2008年12月24日星期三

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «دىۋان لۇغەتىت تۈرك»م






مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»



مەھمۇد كاشغەرىي (؟20 / 1019 — ؟4 / 1113) نىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل كاشغەرى .
مەھمۇد كاشغەرىي ـ قەشقەر (كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ) ئوپال يېزىسى ئازىق (بۇ كەنت كېيىنچە قۇمباغ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ ئائىلىدە تۇغۇلغان ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەكتەپلەردە ئالغان . كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ، ئۇ يەردە ئوقۇپ ، داۋاملىق بىلىم ئاشۇرغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار خانلىقىغا تەۋە يېزا – قىشلاقلار ، شەھەر – بازارلارنى ، ئۇرۇق – قەبىلە ، ئايماقلارنى تەخمىنەن ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ ، مول تىل ۋە فولكلور ماتېرىياللىرىنى توپلاپ ، ئاندىن ئاغدادقا بېرىپ ، مىلادىيە (1077 – 1072 – يىللىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي نامى «كىتابۇ دىۋانى لۇغەت تۈرك» دۇر .

«دىۋان»غا تەخمىنەن 7500 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) ، 242 پارچە شېئىر – قوشاق ، 200 پارچىگە يېقىن ماقال – تەمسىل ، 10 نەچچە پارچە ئەپسانە ، رىۋايەت ۋە داستان ، ئېپوسلاردىن پارچە كىرگۈزۈلگەن . تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى سۆزلەم ، ماقال – تەمسىل ۋە قوشاق (داستان ، ئېپوسلاردىن پارچىلار بۇنىڭ ئىچىدە)لارنى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىپ ، ئۇلارنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلىغان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئالىم كىتابىنى ئەرەب تىلىدا يازغان .

مىلادىيە ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەركىزى باغدادتا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە «تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» ھالەت شەكىللەنگەن ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئەرەبلەرنىڭ «ئۆز دەردىنى ئېيتىشى ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق» ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىققان .

«دىۋان» ئىككى تىلنىڭ ، يەنى تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئاددىيلا سېلىشتۇرما لۇغىتى ئەمەس ، شۇنداقلا ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈپ قويۇلغان ئاددىي سۆزلۈكمۇ ئەمەس ، بەلكى ئېنسكىلوپېدىيە شەرتىگە يېقىن بولغان لۇغەت . ئۇ ئۈچ جىلد (ئۈچ توم) ۋە 10 بۆلۈمدىن ئىبارەت . ھەم بىر بۆلۈمى ئۆز نۆۋىتىدە بىرقانچە باب ھەم قوشۇمچە چاتاق (پاراگراف)قا بۆلۈنگەن .

«دىۋان»دىكى شېئىر – قوشاقلار ئىچىدە بىلىم ئۆگىنىشكە ، ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىرى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ .

مەسىلەن :


ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولما كۈۋەز ،
ئەردەمسىزىن ئۆگۈنسە ئەڭمە گۈزە ئەگەر .

[ئىلىم – ھېكمەت ئىزدە ، ئۆگىنىشتىن چېكىنمە ، غادايما ، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناقتا ھودۇقۇپ قالىدۇ .]


ئالغىل ئۆگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە .
بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ بىلكىڭ ئۇلە .

[ئەي ئوغلۇم ، مەندىن ئۈگۈت – نەسىھەت ئال ، پەزىلەت تىلە ، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش ، تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ، ئەدەپ ۋە ئىلىم – ھېكمەت تارات .]


بىلگە ئەرىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزىن ئەشىت ،
ئەردەمىنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا .

[ئالىم ، دانىشمەن ۋە ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ، ئەردەم (پەزىلەت) لىرىنى ئۆگەن ، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت .]


«دىۋان»غا يەنە چىن مۇھەببەت ، سەمىمىي – ساداقەتمەنلىك ، ۋاپادارلىق قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن شېئىر – قوشاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن . تۆۋەندە مۇنداق قوشاقلاردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :


باردى كۆزۈم يارۇقى ،
ئالدى ئۆزۈم قونۇقى .
قاندا ئەرىنچ قانىقى ،
ئەمدى ئۇدىن ئوزغورۇر .

[كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى ، ئۇ مېنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى . ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن ؟ (ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ .)]


ئۇدىك مەنى قومىتتى ،
ساقىنچ ماڭا يۇمىتتى .
كۆڭلۈم ئاڭار ئەمىتتى ،
يۈزۈم مەنىڭ سارغارۇر .

[يارغا بولغان ئىشق – مۇھەببىتىم مېنى ھاياجانغا سالدى، قايغۇ – ئەلەملەر ماڭا توپلاندى، كۆڭلۈم ھەمىشە يارغا ئىنتىلىدۇ، شۇڭا مېنىڭ يۈزۈم سارغايماقتا .]


«دىۋان»دا ئاتا – ئانىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئېتىكىلىق مەسىلىلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ ھەقتە مۇنداق بېيىت بار :


ئەشتىپ ئاتا – ئاناڭنىڭ ساۋلارىنى قادىرما ،
نەڭ قۇت بولۇپ گۈۋەزلىك ، قىلىنىپ يانا قۇتۇرما .

[ئاتا – ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا ، ئۇلارغا سۆز ياندۇرما ، مال – مۈلۈك ۋە بەخت تاپساڭ ، ھەددىڭدىن ئېشىپ قۇترىما .]


ئومۇمەن ، «دىۋان» دىكى ئەدەبىي پارچىلار مەيلى ئىدىيىۋىلىك جەھەتتە ، مەيلى بەدىئىي جەھەتتە بولسۇن ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىشتە ، ئەينى چاغدىكى ئەجدادلارنىڭ ئەدەبىيات قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي چۈشەنچىلىرىنى بىلىشتە ۋە ئۆگىنىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ .

① «مەھمۇد قەشقەرى ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - ، 1983 - ، 1984 – يىللىرى نەشرى .»

(بۇ ماتىرىيال غەيرەتجان ئوسمان بىلەن ئەشرەب ئابديللاھ تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» دىگەن كىتابدىن ئېلىندى
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论