پوقاق ئەپسانىسى
چىۋە ئەپسانىسى
قولباق ئەپسانىسى
كۆك توپۇلغان ئەپسانىسى
ئافراسىياپ ۋە ئافراسىياپقا باغلانغان رىۋايەتلەر
تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى
ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ يېشىمى(1)
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
تەھرىر ئىلاۋىسى :
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ب د ت پەن -مائارىپ مەھكىمىسى 2008-يىلنى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتتى. بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز. ئالىمنىڭ نام-شەرىپى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمىگەي!
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بىزگە بەرگەن يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغىسى-ئۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى، بىزگە تېخى بىرەر كىتابتا مەلۇماتمۇ بېرىلمىگەن بىر قىسىم ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى خاتىرىلەپ قويغان. بۇ ئەدەبىي مىراس بىزگە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ھاياتى، تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئىدىيىۋى چۈشەنچىلىرى، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى، تارىخى تەرەققىياتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال؛ بەزىلىرى بىزگە تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىنى ئاغزاكى يول بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تارىخنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى.
ئەپسانە-رىۋايەتلەر كىشىلەرنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتلىرىگە بولغان يېزىقسىز دەۋرلەردىكى چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا پەيدا بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئىدىيىۋى ھېسسياتلىرى بىلەن تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، بېيىپ خېلى مۇكەممەل مەزمۇنغا ۋە قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ژانىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەڭرىگە ، ئىلاھلارغا، باغلىنىپ بايان قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېغىزىدا خەلق ھاياتىنىڭ ناھايىتى ساپ، جەلىپكار، ئوبرازلىق كارتىنىسى نامايان بولىدۇ. رىۋايەتلەر ئەسلىدىن ئالغاندا، شۇ رىۋايەتنى ياراتقان خەلقنىڭ يېزىقسىز تارىخى. ئۇ بىزگە ئىنتايىن گۈزەل ھايات كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئەپسانە-رىۋايەتلەر لىرىك شېئىرلاردەك ھېسسىياتتىن ئۇرغۇپ چىققان پىكىر دۇردانىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ خەلقنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىلىش تارىخىنىڭ بىر ئەينىكى.
تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىدا سانسىزلىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. قەدىمكى قەبرىلەردىكى ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردا ئىپادىلەنگەن ئاجايىپ سىرلىق ئوبرازلار، مىڭئۆيلەردىكى يارالمىش ئوبرازلار، قىرىق، توققۇز، يەتتە، ئۈچ قاتارلىق سىرلىق مۇقەددەس سانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئەسلى چۈشەنچىلەر، نەچچە مىڭلىغان ماقال -تەمسىللەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا رول ئوينىغان تۇرمۇش ھىكايىلىرىنىڭ ئارقىسىدا مىڭلىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. ئەپسۇسكى، يېزىق تارىخىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بىرقىسىم ئەپسانە-رىۋايەتلەربەزى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن خاتىرىلىنىپ قالغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى خاتىرىلەنمەي، ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋردىن دەۋرگە ئۆتۈش سەپىرىدە بەزىلەرنىڭ <ئېتى >ھېرىپ قېلىپ سەپتىن چۈشۈپ قالغان. بەزىلىرى ھازىرغىچە يېتىپ كېلىش پۈرسىتىگە ئېرىشكەن.
مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىلەپ قويغان ئەپسانە-رىۋايەتلەر شۇ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنغان ئىنتايىن ئاز بىرقىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ زات قۇتۇلدۇرۇپ قالمىغان بولسا، ئۇنىڭ كۆپىنىچىسى دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. مەسىلەن: <ئۇيغۇر >ھەققىدىكى رىۋايەت باشقا تارىخىي مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەر بىلەن خېلى كۆپ پەرىققە ئىگە . <ئۇيغۇر>نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسى ھەققىدىكى تارىخىي <شەجەرەئىي تۈرك>تىكى رىۋايەتتە، <ئۇيغۇر>نامىنىڭ ئىتمولوگىيىسىنى ئوغۇزخانغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، <ئۇيۇشقاق، يېپىشقاق> مەنىسىدە چۈشەندۈرۈلگەن بولسا، مەھمۇد كاشغەرىي قالدۇرغان رىۋايەتتە، بۇ رىۋايەتنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنى زۇلقەرنەيىنگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە <ئۆزىنىڭ ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان قەھرىمان، باتۇر، لاچىندەك پەرۋاز قىلىدىغان مىللەت> دېگەن مەنىدە يەشكەن. بۇ رىۋايەت تارىختا بارلىققا كەلگەن باشقا مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىلىمىگەن بولسا، بۇ رىۋايەت بىلەن ئۇچرىشىش بەختىدىن بەھرىمەن بولالمىغان بولاتتۇق.
<دىۋان>دىكى ئەپسانىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز، مەزمۇنىمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم ھادىسىلەرھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئاددىي ئەپسانىلەردىن ئىبارەت. ئۇ ئەپسانىلەر ئىچىگە ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئاڭنىڭ مەھسۇلى بولغان يارالمىش ئەپسانىلەردىن بىرەرسىمۇ كىرمىگەن.
پوقاق ئەپسانىسى
<دىۋان>دا خاتىرىلەنگەن <پوقاق ئەپسانىسى> رىۋايەتلىك ھەم ئەپسانىۋى ئامىللاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى تارىختىكى مەلۇم بىر تارىخىي ۋەقەگە، تارىخى شەخىسكە باغلانغان. ئەپسانىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېيىنكى ساھابىلىرى بىلەن <كاپىر>تۈركىي قوۋملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق ئۇرۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن: <بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز ناھايىتى ئۈنلۈك كاپىرلار ئىكەن. تەڭرى ياراتقۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقاندا ئاتا -بوۋىلىرىمىز كىچىكلەپ چۇقان-سۈرەن سېلىپ باسقۇن ياساپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چۇقان-سۈرەنلىرىدىن مۇسۇلمانلار ھودۇقۇپ كېتىپ، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىپتۇ. بۇ خەۋەر خۇدا رازى بولغۇچى ئۆمەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇلارنى قارغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بوغۇزىدا بىرخىل كېسەل پەيدا بوپتۇ ۋە ئەۋلادىغا مىراس بولۇپ قاپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈنلۈك گەپ قىلالايدىغان ھېچقانداق ئادەم يوق >(2-توم416-بەت).
بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئىسلام تارىخىدىكى تۆت چاھاريارنىڭ بىرى بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى ئىپادىلىگەنلىكى نامايان بولىدۇ. بۇ ئەپسانىنىڭ رىۋايەتلىك تەركىبى. ئۆمەرنىڭ قارغىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بوغۇزىدا پوقاقنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەپسانىۋى يۈكلىمە. چۈنكى، پوقاق يود كەملىكىدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دىيارىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا پوقاق كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ئاندا-ساندا ئۇچرايدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن پوقاق كېسىلىگە گېرىپتاربولغانلارنىڭ پوقىقى مەھمۇد كاشغەرىي تەسۋىرلىگەندەك بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆكسىنى ۋە پۇتىنى كۆتىرەلمەيدىغان دەرىجىدە يوغىناپ كەتكەنلىرىمۇ بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىپ، پوقاق كېسىلى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىلدى.
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ كېسەلنىڭ ھەرگىزمۇ قارغاشتىن بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكىنى، نەسىلدىن نەسىلگە مىراس قالىدىغانلىقىنى بىلگەن: <پوقاق بوغۇزنىڭ ئىككى يېنىدا، تېرە بىلەن گۆشنىڭ ئارىلىقىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل بەزسىمان گۆش، پەرغانە بىلەن شىخنى شەھرىدە مۇشۇنداق كېسەل تەگكەن كىشىلەر بار، پوقاق نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتىدۇ> ، بۇ قاراش ئەلۋەتتە خېلى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە چۈشەنچە ئىدى.
نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، ئۆمەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلارنىڭ قانداق بولغانلىقى تارىخىي مەسىلە، بۇنىڭدا بىزگە ئەڭ لازىملىق بىر ئۇچۇر بار، ئۇ بولىسمۇ، 7-ئەسىرلەردە بۇ زېمىندا <كاپىر >تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ياشىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ ئەرەب قۇشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغۇدەك خېلى قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئەرەب قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ۋەقەلىكنىڭ كۆلەڭگىسى نامايان بولىدۇ.
چىۋە ئەپسانىسى
بۇ ئەپسانىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا <ئىككى يۇرت كىشىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئىككى يۇرتتىكى جىنلارمۇ ئۆز يۇرتىدىكىلەرنى قوللاپ ئۇرۇشىدىكەن. جىنلارنىڭ قايسى تەرىپى يەڭسە، شۇ يۇرت كىشىلىرىمۇ غەلىبە قىلىدىكەن. قايسى جىنلار يېڭىلسە، شۇ يۇرتنىڭ كىشىلىرىمۇ ئۆلىدىكەن. تۈركلەر جىنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېچىدە چېدىرلارغا كىرىۋالىدىكەن>(3-توم311-بەت).
<چىۋى>يەنى جىنلار ھەققىدىكى بۇ ئەپسانىنى ئەپسانە دېگەندىن كۆرە، تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ بىر خىل چۈشەنچىسىدىن پەيدا بولغان ئادىتى دېگەن تۈزۈك. چۈنكى ئۇنىڭدا تۈركىي قوۋملارنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىش ياكى يېڭىلىشىنى بىرتەرەپنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى، پاراسەت ۋە ئۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ياكى تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى جىنلار گورۇھىنىڭ يېڭىلگەن ، يېڭىلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىدىغان بىر چۈشەنچە ۋە مۇشۇ چۈشەنچىدىن پەيدا بولغان ئادىتى ئىپادىلەنگەن. بۇ چۈشەنچىنىڭ ئارقىسىدا بەلكىم مۇكەممەل بىر ئەپسانىۋى ھېكايىلەر بولغان بولۇشى مومكىن. بىراق مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىڭ جەريانىنى ئالماستىن، پەقەت ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئادەتلىنىپ كەتكەن تەرىپىنىلا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
<جىن >چۈشەنچىسى قەدىمكى شامان دىنىدىمۇ، بۇددا دىنىدىمۇ، ھەتتا ئىسلام دىنىدىمۇ بار. بۇ چۈشەنچىلەردىن <جىن >دىن ئىبارەت بىر<خەلق>مەۋجۇت، ئۇلار كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. قىسمەن ئادەملەرنىڭ كۆزىگە كۆرىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زاماندىمۇبىر قىسىم داخانلار جىنلارنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن ئادەملەرنىڭ قىسمەتلىرىنى بىلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە گەپلەرنى قىلىدۇ.بۇ خىل چۈشەنچە ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردە پەيدا بولغان بولسىمۇ ،11-ئەسىرلەردىمۇ يەنىلا بۇ خىل ئادەت داۋاملىشىپ كەلگەن.
قولباق ئەپسانىسى
<قولباق> تۈركلەردىن بىر ئەۋلىيانىڭ ئىسمى. ئۇ بالاساغۇن تاغلىرىدا ياشايدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ قارا تاشقا <تەڭرى ئوغلى قولباق >دەپ يازسا، ئاق بولۇپ چىقىدىكەن. ئاق تاشقا يازسا قارا بولۇپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئىزلىرى تا ھازىرغىچە بارئىكەن. (1-توم، 620-بەت)
يۇقىرىقى ئەپسانىنى <قولباق> ناملىق بىر ئەۋلىيانى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىزاھلاش يۈزىسىدىن مىسال ئالغان. قارىغاندا بۇ ئەپسانىنىڭ پەيدا بولغان، كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان دەۋرى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن بولسا كېرەك. چۈنكى ئەۋلىيانىڭ ئاق ۋە قارا تاشلارغا يازغان <تەڭرى ئوغلى قولباق>دېگەن خەتلىرىنىڭ ئىزلىرى تېخى ھازىرغىچە بارئىكەن دېگەن گەپ-ئۇنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدىن خېلى قەدىمكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كۆك توپۇلغان ئەپسانىسى
مەھمۇد كاشغەرىي <توپۇلغان>دېگەن بىر قۇشنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئەپسانىنىڭ قىسمەن ئېلىمېنىتلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭ رېئال ئېلىمېنىتلىرى خېلى قويۇق. بىراق مۇبالىغە رېئال مۇمكىنچىلىكتىن ھالقىپ كەتكەن؛ <كۆك توپۇلغان> بىر قۇشنىڭ ئېتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قۇشنىڭ ئىككى قانىتىدا پولات بار ئىمىش، ئۇ قانىتى بىلەن تاغقا بىرئۇرۇپ تاغنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەرمىش. بۇ سۆزنى ماڭا كۆپ پايدىسى تەگكەن بىر ئادەم ئېيتقان ئىدى. بۇ رېئال دۇنيادا تۈرلۈك-تۈمەن سىرلىق ئىشلار بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ بەزىلىرىنى كۆرىمىز، بەزىلىرىنى كۆرمەيمىز.بەزىلىرى ئەقلىمىزگە سىغىدۇ، بەزىلىرى ئەقلىمىزگە سىغمايدۇ.ئوبيېكتىپ دۇنيا بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بېقىنمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. يۇقىرىقى ئەپسانىدە بايان قىلىنغان <كۆك توپۇلغان>دېگەن پولات قاناتلىق بىر قۇشنىڭ بولغانلىقى رېئاللىق. ئەگەر شۇنداق بىر قۇش بولمىغان بولسا يۇقىرىقى ئەپسانىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئەقىلگە سىغمايدىغان ئەپسانىنىڭ مەزمۇنىدىمۇ رېئال ئېلىمېنىتلار بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىنلا رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى. خىيالمۇ، غايىمۇ، تەسەۋۋۇرمۇ ھەرگىزمۇ رېئاللىقتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.يۇقىرىقى <كۆك توپۇلغان>قۇشنىڭ بارلىقى ئەمەلىيەت، بىراق ئۇنىڭ بىر تاغقا قانات ئۇرغاندا تاغنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش، مانا بۇ شۇ <كۆك>سۆزى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇلغان قۇش ھەققىدىكى مۇبالىغىنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش داۋامىدا ھەددىدىن ئارتۇق غايىۋىلەشتۈرۈلۈپ كېتىشىدۇر.
<دىۋان>غا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىغا، بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى، قەبىلە نامىنىڭ ئېتنىك مەنىسى، بىرقىسىم يەر-جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك، بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيىتى زور بولغان بىر قىسىم رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن. رىۋايەت دېگەن شۇ رىۋايەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن خەلقنىڭ يېزىقسىز تارىخىدىن ئىبارەت. بۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا بارا-بارا مۇكەممەل ئېپوسلارنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ژانىرىدىن بىرى بولغان رىۋايەتلەرمۇ خەلقنىڭ ھايات تارىخىنىڭ ئىنتايىن جەلپكار ئەينىكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىن بۇرۇنقى تارىخىنى مانا شۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تۇرغۇزۇپ چىققانىدى.
<دىۋان>دا ئۆرنەك سۈپىتىدە بېرىلگەن رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن تارىختىكى ئىككى بۈيۈك شەخىسكە مۇناسىۋەتلىك. بىرى، تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۆزىنىڭ قەھرىمان، ۋەتەنپەرۋەر، ئادالەتلىك، پاراسەتلىك، دەپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن تۇران پادىشاھى ئافراسىياپ-تۇڭائالىپ ئەر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا باغلانغان رىۋايەتلەر؛ يەنە بىرى دۇنيا تارىخىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى سەھىپىسىدە ناھايىتى شۆھرەت قازانغان ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ۋە ئۇنىڭ شەرق يۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان رىۋايەتلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا <مۆچەل>ھەققىدە رىۋايەت، <ئارسلان تېكىن بىلەن بۆكەن بۇدراچ>ھەققىدىكى رىۋايەت، <تۈرك>ھەققىدە رىۋايەت قاتارلىق رىۋايەتلەرمۇ بىزگە ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.
ئافراسىياپ ۋە ئافراسىياپقا باغلانغان رىۋايەتلەر
<دىۋان>دا ئافرا سىياپ ۋە ئافراسىياپقا باغلانغان رىۋايەتلەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر. ئافرا سىياپ ھەققىدە يەنە خېلى كۆپ مەرسىيە شېئىرلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھال بىزنى ئافرا سىياپ ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ، ئۇ تارىخىي شەخىسنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ سىرلىق شەخىس مەركىزىي ئاسىيانىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرلەردىن تاكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە بولغان 1700يىللىق تارىخىي سەرگۈزەشتىلەرنى يورۇتۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى.
ئافراسىىياپ كىم؟
<تۈركىي تىللار دىۋانى>دا بىز ئۇچراتقاندەك تۇڭا ئالىپ ئەر ياكى پارىس مەنبەلىرىدە ئافراسىياپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بىر تارىخىي شەخىس ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز. قوشاقلار، مەرسىينامىلەر، يەر-جاي ناملىرى، رىۋايەتلەردە ھەم ئالىپ ئەرتۇڭاغا باغلانغان خاتىرىلەرنى كۆرىمىز. ئۇنداقتا تۇڭا ئالىپ كىم؟ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ھازىرغىچە تۇڭا ئالىپ ئەر ئافراسىياپ ھەققىدە تېخى سېستىمىلىق چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا تۇتقان ئورنى تېخى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى. ئەگەر بىز ئەتراپلىق ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان بولساق ئافراسىياپ ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىزدا گەپ يوق. چۈنكى ئافراسىياپ ھەققىدىكى تارىخىي ئۇچۇرلار ئاز ئەمەس.
بىز ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، <دىۋان>دا ئون پارچە مەرسىيىنامە ئالىپ ئەرتۇڭاغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭدا بىرتەرەپتىن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ باھادىرلىقى، خەلقپەرۋەرلىكى، يوقسۇللارغا بولغان غەمخورلۇقى مەدھىيلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق ئۇلۇغ خاقانغا كەلگەن ئەجەل ئوقىدىن ئەل-ۋەتەننىڭ قاتتىق قايغۇ-ئەلەمگە پاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇ مەرسىيىنامىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈلگەن ياكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ داۋاملىشىپ كەلگەن.
<دىۋان>دا يەنە بىرمۇنچە مەنسەپ دەرىجە ئاتالغۇلىرىمۇ ئافراسىياپقا باغلاپ چۈشەندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، خان-تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھى، ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان ئوغۇللارمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ. خاقان-ئافراسىياپتۇر. مۇنداق ئاتاشتا ئۇزۇن بىر قىسسە بار(3-توم.513-بەت).
دېمەك، خان ۋە خاقان ئافراسىياپقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەل نامى بولۇپ، ئىككىسى پەرقلەندۈرۈلگەن. خاقانلىق ئافراسىياپقا مەنسۇپ. خانلىق بولسا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەنسۇپ، دەپ كۆرسەتكەن. خاندىن خاقاننىڭ ئىمتىيازى چوڭ بولغان. <قاتۇن-خاتۇن، خانىكە، ئافراسىياپنىڭ قىزلىرىغا خاس نام>(1-توم206-بەت).
تېكىن-بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى قۇل دېمەكتۇر. بۇ سۆزنىڭ ئافراسىياپ ئوغۇللىرىغا قانداق كۆچكەنلىكىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆز ئاتىسىنى بەك ھۆرمەتلەپ، ناھايىتى چوڭ كۆرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىشتا ئاتىسىغا مۇراجىئەت قىلسا ياكى خەت يازسا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ <قۇلىڭىزپالانى مۇنداق قىلدى، قۇلىڭىز پوكۇنى مۇنداق قىلدى >دەيدىكەن. كېيىنچە بۇ سۆز ئۇلارغا ئات بولۇپ قالغان. باشقا ئوغۇللاردىن ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ يېنىغا يەنە بىر سۆز قوشۇپ ئىشلىتىدىغان بولدى(1-توم 206-بەت).
<دىۋان>دا يەنە بەزى يەرجاي ناملىرىمۇ ئافراسىياپقا تۇتىشىدۇ. <بارىسخان>ئافراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى. بارىسخان شەھىرىنى شۇ سالدۇرغان. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ئەنە شۇ شەھەردىن. بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بىر يىلقا باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ يەردە يىلقا باققان. كېيىن ئۇ يەر شۇنىڭ نامى بىلەن بارىسخان دەپ ئاتالغان (3-توم 625-بەت).
يۇقىرىقى مەلۇماتتىكى ئافراسىياپنىڭ ئوغلى بارىسخان بىلەن ئۇيغۇر خاقانىنىڭ يىلقا باشقۇرغۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتىن ئافراسىياپ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.
يۇقۇرىقىلاردىن باشقا <بارماق>، <بارچۇق>، <قاز>، دېگەن شەھەرلەرمۇ مۇشۇ ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا باغلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
بىز بۇنىڭدىن ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادا ئوينىغان تارىخىي رولىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تېخىمۇ روشەن مىسرالار بىلەن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
276. بۇ- تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر،
جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلەر.
277. بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگۈلۈك،
تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگۈلۈك.
278. ئىلىمدە بۈيۈك كۆپ پەزىلەتلىك دىلى،
بىلىملىك، ئەقىللىق، خەلقنىڭ خىلى.
279. ئىدى ئۇ سەرخىل، زېرەك ئەر ئوغلان،
دۇنياغا زېرەكلەر بولار ھۆكۈمران.
280. تاجىكلار دەيدۇ ئۇنى ئافراسىياپ،
ئۇ ئافراسىياپ تۇتتى ئەللەر تاللاپ.
281.جاھاننى تۇتاي دەپ سۇنۇشقا ئىلىگ،
كېرەك كۆپ پەزىلەت بىلەن كۆپ بىلىك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ باھادىر خاقانغا مۇنداق بىرنەچچە تەرەپتىن ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز.
بىرىنچى، پۈتۈن بەگلىكلەرگە نەزەر سېلىنغاندا، جاھاننىڭ ئەڭ سەرخىل، ياخشى بەگلىرى مانا شۇ ئافراسىياپ دەپ جاكارلايدۇ ھەم ئۇنى بەگلىكلەرنىڭ ئۈلگىسى قاتارىغا قويىدۇ.
ئىككىنچى، تۇڭا ئالىپ ئەر ئىلمىي پاراسەتتە بۈيۈكلۈككە يەتكەن. پەزىلەتتە يېگانە، ھەقىقىي بىلىملىك ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن خەلققە باشپاناھ بولغا خاقان ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى، ئالىپ ئەرتۇڭا زېرەكلىكى ، باتۇرلۇقى، ياراملىقلىقى بىلەن جاھان سورىغانلىقى، چۈنكى دۇنياغا ھۆكۈمدار بولۇش ئۈچۈن پەزىلەت بىلەن بىلىم ھازىرلانمىسا بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
يۇقىرىقى باھالار بىلەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى، باھاسى، خاراكتىرى تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىككى ئالىم باھادىر خاقان ئالىپ ئەرتۇڭاغا يۇقىرى دەرىجىدىكى قەدىر-قىممەت ۋە ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن بەگلىكلەرگە ئالىپ ئەرتۇڭانى نەمۇنە ۋە ئۈلگە قىلىپ تىكلەپ بەرگەن.
ئافراسىياپ ھەققىدىكى مەلۇماتنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ پارىس مەنبەلىرىدىن ئالغان، مەھمۇد كاشغەرىي خەلق ئىچىدىن ئالغان. پارىس مەنبەلىرىدە ئافراسىياپ ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن كىشى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى <شاھنامە> دە ئافراسىياپنى گەرچە سەلبى تىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان بولىسمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن باھا بەرگەن. بىز فىردەۋسىنىڭ بايانلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
ئافراسىياپ كەلمىش ئەسكىرى يۈزمىڭ،
تۈركلەرنىڭ تاللانغان لەشكىرى يۈزمىڭ.
بۇ خەۋەردىن كاۋۇس دىلى بولدى تەڭ،
بەزمە تۈگەپ باشلىناتتى ئەمدى جەڭ.
ئۇلارغا شاھ دېدى: بۇ ئافراسىياپ،
جىسمىدا يوقمىدۇ ھاۋا، ئوت، توپا، ئاب.
يەزدان ئۇنى نېمىدىن ياراتقانكىن،
يا باشقا ئۇرۇقتىن ياراتقانمىكىن.
يۇقىرىقى كەيكاۋۇسنىڭ باياناتىدا ئافراسىياپنىڭ سۇ، ھاۋا، تۇپراق، ئوتتىن ئىبارەت تۆت ئونسۇرەدىن يارىتىلغان ئادەم ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى يەزدان يەنى زەردوش دىنىنىڭ خۇداسى (باشقا ئالاھىدە نەرسىدىن ياراتقانمىكىن) دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. چۈنكى ئافراسىياپنىڭ پاراسىتى، جەڭدىكى تاكتىكىسى، ئۆلۈمنى مەنسىتمەسلىكى ھەم ئۇنى يېڭەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىران شاھلىرى ئافراسىياپنى تەڭرىنىڭ ئەزىز قىلغان ئوغلى ئوخشايدۇ، دەپ باھا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
ئافراسىياپنىڭ ئۆزىنىڭ سەركەردە ۋە ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بىلەن قىلغان كېڭىشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.
خان يىغدى مەجلىسكە دانىشمەنلەردىن،
سەزگۈر ھەم دانا-ئىش بىلەرمەنلەردىن.
ئۇلارغا دېدى: بۇ بوينۇمغا پەلەك،
قىلمىغانمۇ قىسمەت ئۇرۇشتىن بۆلەك.
مېنى قەستلەپ كەلگۈچى نى-نى پەھلىۋان،
ئىلكىمدە بولغانتى يەر بىلەن يەكسان.
جاھان خاقانى سالسا جەبرى -جاپا،
ياخشىلىق تۈگەپ ، بارچە بولار خاپا.
قىڭغىرلىق كۈچىيەر، قالماس توغرىلىق،
ھەريەردە ئەۋج ئالار يالغان ئوغرىلىق.
جېنىمدىن تويدۇردى زورلۇق جەڭ-جېدەل،
ياخشىلىققا بۇيرىدى تەڭرى ئەزەل؛
بۈگۈن جارى قىلاي سۈلھى ئادالەت،
قايغۇ تۈگەپ، راھەت تاپقاي كامالەت.
ئۈچتىن ئىككى جاھان ئاياغ ئاستىمدا،
ئىران، تۇران ساراي ماڭا دەستىمدە.
ھەر بوي بەرمەس باتۇرلار بېشىدا تاج،
تۇرۇقلۇق تۆلەيدۇ ماڭا نۇرغۇن باج.
ئافراسىياپنىڭ يۇقىرىقى نۇتقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇرۇشخۇمارشاھ ئەمەس، بەلكى تىنچلىقپەرۋەر خاقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەلگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ئورنىتىش ئۈچۈن خاقان بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ قىسمىتىگە ئۇرۇش، پاراكەندىچىلىك ، قان تۆكۈش پۈتۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇرۇشتىن ئەلنىڭلا ئەمەس، ئۆزىنىڭمۇ باغرى قانغا تولغانلىقىنى ئېيتىپ، تىنىچلىققا بولغان ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئۇ تىنىچلىق سۈلھىسى ئۈچۈن ئىنىسى گەرسىۋەرنى ئىرانلارغا ئەۋەتىدۇ. بۇيرۇق مۇنداق دېدى:
دېگىل -ئىرانغا ھېچ دەۋايىمىز يوق،
دېگىن سۆزىمىز چىن، كۆڭلى بولسۇن توق.
بىزنىڭكى چىندىن تا جەيھۇن قىرغىقى،
بىزگە بەس سوغدىلەر يېرى- تۇر تېغى.
ئىران بىلەن تۇران بىر ئىدى دائىم،
بىلمەي جېدەل، ياشار ئىدى مۇلايىم.
كەچۈرۈم، ئىستەيلى ئېزگۈ-ئامانلىق،
ئۇنتۇلماس ئۇرۇش، يوقالسۇن يوقالسۇن يامانلىق.
ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى- (مىلادىيە 934-1025) ئىراننىڭ 4000يىللىق ئەپسانىۋى ۋە ھەقىقىي تارىخىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىپىك ئەسەر <شاھنامە> نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ گەرچە ئىران مەيدانىدا تۇرۇپ ئافراسىياپنى دۇشمەن كۈچ سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى بايانلاردا يەنىلا ئافراسىياپنىڭ ئۇلۇغۋار سىيماسى چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇ تىنىچلىق ئۈچۈن سۈلھى تۈزىدۇ.
ئۇنداق بولسا ئالىپ ئەرتۇڭا ئەپسانىۋى شەخىسمۇ؟ تارىخىي رېئال شەخىسمۇ؟ يۇقىرىقى بايانلارنىڭ ۋە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىزگە خەلق يەتكۈزۈپ بەرگەن ئۇچۇرلار ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردۇر. <تۈركىي تىللاردىۋانى>دىكى مەرسىيىلەر، رىۋايەتلەرۋە يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئافراسىياپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ شەك-شۈبھىسىز تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر ئۇ توقۇلما بەدىئى ئوبراز ياكى ئەپسانىۋى شەخىس بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ شەنىگە بارلىققا كەلگەن مەركىزىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن تارىخىي ئۇچۇرلارنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
بۇ خۇسۇستا 19-ئەسىرلەردە بېرىلگەن يەنە بىر ئۇچۇر ئافراسىياپنىڭ تارىخىي شەخىس ئىكەنلىكىنى، ئۇنى بۇ زېمىندىكى خەلق نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئەسلەپ، خاتىرىلەپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ تارىخچىسى موللامۇسا سايرامى <تارىخىي ھەمىدى> دېگەن كىتابىدا ھازىرغىچە بىز تازا ئېتىبار بەرمىگەن، بىراق تارىخىي ۋە تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى زور بولغان مۇنداق ئۇچۇردىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ:
ئەلقىسسە، يەنە بىر غارايىب شۇدۇركى، موغۇلىستان تەۋەلىكىدىكى ئالتە شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب بۇرجىكىنىڭ ئارىلىقىدا لوپ دېگەن بىر چوڭ مەشھۇر زېمىن بار. <تارىخىي رەشىدى>نىڭ ئاپتورى مىرزاھەيدەر كۆرەگان بۇرۇنقى تارىخىي كىتابلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغان كىتابىدا لوپ دېگەن جايدا 17چوڭ شەھەر بولغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ ناملىرىنى، تەكتى ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلغانىدى ھەم ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى، زېمىنىنىڭ ئاۋاتلىقىنى يازغانىدى. شەھىرى كىتىك، شەھىرى تەركەن، شەھىرى چەمەن، شەھىرى لوپ ھازىرمۇ مەشھۇر. قالغانلىرى بولسا قۇم خەزىنىنىڭ ئاستىدا قالغان. بوران چىقسا بەزىلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ-دە، يەنە كۆمۈلۈپ قالىدۇ، بۇ گەپنى بايان قىلىدىغان بولساق:<كۈنلەرنىڭ بىركېچىسى غەرب ئىلاھى پەيدا بولۇپ، ئاسماندىن خۇددى بالادەك قۇم ياغدۇرۇپتۇ، شەھەرلەر ئادەملىرى بىلەن قوشۇلۇپ قۇمنىڭ ئاستىدا قاپتۇ. ئافراسىياپنىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ جايدا ئىكەن دېگەن گەپ بار>.
يۇقىرىقى مەلۇمات بىزگىچە مەلۇم بولغان ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى يېگانە ئۇچۇر. بۇ مەلۇمات بىزنىڭ مۇنداق بىر قانچە مۇھىم ئىشنى دەلىللىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ: بىرى، تۇڭا ئالىپ ئەر-ئافراسىياپ دېگەن بۇ تارىخىي شەخىسنىڭ قەبرىسى ھازىرقى شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىكى شەھىرى كىتىك ۋە شەھىرى لوپ ياكى تارىم بويلىرىدا ئىكەن. موللا مۇسا سايرامىغىچە بولغان 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا خەلقىمىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بۇ ئۇلۇغ خاقاننىڭ نامىنى يادلاپ كەلگەن ۋە قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن؛ يەنە بىرى، ئافراسىياپ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن كېيىن، كىشىلەر بۇ باھادىر خاقاننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغان.
يۇقىرىقى مەلۇماتتا كۆرسىتىلگەندەك، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ئادەم قارىغان. شۇڭا مىڭ يىل مابەينىدە بۇ قەبرە چۆلدەرەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈپ، ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ئەلنىڭ نەزەرىدىن ھەرگىزمۇ چۈشۈپ قالمىغان. شۇڭا موللامۇسا سايرامى ئۆزى ئاڭلىغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن<ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى مۇشۇ يەردە دېگەن گەپ بار> دەپ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەگەر موللامۇسا سايرامى ئافراسىياپ ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگەئىگە بولمىغان بولسا ، تۇپتۇيۇقلا ئۈچ ئادەمنىڭ نامىنى ئاتاپ، ئەسىرىدە ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنى بىزگە قالدۇرمىغان بولاتتى.
يەنە بىر دەلىلنى يەنىلا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بېرىدۇ: «تارىم -تېكىنلەرگە، ئافراسىياپ ئەۋلادىدىن بولغان خېنىملارغا، شۇنىڭدەك ئۇلۇغ ئۇششاق بالىلارغا خاس سۆز . خاقان ئەۋلادىدىن باشقىلار ھەرقانچە يۇقىرى مەرتىۋىلىك بولسىمۇ، بۇ سۆز ئۇلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ. خان ئەۋلادىدىن بولغان ئاغىچا خېنىملارغا ، ئۈنۋان ئورنىدا ئالتۇن تارىم دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ».
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن بىز ئافراسىياپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا ماكانى تارىم ۋادىسى بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. چۈنكى تارىم مەركىزىي ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى بىردىنبىر ئىچكى ئانا دەريا، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان مۇقەددەس دەريا. ئافراسىياپ بۇ مۇقەددەس ئانا دەريانى ئۇلۇغلىغان ۋە ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇ مۇقەددەس ئانا دەريانى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىنىڭ تارىم دەرياسىدەك ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە ئەلگە ئۈزلۈكسىز نەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا «تارىم» دېگەن شەرەپلىك نامنى مىراس قالدۇرغان. ئۇلار <تارىم> دېگەن بۇ نام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاناماكانىغا بولغان ساداقىتىنى ۋە مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ تۇرغان. بۇنىڭدىن بىز ئافراسىياپنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىرنەچچە ئەۋلادئىزباسار ئەۋلادلىرىنىڭ كىندىك قېنى مۇشۇ تارىم ئېتىكىگە تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىز يەنى يۇقىرىقى مەلۇمات بىلەن ئافراسىياپنىڭ قەبرىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرلەشتۈرگەندە ئافراسىياپ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىك جايىنى مانا مۇشۇ مۇقەددەس تۇپراققا دەپنە قىلدۇرغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز.
ئافراسىياپ قايسى زاماندا ياشىغان؟
ھازىرغىچە ئافراسىياپنىڭ قايسى زاماندا ياشىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى قايسى خانلىقنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىلەر نۇرغۇن ئەپسانىۋى ھەم رىۋايەتلىك يوپۇقلار بىلەن يوپۇقلىنىپ كەلدى. ئافراسىياپ ھەققىدە كۆپ ئاپتورلار ئىز قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئېنىقراق ئېنىقلىما تېخى بايقالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، بەزى تارىخىي ئۇچۇرلار تۇڭا ئالىپ ئەرنىڭ زامانىسى توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىزنى قىسمەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئالدى بىلەن بىز يەنىلا <دىۋان>دىكى مەلۇماتلارغا مۇراجىئەت قىلىمىز.
(1) مەھمۇد كاشغەرىي<دىۋان>نىڭ 3-توم 206-بەتتە <قاز> -ئافراسىياپنىڭ قىزى ھەققىدە توختىلىپ <قازۋىن شەھىرىنى شۇ قىز قۇرغان>دەيدۇ.
ئۇنىڭ قۇز ئىسىملىك گۈزەل قىزى قەزۋىن-قۇز سۆزىنىڭ ئۆزگەرتىلگىنىدۇر. ئىلى ۋادىسىغا قاراپ ئاقىدىغان چوڭ سۇنىڭ قۇز سۈيى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئافراسىياپنىڭ قىزى قۇزنىڭ شۇ سۇ بويىدا چوڭ قەلئە سالغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇھەقتە بوختۇ ناسىرنىڭ ئوغلى بەنزەن شۇ قىز بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىدە بولغىنى ئۈچۈن ئافراسىياپ ئۇنى بارچۇق شەھىرىگە قامىغانىدى. بەزىلەر بۇ شەھەرنى <ئافراسىياپنىڭ مەرۋە شاھ جاھان دېگەن ئوغلى بىنا قىلدۇرغان دېيىشىدۇ> (3-توم 206-بەت).
<دىۋان>دا يەنە مەرۋى- مەرۋىشاھ جاھان نامىدا ئاتالغان شەھەرنىڭ نامى ئۇچرايدۇ.
(2) <بارچۇق-ئافراسىياپ قۇرغان بىر شەھەر، ئۇ يەردە بوختۇ ناسىرنىڭ ئوغلى، بەنزەن قامالغان.> (1-توم 608-بەت).
(3) ئافراسىياپ پەردۇننىڭ تۇر ئىسىملىك ئوغلىنىڭ نەۋرىسى ھۇشەڭنىڭ ئوغلىدۇر.
(4) ئافراسىياپ بۇ شەھەرنى تەھمۇرەس تەرىپىدىن شەھەرنىڭ ئىچكى قورغىنىنى سېلىپ 300يىلدىن كېيىن بىنا قىلدۇرغان.
يۇقۇرىقى رىۋايەتلىك مەلۇماتلاردا ئافراسىياپنىڭ ياشىغان زامانى ئىران شاھى پەردۇننىڭ تۇر ئىسىملىك ئوغلى ۋە ھۇشەڭ ئىسىملىك چەۋرىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ھەقتە بوختۇ ناسىرنىڭ ئوغلى بەنزەنگە تۇتۇشىدۇ. ئۈچىنچىندىن، مەرۋە شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ھۇلىنى سالغان، تەھمۇرەس يەنى ماساكلارنىڭ ئايال پادىشاھى تۇمارىستىن 300يىل كېيىن ياشىغانلىقى ئوقۇلىدۇ.
پەردۇن- ئىراننىڭ پىشدىيان سۇلالىسىدە ئۆتكەن بىر ئادىل پادىشاھى. بىز بوختۇ ناسىرنىڭ ئوغلى بەنزەننىڭ كىم ئىكەنلكىنى شاھ نامىدىكى تۆۋەندىكى بايانلار ئارقىلىق ۋاقىپ بولدۇق.
ئەمدى تەھمۇرەس-تۇمارىسقا كەلسەك، تۇمارىسنىڭ ئىرانلار بىلەن بولغان تىركىشىشى ۋە ئۇلۇغ غەلىبىلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئافراسىياپ تۇمارىسىتىن 300يىل كېيىن ياشىغان دېگەن پىكىرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.
تەبەرنىڭ بايانلىرىدا ئافراسىياپ نوھقا باغلىنىدۇ. نوھنىڭ يافەس دېگەن ئوغلىدىن كېيىن دۇنيا 1000يىلغىچە پادىشاھسىز قالىدۇ. توپاندا ھەزرىتى نوھقا ھەمراھ بولغان بىرىكمىنىڭ ئەۋلادى جەمشىدنىڭ نەسلىدىن پەردۇن دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچ بولىدۇ. چوڭ ئوغلى تۇر بولۇپ، پەردۇن ئۈچ ئوغلىغا ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنلارنى بۆلگەندە تۇر ئىسىملىك ئوغلىغا تۈرك، خەزرەج، ماچىن ۋە مەشرىق زېمىنىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭغا <پەغپۇر>تەڭرىنىڭ ئوغلى دەپ ئات قويىدۇ. تۇرنىڭ ئەۋلادىدىن فەسبەخ <يەسو-بەخ>نىڭ ئوغلى ئافراسىياپ تامامى ئورتا ئاسىيا ۋە مەشرىق زېمنىگە ھۆكۈمران بولىدۇ.
يۇقىرىقى بايانلار ئافراسىياپ نوھقا ۋە ئاندىن ئىران شاھى پەردۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنىچى ئەۋلادىغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا بەزى رىۋايەتلەردە ئافراسىياپنى تېخىمۇ ئەپسانىۋى يۈكلىمىلەر بىلەن سىرلىقلاشتۇرۇپ بۇنىڭدىن 3500يىل بۇرۇنقى تارىخقا تاقايدۇ. نار شاخى <بۇخارا تارىخى> دېگەن كىتابىدا: <پارسلارنىڭ كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، ئافراسىياپ 2000يىل ئۆمۈر كۆرگەنمىش، بۇ جادۇگەر نوھ پادىشاھنىڭ بالىلىرىدىن ئىدى> دەپ يازغان. <ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى> (2002-يىلى نەشىرى، 119-بەت). بىراق ئەل بىرونى ۋە باشقائاپتورلار قالدۇرغان مەلۇمات بويىچە كىيامكىسارەس تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان چاغدىن يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى (625-يىلى 13-ئاپرېل) روچ ۋە پوستلارنىڭ تەتقىقاتى بويىچە 26-ئىيۇن ئافراسىياپنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان كۈن دەپ ئىران ئۆلكىلىرى بايرام قىلىدىكەن، مەجۇسىلەر بۇ بايرامنى <تىرەگەن> بايرىمى دەپ ئاتايدىكەن.
قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ ئافراسىياپنىڭ جەددى- جەمەتى يەنىلا ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن؛ ئۆز دەۋرىدىمۇ ئۇلار <ئالتۇن تارىم> ، <تېكىن>، <خاتۇن> ناملىرىدا ئۇلۇغلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، دىۋاندىكى ئافراسىياپقا ئاتالغان مەرسىينامىلەردە ئۇنچە يىراق تارىخنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنمەيدۇ، ئافراسىياپ مەھمۇد كاشغەرىي ئۈچۈن ئۇنچە سىرلىق شەخىس ئەمەس، بەلكى ئۇ ئافراسىياپ ھەققىدە ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلارغىچە تەپسىلى بىلىدىغان ئالىم. ئۇنىڭ <خاقان> نامى توغرىسىدا ناھايىتى ئۇزاق بىر قىسىم بار،دەپ ئۇچۇر بەرگىنى بۇ نۇقتىنى ياخشى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر مەنىدىن قارىغاندا خەلق بەرگەن مەلۇماتلار ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چىن مەلۇماتلاردۇر. خەلق ئۆزىنىڭ باتۇر ئەزىمەتلىرىنى قەلىب دەپتەرلىرىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا خاتىرىلەپ كەلگەن.
زۇلقەرنەيىن كىم؟
قەدىمكى زاماندىكى ئىستىلاچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەڭ مەشھۇر ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى يۇنان تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپⅡ ناھايىتى قابىلىيەتلىك ، يىراقنى كۆرەر ئادەم ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 633-يىلى زۇلقەرنەيىننىڭ دادىسى فىلىپ Ⅱبەخىتكە قارشى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ 46ياش ئىدى. ئاتىسى قازا تاپقاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەمدى 20ياشقا كىرگەن ئىدى، بىراق ئۇ ھېچقانداق توسالغۇسىزلا پادىشاھلىق تەختىگە چىقتى. چۈنكى، ئاتىسى ئالدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇننى تەييارلاپ قويغانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مەلۇم ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئاتىسى ئادەتتە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ ئالەمشۇمۇل ئابرويغا ئىگە پەيلاسوپ ئارېستوتىلنى ئۇنىڭغا ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلغان ئىدى.بىراق ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تەخىتكە چىقىپ ئىككى يىل ئىچىدىلا بارلىق رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ، ئاندىن پېرسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىنتايىن كەڭ ئىدى. غەربتە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە، شەرقتە ھىندىستانغىچە باراتتى؛ گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئىدى.
مىلادىدىن بۇرۇن 334-يىلى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەسكەر تارتىپ پېرسيىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. گەرچە زۇلقەرنەيىن قوشۇنلىرى پېرسىيە قوشۇنلىرىدىن سان جەھەتتە كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ مۇنداق بىرقانچە تەرەپتىن يەنىلا زور غەلىبىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. بىرى، ئاتىسىدىن ئۇنىڭغا قالغان بۇ قوشۇننىڭ سۈپىتى يۇقىرى، تەشكىل ئىنتىزامى چىڭ، خىل قوشۇن ئىدى؛ ئىككىنچىسى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تالانتلىق، تەڭداشسىز قوماندان ئىدى؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن باتۇر ئىدى. ئۇ باش قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلسا تامامەن مۇمكىن ئىدى، بىراق ئۇ ئۆلۈم خەۋپىگە قارىماي ئەسكەرلەردەك ھۇجۇم قىلىپ ماڭاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ كۆپ قېتىم يارىلانغانىدى. جەڭچىلەر قوماندانىنىڭ ئۆزى بىلەن خېيىمخەتەردە بىللە بولغانلىقىنى كۆرۈپ ، جەڭگىۋارلىقى ھەسسىلەپ ئاشاتتى-دە، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشاتتى. ئىسكەندەر زۇقەرنەيىننىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرى دەل ئۇنىڭ مۇشۇنداق پەزىلىتىنىڭ مېۋىسى ئىدى.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىر شەھىرىنى قورشىۋالغاندا، ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ بىرپارچە مەكتۇبىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. مەكتۇبتا پارىس شاھى ئىمپېرىيىسىنىڭ يېرىم تېررىتورىيىسىنى بېرىش بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن تىنىچلىق كېلىشىمى تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ بارمىنو ئىسىملىك بىر گېنىرالى بۇ شەرتىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ <ئەگەر مەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بولغان بولسام، بۇ شەرتكە قوشۇلغان بولاتتىم>دەيدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇنىڭغا <ئەگەر مەن بارمىنو بولغان بولسام، مەنمۇ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلغان بولاتتىم>دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ناھايىتى كەسكىن، مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن گازانى ئىگەللىگەندىن كېيىن، مىسىر ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولىدۇ. مىسىرلىقلار ئۇنى فىرئەۋىنلىككە كۆرسىتپ، ئۇنى ئىلاھ دەپ جاكارلايدۇ.ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قوشۇنىنى باشلاپ ئاسىياغا قايتىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 313-يىلى ئىربىل ئۇرۇشىدا ئۇ پېرسىيە قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىدۇ. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەر جەڭدە غەلىبە قىلىپ ماڭدى. تارىخىي خاتىرىلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇرانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ھەققىدە كونكېرىت مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، لېكىن <دىۋان> دىكى رىۋايەتلەر، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ <سەددى ئىسكەندەر>دېگەن ئەسەرلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا زۇلقەرنەيىن تۇرانلاربىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلمىغان، پەقەت قىسمەن تۇتۇشۇپ تۇرانلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكەن.
مىلادىدىن 323يىل بۇرۇن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن كېزىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئاران 33 ياش ئىدى. ئۆزىنىڭ ۋارىسىنى بەلگىلەپ قويۇشقا تېخى ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ گېنىراللىرى ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ ئىمپىرىيىنى ئۈچ بۆلەككە پارچىلاپ تاشلايدۇ.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تارىختىكى كومېدىيىلىك ئۇلۇغ شەخىس دەپ قارىلىدۇ. گېرىك مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنى بېيىتىش ئۇ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ زور مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. گېرىك مەدەنىيىتى شۇ سەۋەبتىن ئىران ۋە مېسسوپوتامىيىدە، سۈرىيە مىسىرلاردا تېز تارقالدى.
مەركىزى ئاسىيادا گېرىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ، لېكىن <دىۋان>دىكى مەلۇماتلاردا قوچۇدىكى سولومى شەھىرىگە ئوخشاش بىر قىسىم شەھەرلەر قۇرۇلۇشىنى زۇلقەرنەيىنگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا پارىسلارنىڭ ۋاستىسى بىلەنمۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەر گېرىك مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان.
ئىزاھاتلار:
(1) بۇ ساندىن قارىغاندا ئۆز دەۋرىدە ئېلى رايونىنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ سانىنىڭ 1مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى روشەن بولىدۇ.
(2) ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى <تارىمدىن تامچە> دە تارىخچى دوكتۇر زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ <ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش >دە كەلتۈرگەن نەقىلىدىن نەقىل. 307-بەت.
(3) <تارىخىي خاتىرىلەر> 399-400-بەت.
(4) مەھمۇد كاشغەرىي :<تۈركىي تىللاردىۋانى>نى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى چۈشىنىش، تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش ئىېھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن كونكېرت چۈشەندۇرۇشكە مەجبۇر بولغان.
(5) مەھمۇد كاشغەرىي <تۈركىي تىللار دىۋانى> 1-توم، 151-بەت.
(6) قۇربان ۋەلى :<بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز>، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشىرى، 210-بەت.
(7) <ئوغۇزنامە>، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1980-يىلى11-ئاي نەشىرى، 46-بەت.
(8) <تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-يىلى نەشىرى،1-توم، 524-بەت.
(9) س.ش كىلياشتورنى : <قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىرى. ئۇيغۇرچە 20-بەت.
(dawami bar)
مەنبە:
«مىراس» ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-5-سانلىرىدىن تەۋھىدە تورغا تەييارلىغان.
مەنبە
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1020
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:
发表评论