2008年12月23日星期二

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق






مەھمۇد كاشغەرىي ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق



ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي



بۇ يىل مىلادىيە 2008-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەشكە چاقىردى.
مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىل «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى».
نەقەدەر شاراپەت دېسەڭ ئەرزىيدۇكى، پەخىرلەن بۇنىڭدىن كاشغەرىي ئېلى!
مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇ؟ دۇنيا بىرلەشكەن دۆلـەتلەر تەشكىلاتى ئۇ زاتنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟ بۇ 2008-يىلنىڭ " مەھمۇد كاشغەرىي يىلى " بولۇشىنى كىم ئىلتىماس قىلغاندۇ؟ بۇنىڭدىن سۆيۈنۈشكە، شادلىنىشقا ۋە تېرىسىگە پاتمىغىدەك بولۇپ ھاياجانلىنىشقا كىملەر ئەڭ ھەقلىقتۇ؟...


1- مەھمۇد كاشغەرىي كىمدۇر؟

جاۋاب: " مەھمۇد كاشغەرىي ئېلىمىزنىڭ 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس، < تۈركىي تىللار دىۋانى > نىڭ ئاپتورى. مىڭ يىل ئىلگىرى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىدا، مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئۇلۇغ ئەدىب، ئالىم تۇغۇلۇپ، مەشھۇر < تۈركىي تىللار دىۋانى > دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قامۇس-- < تۈركىي تىللار دىۋانى > ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ مول نەتىجىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇلالىق مەرۋايىتتۇر! " ( قاراڭ: رەئىس ئىسمائىل تىلىۋالدى: < مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆز >، 2- 21-بەتلەر )


2- مەھمۇد كاشغەرىي قاچان، قەيەردە تۇغۇلغان؟

جاۋاب: " تۈركىي تىللار دىۋانى" دىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىي 1005-يىلى، قەدىمىي شەھەر كاشغەر ( ھازىرقى قەشقەر ) نىڭ ئوپال يېزىسى ئازىغ ( ھازىرقى قۇمباغ ) كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن." ( قاراڭ: نازىر ئابلىز ئابدۇرېھىم: < مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى سۆز > 1-بەت)


3- مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نەسەبى نېمە، ئاتا – ئانىسى كىم؟

جاۋاب: مەھمۇد كاشغەرىي نەسەب جەھەتتىن قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ خانزادىلىرىدىن بولۇپ، چوڭ دادىسى مۇھەممەد قارا خانىيلار خانلىرىدىن بولغان يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسى ھۈسەين ئۆز زامانىسىدا، كاشغەردىكى مەدرىسىلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەن بىلىملىك زات بولۇپ، يۈسۈف قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خانىم قارا خانىيلار دۆلىتىنىڭ ئېسىلزادىلىرىدىن بولغان خوجا سەيفۇددىننىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئېسىل تەبىئەتلىك، ئەقىللىق، ئۇقۇمۇشلۇق، مۇزىكىغا ھېرىسمەن ۋە پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، ئېرى ھۈسەيىننىڭ قابىل ياردەمچىسى بولغانىدى. (قاراڭ: يۇقىرىقى ھۆججەت، 1-2-بەتلەر)


4- مەھمۇد كاشغەرىي قانداق مەكتەپلەردە ئوقۇغان؟

مەھمۇد كاشغەرىي باشلانغۇچ مەرىپەتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدرىسىلەردە ئالغان. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپنى بولسا، كاشغەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلىرىدىن بولغان " مەدرەسەئى ھەمىدىيە " ۋە " مەدرەسەئى ساچىيە" لەردە كۆرگەن. ئۇ مەزكۇر ئالىي ئىلىم يۇرتلىرىدا، زامانىسىنىڭ ئەللامىلىرىدىن سانىلىدىغان ھۈسەين ئىبنى خەلەف كاشغەرىيدەك كاتتا ئالىملارنىڭ ھۇزۇرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆز ئانا تىل - ئەدەبىياتىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىل – ئەدەبىياتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئاندىن يەنە، ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىي ئىنسانلىرىدىن بولۇشقا كېرەكلىك بولغان ئىسلام تارىخى، ئىسلام پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، مەنتىق ئىلمى، جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچىمۇ ئوقۇپ، يېتىك بىلىمگە ئىگە بولغان. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ھۆججەت، 2-3-بەتلەر)


5- نېمە ئۈچۈن « مەھمۇد كاشغەرىي» دەيمىز؟

جاۋاب: ئۇنىڭ دادىسى ئىسمىنى " مەھمۇد " دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ " مەھمۇد " دەپ ئاتايمىز. مەھمۇدنىڭ ئۆزى ۋە زامانداشلىرى ئۇنى " كاشغەرىي " دېگەن تەخەللۇس بىلەن قوشۇپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلقئارادىكى پۈتكۈل ئىلىم ئەھلى بىردەكلا " مەھمۇد كاشغەرىي " دەپ ئاتاۋاتقانلىقى، بىزمۇ ئاشۇنداق ئاتىيالايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەينەن قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئاتايمىز ۋە ئىملاسىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق « مەھمۇد كاشغەرىي»
( Mahmud Kashghariy)دەپ يازىمىز.


6- « كاشغەرىي» دېگەن سۆز نېمە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ؟

جاۋاب: " كاشغەرىي " دېگەن سۆز تار مەنىدە، " كاشغەرلىك"، يەنى بۈگۈنكى " قەشقەرلىك " دېگەن بولىدۇ. كەڭ مەنىدە بولسا، " كاشغەرىيەلىك " يەنى تارىختا " كاشغەرىيە – قەشقەرىيە " دەپمۇ ئاتالغان بۈگۈنكى " جۇڭگو شىنجاڭلىق " دېگەن بولىدۇ. بىز جەزمەن ئىملالىق " كاشغەرىي " دەپ ئاتاپ، ئۇنى كەڭ مەنىدە قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. دېمەكچىكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز نۆۋىتىدە پۈتكۈل شىنجاڭلىق ۋە جۇڭگولۇقنىڭ شەرىپى.
كاشغارى ئۇيغۇرشۇناسلىق تورىك


7- « مەخمۇت قەشقىرى» دەپ ئاتىساق نېمە بولىدۇ؟

جاۋاب: " مەھمۇد كاشغەرىي " دېمەي، " مەخمۇت قەشقىرى، مەخمۇت قەشقەرى، مەھمۇت قەشقىرى، مەھمۇد قەشقىرى " دەپ ئاتىساق ۋە يازساق، بىلىمسىزلىك، ساۋاتسىزلىق ۋە قاششاقلىق بولغاندىن سىرت، ئالىم بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيگە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، خالاس!


8- بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى ئالەمگە تونۇتقان ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى قايسى؟

جاۋاب: " دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك "(Diwanu Lughatit Turk). بۇ ئەرەبچە ئىزافەتلىك بىرىكمە سۆز بولۇپ، بىرىكمە تەركىبىدىكى " دىۋان " ( " ئا" ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش ) كەلىمىسى بۇ يەردە، " چوڭ لۇغەت، قامۇس " دېگەن بولىدۇ؛ " لۇغات " ( " ئا" ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش ) كەلىمىسى " تىللار، زۇۋانلار " دېگەن بولىدۇ؛ " تۈرك " كەلىمىسى بولسا، " تۈركىي تىللىق خەلقلەر، تۈركىيلەر " دېگەن بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە بىلەن ساغلام ئاتىلىشى " تۈركىي تىللار دىۋانى " دۇر.


9- مەھمۇد كاشغەرىي پۈتكۈل ئۆمرىدە « تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن بىرلا ئەسەر يازغانمۇ؟

جاۋاب: ياق. ئۇنىڭ يەنە " كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغاتىت تۈرك " ( تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى ) دېگەن ژىرىك ئەسىرىمۇ بولغان. بۇ ھەقتە ئالىم بوۋىمىز " تۈركىي تىللار دىۋانى " دا: " بۇ يەردە سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، سېلىشتۇرۇش، كىچىكلىتىش، ئاشۇرۇش ۋە تۈرلىنىش ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمىدى. چۈنكى بۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا < كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغاتىت تۈرك > دەپ ئات قويدۇم " دەپ مەلۇمات بەرگەن.


10- « كاشغەرىيشۇناسلىق» دېگەن نېمە؟

جاۋاب: كاشغەرىيشۇناسلىق دېگىنىمىز، خۇددى " نەۋائىيشۇناسلىق " دېگەنگە ئوخشاش ئىلىم نامى بولۇپ، ئۇ بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ شەخسىيىتى، ئۆرنەك روھى ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپ قىرلىق خاس تەتقىقات ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ.


11- « كاشغەرىيشۇناسلىق» بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى» شۇناسلىقنىڭ پەرقى نېمە؟

جاۋاب: بەزى ئىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن " دىۋانشۇناسلىق " دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان " تۈركىي تىللار دىۋانى " شۇناسلىق پەقەت قامۇس " تۈركىي تىللار دىۋانى " ئۈستىدىلا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى، كاشغەرىيشۇناسلىق بولسا، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى، ئالىملارغا خاس روھى، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن ئالىمنىڭ كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى، ھەتتا ئالىمنىڭ يار-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، مۇھاكىمىگە قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دائىرىسىگە كىرىدۇكى، كاشغەرىيشۇناسلىق كۈنىمىزدىكى تۈركىلوگىيە ئىلمى دۇنياسىدا، ئەڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىلىملارنىڭ بىرسىدۇر.
كاشغارى ئۇيغۇرشۇناسلىق تورى.


12- 2008-يىلنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولۇشىنى قايسى دۆلەت ئىلتىماس قىلغان؟ ۋە بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

جاۋاب: 2008-يىلنىڭ " مەھمۇد كاشغەرىي يىلى " بولۇشىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىلتىماس قىلغان. بۇ ھال ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ: " 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسى بولغان < تۈركىي تىللار دىۋانى > بىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن بىرىدۇر. بۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ مۇناسىپ بۇرچىمىزدۇر. لېكىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇدنى < كاشغەرلىك – بۈگۈنكى قەشقەرلىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نادىر مەدەنىي مىراسى > دېيىش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز ئەسىرىنى < خاقانىيە تىلى > دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا، پۈتكۈل تۈركىي قەبىلىلەر تىللىرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا < دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك > دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، < تۈركىي تىللار دىۋانى > نى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان ھەممە خەلقلەر ئۈچۈن ئورتاق بايلىق دەپ قارايمىز " ( قاراڭ: " تۈركىي تىللار دىۋانى " ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى، < كىرىش > 48-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىل نەشرى ) دېگەن ئىلمىي قارىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. دېمەك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ 2008-يىلنىڭ " مەھمۇد كاشغەرىي يىلى " بولۇشىنى ئىلتىماس قىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنىنىڭ تەستىقلاپ قارار ئېلان قىلىشى ۋە پۈتكۈل تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇپ، تۈشمۇ تۈشتىن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شادىيانە تەنتەنە قىلىشى – بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارالىق بۈيۈك ئالىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزمۇ سۇسلۇق قىلماي، ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئۆزلۈكسىز ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز لازىمدۇر، ئەلۋەتتە

menbe: http://asrim.cn

&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论