىش ئىشىنى قولغا ئالماقچى بولغان. 1956-يىلى نەشىرىيات رەھبەرلىكىگە بۇ توغرۇلۇق ئىلتىماس يازغان. ئىلتىماس نەشرىيات ئارقىلىق باش مىنىستىر جۇئېنلەيگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر ئىلتىماسنى كۆرۈپ، <ئەگەرئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كىلاسسىك ئەسىرى بولسا، چوقۇم نەشىر قىلىپ چىقىرىڭلار>دەپ تەستىق سالغان.(16).شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇتئى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان <دىۋان>نىڭ ئورىگىنالىنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يازغان. خەت شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلار ئۆز يولىغا چۈشكۈچە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن <دىۋان>نى نەشىر قىلىش ئىشى كېچىكىشكە توغرا كەلگەن
داۋامى بۇ مەنزىلدە بار
بۇ ماقالىنى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ناملىق ژورنالنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن (مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان) تەۋھىدە تەييارلىغان
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
没有评论:
发表评论