م«مەھمۇد كاشغەرىي» رومانى
ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنىۋېرسىتىتىدە، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق ئۇقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى قاتناشتى.
ئىككى سائەتچە داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن جەمىئىي 11 نەپەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى سۆز قىلدى.
ئۇلار ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھاد جىلاننىڭ تارىخىي رومانى «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئەمەلىيەتتە، ياش ئەۋلادلارنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى چۇڭقۇر ، ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىي ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كېلۋاتقانلىقىنى مۇئەييەللەشتۈردى.
يىغىن داۋامىدا، ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ يىغىن ئەھلىگە يازغان ئىلھامبەخىش تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىن ئاخىرىدا، پروفىسور ، كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى ئۇستاز ئابدۇرەئوف پولات تەكلىماكانىي يىغىندىن خۇلاسە چىقاردى.
«پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق ناخشا بىلەن باشلانغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشتىن - ئاياغ تولىمۇ جۇشقۇن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. سۆزگە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيگە يۈز كېلەلىگۈدەك نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.
شۇنداقلا 2008 - يىلىنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بىكىتىلگەنلىكىگە مەمنۇنىيەت بىلەن تەنتەنە قىلىشتى.
مەنبە:
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-48977.html
http://www.orkhun.com/bbs/read.php?tid=1918
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:
发表评论