2008年12月24日星期三

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان لۇغاتىت تۇرك» كىتابى


يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ «دىۋانشۇناسلىق» تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر، لۇغەت، قامۇس ۋە قوللانمىلاردا نامايان قىلىندى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئائىت بىلىملەر بېرىلدى. ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا «دىۋانشۇناسلىق» ناملىق مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىندى





ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ

«تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى



— مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن


ئوسمان ئىسمائىل تارىم


مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئىنسانىيەت بىرىنچى 1000 يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەمدىلا ئىككىنچى 1000 يىلغا قەدەم قويغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى. بوۋاقنىڭ دادىسى ئەمىر ھۈسەيىن ئۇنىڭغا مەھمۇد دەپ ئىسىم قويدى. بۇ بوۋاق كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بىباھا ئەسىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئىدى.
مەھمۇد كاشغەرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن قاراخانىيلار پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرى قەشقەر بىلەن يەكەندە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدمۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاراخانىيلار تەۋەلىكىنى بۆلۈشۈپ باشقۇردى. بۆلۈشۈشتە مۇھەممەد بۇغراخانغا، يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاس ۋە ئىسفىجاب زېمىنلىرى تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ئۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئوغلى ھۈسەيىننى، يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ دادىسىنى بارىسخان شەھىرىگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەھمۇد كاشغەرى بارىسخان شەھىرىنى «ئاتامنىڭ شەھىرى» دېگەنىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئاتام باشقۇرغان شەھەر» دېگەنلىك ئىدى. ئەمما ئۇ قەشقەردىكى «ئوپال» ۋە «ئازىق»نى بارىسخاندىن پەرقلەندۈرۈپ «بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى» دەپ ئېنىق يازدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ۋە دادىسى ھۈسەيىنلەر كېيىنكى كۈنلەردە قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىل قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خېنىم قەشقەر ئوپال ئازىق مەھەللىسىدىكى بىلىملىك زات خوجا سەيپىدىن بۈزرۈكۋارنىڭ قىزى ئىدى. بۈۋى رابىيە دادىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى بىلەن مول مەلۇماتلىق ۋە گۈزەل پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ يېتىلگەنىدى.

مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغان چاغدا مەملىكىتىمىز جۇڭگودا سۇڭ سۇلالىسى، لياۋ سۇلالىسى ۋە قاراخانىيلاردىن ئىبارەت ئۈچ ھاكىمىيەت تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. قاراخانىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قۇرغان ھاكىمىيەت بولۇپ، گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى – مىڭلاق ۋادىسى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شۇنىڭدەك ماۋارائۇننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. مەھمۇد كاشغەرى ياشىغان دەۋردە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنىدى. شەرقىي قىسىمدىكى قەشقەر ۋە بالاساغۇن، غەربىي قىسىمدىكى سەمەرقەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق جايلاردا شەھەر ۋە قەلئەلەر، مەدرىس ۋە بىلىم يۇرتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەنىدى. بۇ مەركىزىي شەھەرلەرگە، بولۇپمۇ پايتەخت قەشقەرگە نۇرغۇن بىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئەدىبلەر توپلانغانىدى. بۇ شەھەردىن دىنىي ئۆلىمالار، ئالىملار، مەشھۇر شائىر ۋە تېۋىپلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققانىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئەنە شۇنداق ياخشى ئىلمىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئائىلىسى ۋە ئوپالدىكى مەكتەپلەردە ئالدى. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەيىن قەلەم ۋە ئەلەمدە تەڭ يېتىلگەن يۇقىرى ئىقتىدار ئىگىسى ئىدى. ئانىسى بۈۋى رابىيەمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. شۇڭا ھۈسەيىن بىلەن رابىيە بالىسىنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مەھمۇد كاشغەرى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى «مەدرىسەئى ساجىيە» ۋە «مەدرىسەئى ھامىدىيە» قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئالدى. بۇ بىلىم يۇرتلىرىدا ھۈسەيىن ئىبىن خەلف كاشغەرى، ئوبۇلھەسەن سەئىد خاتەم سەئىد جالالىدىن باغدادى، ئىماددىدىن كاشغەرى، ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرى، مۇھەممەد ئىبنى رەشد ئىبنى ئەلى كاشغەرى، جامالىددىن كاشغەرى قاتارلىق ئالىملار دەرس ئۆتەتتى. مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئالىملاردىن ئەرەب، پارس تىللىرى، مەنتىقە ئىلمى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم، تېبابەت قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنسە، قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى سەركەردىلەردىن ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى. نەتىجىدە ئۇ 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «ئەڭ سۆزمەن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغان، ئەڭ زېرەك، جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋاز»لاردىن بولۇپ يېتىشتى. مەھمۇد كاشغەرى ئۆز دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر يۈكسەك ئارمان ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى. بۇ ئارمان – ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يېزىش ئىدى. ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيگەن بۇ ئالىم «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس – تۈگىمەس بىر بايلىق» يارىتىش مەقسىتىدە ئاخىر بۇ ئۇلۇغ ئىشقا قەدەم قويدى.

مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي خىزمىتىنى ئاۋۋال ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن باشلىدى. ئۇ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، بارچۇق (مارالبېشى)، ئۇش (ئۇچتۇرپان)، كۈسەن (كۇچا)، سۇلمى (قاراشەھەر)، قوچۇ (تۇرپان)، جانبالىق (سانجى)، بەشبالىق (جىمىسار)، ياڭى بالىق (قۇتۇبى) قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى، بۇخارا، سەمەرقەنت، تالاس، ئىسفىجاپ، بالاساغۇن، شۇ، قاۋزىن، مەرۋ، بارمان، بارىسخان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇرتلارنى كېزىپ چىقىپ، ئۇيغۇر، تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركى قوۋملارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى بىر – بىرلەپ خاتىرىلەپ چىقتى. ئۇ يەنە بۇ كەڭ رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ قوشاق – بېيىتلىرى، داستان – ئېپوسلىرى، ماقال – تەمسىللىرى ۋە ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە توپلىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە جاپاغا چىداش روھى بىلەن قىلغان ئون نەچچە يىللىق ئىلمىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئاخىرى مول ماتېرىيالغا ئىگە بولدى ۋە ئۆزى توپلىغان بۇ ماتېرىياللارنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.

مەھمۇد كاشغەرى توپلىغان ماتېرىياللىرىنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن رەتلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەمما ئۇ قەشقەردە بۇ كىتابىنى قايسى ئۇسۇلدا يېزىشنى بىلمەي قالدى. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان باغدادتا نۇرغۇن كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئەرەب تىلىدا تۈزۈلگەن لۇغەتلەرمۇ بار ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىدىن بۇرۇنقىلار تۈزگەن ئەشۇ لۇغەتلەرنى كۆرمىسە، ئۇنىڭدىن پايدىلانمىسا بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا بېرىشنى زۆرۈر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز يۇرتى ئوپالدىكى «مۇق يولى» ئارقىلىق پامىر تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇخارا ئارقىلىق نىشاپورغا ۋە ئۇ يەردىن باغدادقا يۈرۈپ كەتتى.

مەھمۇد كاشغەرى باغدادقا كەلگەندىن كېيىن ئەرەب تىلشۇناسلىرىنىڭ لۇغەت تۈزۈشتە ئىشلەتكەن بارلىق ئۇسۇللىرىنى بىر – بىرلەپ تەتقىق قىلدى ۋە مۇشۇ ئاساستا تۈركىي تىللارنىڭ لېكسىكولوگىيە ماتېرىياللىرىنى رەتلەشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەسىرىنى «ئۆزىدىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە، ئۆزىگە خاس قائىدە، يېڭى ئۆلچەمدە» يېزىپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئاۋۋال تۈركىي تىللارنىڭ سىنتاكسىسىغا ئائىت بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «تۈركىي تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يېزىشقا كىرىشتى. بۇ مۇشەققەتلىك ئەمگەكنى مىلادىيە 1072 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى باشلاپ، 1074 – يىلى 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تاماملىدى. ئارقىدىن يەنە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۈزىتىپ، 1077 – يىلى ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى بېكىتتى ۋە شۇچاغلاردا ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ تەختىگە يېڭىلا ئولتۇرغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلدى.

مەھمۇد كاشغەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئانا يۇرتى ئوپالغا ماكانلاشتى. ئۇ ئوپالدىكى مەدرىستە مۇددەرسلىك قىلىپ، ياشلارغا نۇرغۇن بىلىم بەردى. نورۇز بۇلاقنىڭ بويىدا شاگىرتلىرى بىلەن شېئىر – نەزمە ئوقۇشتى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىشتى. بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆمۈر بويى ئىلىم ئىشقىدا كۆيۈپ پىشىپ، 97 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. كىشىلەر ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاغ باغرىدىكى «چەشمە زۇلال» ناملىق بۇلاق ئۈستىدىكى سەيناغا دەپنە قىلدى.

مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە 7500 دىن ئارتۇق سۆزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ بەردى، شۇڭا بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى يېگانە قامۇس دەپ ئاتالدى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىسىنى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازىپ بىيىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە مىلادىيە 1914 – يىلى تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بىر كىتابپۇرۇشنىڭ سېتىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر كىتاب ھەۋەسكارى ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئەلى ئەمىر بۇ كىتابنى كىلىسلى رىفئەتكە تاپشۇردى. رىفئەت 1917 – يىلىدىن 1919 – يىلىغىچە بۇ قوليازمىنى ئۈچ توم قىلىپ مىخ مەتبەئەدە باستۇردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ جاھاندا تەڭدىشى يوق ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولدى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» ھازىرقى زامان ئالىملىرىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، كەينى – كەينىدىن ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور شۆھرەت قازاندى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار، جۈملىدىن بېسىم ئاتالاي، كارل بروككېلمان، شاكىر ئۆلكۈتاشىر، ئومېليان پرتساك، مارتىن ھارتمان، فۇئات كوپرۇلۇ، روبېرت دانكوۋ، ن. ئا. باسكا كوۋ، سالىھ مۇتەللىپوۋ، كلاۋسون، بارتولد، ئەخمەد زەكى ۋەلىدى، كىلياشتورنى، لۇيىس بازىن، ئىتتۇر روسسى، تايمىس، شېنكوۋىچ، رىشات گەنج، جەمىس كېللىي، شىناسى تېكىن، كونول ئالپاي تېكىن قاتارلىقلار ئۇشبۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنى 900 يىلدىن بېرى «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دەپ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى «ھەزرىتى موللام» دەپ ئاتىدى. ئالىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قەشقەر كونىشەھەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل نورۇز بۇلاق ئېگىزلىكىگە مەقبەرە تىكلەندى. كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرى مۇددەرسلىك قىلغان مەدرىسنى «مەھمۇدىيە»، دەپ ئاتىدى ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ خاس تەزكىرىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بۇ تەزكىرە «تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام» نامى بىلەن قولدىن – قولغا كۆچۈرۈلۈپ كەلدى. 1836 – يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەر ئۆلىماسى ۋە ئەدىب مۇھەممەد سادىق كاشغەرى «مەسنەۋى شېرىپ» ناملىق قىممەت باھالىق كىتابىنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازىرىغا تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا «بۇ كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن ئوغلى، قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە قىلدىم» دەپ يازدى. بۇ ۋەخىپنامىدە مەھمۇدى كاشغەرىنىڭ نامى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە ئالىمنىڭ مۇبارەك نامىنى قەلب تۆرىدە ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

19 – ئەسىرنىڭ داڭلىق شائىرى ئابدۇرېھىم نىزارى:

«ئوپالدا يېتىپتۇ ھەزرىتى مەۋلى،
كى موللام ئاتاپ ھەر زەئىپۇ قەۋى»


دەپ يېزىپ، مەھمۇد كاشغەرىنى چوڭقۇر ياد ئەتكەن بولسا، شۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر شائىرى تۇردۇش ئاخۇن غەربىي مەھمۇد كاشغەرى مەدرىسىنىڭ ئىشىكىگە:

«ئۈمىد بىرلە كېلىپتىمەن دەرگاھىغا پادىشاھىم دات،
بۇ بەقرۇ – زارى بىرلە ئەرز قىلدىم، قىلغىمىل بەرباد»

دەپ يېزىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاس – ئېتىقادىنى ئىپادىلىدى.


20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئانا ۋەتىنىدە ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئابدۇقادىر داموللام ۋە قۇتلۇق شەۋقىلەر تۈركىيىدە رېفئەت تەرىپىدىن مىخ مەتبەئەدە ئەمدىلا بېسىپ چىقىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دەرھال قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. 1920 – ، 1930 – يىللىرى قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، شەمسىدىن داموللام، مەمەتئېلى تەۋپىق قاتارلىقلار مەھمۇد كاشغەرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە بەلگىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.

قۇتلۇق شەۋقى «قەشقەر» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازدى:

«يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى ‹دىۋانۇ لۇغەت›
مەھمۇدىل قەشقەر كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر»


1940 – يىللارغا كەلگەندە بورھان شەھىدى، ئەھمەد زىيائى، ئىبراھىم مۇتئى، ئىمىن تۇرسۇن، ھىدايىتۇللا ئاخۇن، سابىر ئاخۇن، ئابلىمىت روزى قاتارلىق ئالىملار ماقالىلەرنى يېزىپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئىسمائىل داموللا دىگەن كىشى رېفئەت نەشر قىلدۇرغان مىخ مەتبەئە نۇسخىسىنى چۆچەكتە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى باشلاپ، ئۇنىڭ 1 – تومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، بىر قىسىم ئالىملار بۇ خىزمەتكە جەلپ قىلىندى. مەسىلەن: 1951 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە قەشقەردە ئەھمەد زىيائى ۋە مۇھەممەد پەيزىلەر، 1960 – ، 1965 – يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى ۋە مۇھەممەد سالىھلار «تۈركىي دىۋانى دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئەمما ئۆز ۋاقتىدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ كاساپىتىدىن بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى نەشر قىلىنالمىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1979 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگو ئالىملىرىدىن مۇھەممەدجان سىدىق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، گۇئاڭتيەن، ئەھمەد زىيائى، ئابلىمىت روزى، گېڭ شىمىن، فېڭ جياشېڭ، چىڭ سۇلۇ، مۇگۇاڭۋېن، خۇ جېنخۇا، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، خاۋ گۇەنجۇڭ، مائەن قاتارلىقلار ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، «دىۋان»نى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.


مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا ھەقىقىي يوسۇندا سىستېمىلىق ئىشلىنىشكە باشلىدى.

1978 – يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ بىر نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 1981 – يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى نۇسخىسىمۇ نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. 1982 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن ئىبراھىم مۇتئى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق، مۇھەممەد ئىمىن سايىت، ئابدۇرېشىت سابىت، ئىسمائىل ئىبراھىم قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام قەبرىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان پولاتتەك پاكىتلار پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىنىپ، «دىۋانشۇناسلىق» تەتقىقاتى جەھەتتە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتتى. نەتىجىدە 900 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي قەبرە قايتىدىن چوڭ رېمونت قىلىندى. قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 مىڭ كۋادرات مېتىر ئورۇن مۇھاپىزەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭقى كەتكەن زىيارەتگاھقا ئايلاندى.

يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ «دىۋانشۇناسلىق» تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر، لۇغەت، قامۇس ۋە قوللانمىلاردا نامايان قىلىندى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئائىت بىلىملەر بېرىلدى. ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا «دىۋانشۇناسلىق» ناملىق مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىندى. مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن رەسىم، ھەيكەل، ناخشا، شېئىر ۋە رومانلار ئىجاد قىلىندى. «دىۋانشۇناسلىق»قا بېغىشلانغان مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى توختىماي ئېچىلىپ تۇردى، بولۇپمۇ 2005 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەردە مەملىكەت بويىچە ئالىملار يىغىلغان كاتتا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» 11 – ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ بىباھا مىراسى. ئادىمىيات پەنلىرى ساھەسىدىكى يېگانە مۆجىزە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، جۇغراپىيە، فولكلورسىتىكا، ئېتنوگرافىيە، ئانتىروپولوگىيە ۋە سوتسىئولوگىيە پەنلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ يۈكسەك نەمۇنىسى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى. قەشقەر خەلقىنىڭ نەسەب يىلتىزى ئۇنىڭغا تۇتىشىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خەلقى 900 يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئالىمىنى ياد ئېتىپ كەلدى. ئۇنىڭغا مەقبەرە تىكلىدى، ئىخلاس قىلدى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەزكىرە يازدى. ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن بىلىمى، يۈكسەك پەزىلىتىنى مەدھىيىلەپ ئاغزاكى ھېكايىلەرنى توقۇدى ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىتىپ كەلدى. دۇنيا بويىچە مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمىدىن ھەقلىق يوسۇندا پەخىرلىنىدۇ !

مەنزىل : شىنجاڭ گېزىتى


没有评论:

发表评论