2008年12月19日星期五

Yaponiye we mahmud kashghariy


ياپونىيە ۋە مەھمۇد كاشغەرىي

مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان دۇنيا خەرىتىسى (menbe: www.wikimedia.org)
(ئەسكەرتىش: خەرىتىنىڭ يۇقىرى تەرپىدىكى «جايرقا» دىگەن جاي ياپۇنىيە)



ياپونىيە ۋە مەھمۇد كاشغەرىي



ياپونىيەلىكلەر مەھمۇد كاشغەرىينى نىمە ئۇچۇن چوڭ بىلىدۇ؟


ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن سىزىلغان تۇنجى خەرىتە

ياپونىيىنىڭ تۇنجى خەرىتسى مىلادى 646-يىلى كورىيىدىن ياپۇنىيەگە كۆچۈپ بارغان نىخونگى(Nihongi) ۋە گيوگى تەرىپىدىن سىزىلغان دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، 20-ئەسىرگىچە ساقىلىنىپ كەلگەن، شۇنداقلا ھازىرمۇ دائىم پايدىلىنىدىغان ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى خەرىتىسى كىيوتوغا يېقىن جايدىكى نىننا قەسرىدىن تېپىلغان بۇلۇپ، سىزىلغان يىلىنى 1303-يىلى دەپ بېكىتىلگەن[1].
ياپۇنىيلىكلەر 16-ئەسىردە ياۋرۇپانى بىلگەن بۇلۇپ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ خەرىتە سىزىشتا ئىشلىتىدىغان تېخنىكىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى رۆشەن بىر تەسىر 17-ئەسىردىكى رەخىتكە سىزىلغان خەرىتىلەر ھېساپلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1779-يىلى سېكىسۈي(Sekisui) تۇنجى بۇلۇپ ياپۇنىيەنىڭ مېردىئان ۋە ماسىشتاپ ئىشلىتىلگەن خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان[2].

ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن سىزىلغان خەرىتىلەردە ياپۇنىيەنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى

غەرب ئەللىرى ياپۇنىيە توغرىلىق تۇنجى ئۇچۇرلارنى ماركوپولو(1254-1322) نىڭ يىراق شەرققە سەپىرى جەريانىدىكى خاتىرىلىرىدىن ئېرشكەن، ماركوپولو بېرما، لائوس،ياپۇنىيە ۋە تايلاند(Siam) ،جاۋا(Java ، ھىنىدىنوزىيەدىكى بىر ئارال) سۇماترا(Sumatra،ھىنىدىنوزىيەدىكى بىر ئارال )، سېرىلانكا ( Celyon) قاتارلىق جايلارنى تەپسلى تەسۋىرلىگەن[3].

مارتىن بېخايىن(Martin Behain ( ياپۇنىيەنى جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن ئۆزى ياسىغان گولۇبۇسقا چۈشۈرگەن تۇنجى جۇغراپىيەشۇناس، شۇنىڭدىن كىيىن ياپۇنىيە غەرب ئەللىرىدە ئىتىراپ قىلىنغان. شەھەر مەمۇرىيىتى نېرنبېرگدا تۇغۇلۇپ، ئۇزۇن يىل پورتۇگالىيە ۋە ئازورىس(Azores،ئاتلانتىك ئوكياندىكى پورتۇگالىيەگە تەۋە بىر ئارال )لاردا ياشاپ، كېيىن يۇرتىگە قايىتپ كەلگەن مارتىن بېخايىننى بىر گولۇبۇس ياساشغا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئامرىكا قورۇقلۇقى بايقىلىشىتىن بورۇنقى تولىمىينىڭ نەزىريىسى(مىلادى150-يىلى) گە ئاساسلىنىپ ياسالغان ئەڭ ئاخىرقى گولۇبۇس ئىدى[4]

بۇ گولۇبۇستا بەزى يېڭىلىقلار ئىشلىتىلگەن ۋە خاتالىقلار تۈزىتىلگەن بولسىمۇ، يىراق شەرق توغرا سىزىلمىغان ئىدى، ياپۇنىيە ماركوپولونىڭ ئەسلىمىللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك شەرقىي ئاسىياغاا سىزىلىغان ئىدى.
بىر ئەسىردىن كېيىن، 1543-يىلى، بىرنەچچە پوتۇگالىيە كېمىسى بوراندىن پانالىق ئىزدەپ، ياپۇنىيە دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالىدۇ، شۇنداقلا يەرلىك خەلق تەرىپدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە تۇرغان مەزگىلدە يەرلىكلەر بىلەن شۇنداق يېقىن ئۆتۈپ، ھەتتا ياپۇنىيىلىكلەرگە ئۆزىنىڭ قورالىنى دوراپ ياسىشىغا يول قويىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، فىرانس شاۋىېئر(Frances Xavier) ئىككى پوپنىڭ ھەمرالىقىدا ياپۇنىيەگە كېلىپ سودا شىركىتى قۇرىدۇ[5].
گەرچە ئامرىكا قورۇقلۇقى بايقالغان ۋە ياۋرۇپالىقلار ئاللىبۇرۇن ياپۇنىيەگە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئورتېلىئۇس(Ortelius) 1570-يىلى سىزغان شەرقىي ھىندىستاننىڭ خەرىتىسىدە ،ياپۇنىيە ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق لەگلەككە ئوخشىتىلىپ قويۇلغان[6]. ئورتېلىئۇس بۇنىڭدىن قانائەت قىلمىغان،چۈنكى يەنە شۇ يىلى ئۇ ئاسىيانىڭ يەنە بىر خەرىتىسىنى سىزغان ھەمدە بۇنى يىلنامىغا كىرگۈزگەن، لىكىن، بۇ قېتىم ئۇ ياپۇنىيەنى باشقىچىرەك قىلىپ سىزغان. كىىيىكى يىللارد، مېركاتور(Mercator) ئۆزىنىڭ ئاسىيانىڭ خەرىتىسىدە ياپۇنىيەنىڭ شەكلىنى ئورتېلىئۇسنىڭكىدىن ئالغان[7]. بۇ ئىككىيلەننىڭ خەرىتىسىدىن كېيىن، نۇرغۇن خاتا خەرىتىلەر دۇنياغا كەلگەن.بىراق، 17-ئەسىردە، خەرىتىچىلىككە ئاكتىپ ئىشتىراق قىلغان گۇيللائۇمې(Guillaume) ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان خەرىتىلەردىمۇ نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ بارلىقى بايقايدۇ شۇنداقلا ئىلمىي پاكىتلار ۋە كۆزىتىشلەر ئاساسىدا بىر ئاساسىي خەرىتە تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە ياپۇنىيە ئارالمۇ ياكى ئارال ئەمەس ، موسكۇۋا قانداق شەھەر، ھەقىقەتەن شۇنداق سوغاقمۇ دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش كېرەكلىكىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇشۇلار ۋە مىڭلىغان مۇشۇنداق سۇئاللارغا 17-ئەسىردىكى جۇغراپىيەشۇناسلار ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيىتتى[7]. ئەڭ ئاخىرى1759-يىلى،
سىيۇر روبىرت(Sieur Robert) ياپۇنىيەنىڭ تۇنجى توغرا خەرىتىسىنى سىزىشتا ئۇتۇق قازاندى.

11-ئەسىردە مەھمۇد كاشغەرىي سىزغان دۇنيا خەرىتىسى

بىز 11-ئەسىرگە قايىتىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۈركىي تىللار لۇغىتىغا نەزىرىمىزنى سالايلى. بۇ كىتابتا، مەھمۇد قەشقەرى تۈرك قەبىللىرىنىڭ ياۋرۇپادىن ئاسىياغىچە بولغان تارقالغان جايىلىرىنى بىر چەمبەر شەكىللىك خەرىتىدە تەپسىلى كۆرسىتىپ بەرگەن، ۋە خەرىتىنى تۈركلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش تەرتىۋى بويىچە سىزغانلىقىنى دەيدۇ[9]. ئۇنىڭ بۇ چەمبەر شەكىللىك خەرىتىسىدە، شەرق،غەرب،شىمال ۋە جەنۇپ يۆنىلىشى، شۇنداقلا بەزى دېڭىز،دەريالار كۆرسىتلگەن. خەرىتىدە غەربىتە ئەڭ يىراق بولغاندا كىپكاكلار(Kipcaks، گىرمانىيە ئەتراپىغا توغرا كىلىغان بىر مىللەتتەك قىلىدۇ) ۋە فىرانكلار(Franks)ياشىغان ئىتىل(Itil)دىگەن جايغىچە بولغان رايۇنلار كۆرسىتىلگەن. غەربىي جەنۇپتا ئېفىئوپىيە(شەرقىي ئافرىقىدا)،جەنۇپتا ھىندىستان، شەرقتە جۇڭگۇ ۋە ياپۇنىيەلەر كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا خەرىتىنىڭ مەركىزىدە تۈرك شەھەلىرىدىن يەكەن، قەشقەر،بارسقان (Barsgan ، قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل رايۇنىدىكى بىر جاي) ، بالاساغۇن قاتارلىقلار(باشقا شەھەرلەرمۇ بار) چۈشۈرۈلگەن.

گەرچە ئاسىيانىڭ غەربىي،شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسملىرى سىزىلمىغان، خەرىتىدە كۆپلىگەن خاتالىقلار بولسىمۇ، لېكىن ئاسيانىڭ شەرقىي رايۇنلىرى توغرا سىزىلغان. مەھمۇد قەشقەرى خەرىتىسىدە جۇڭگۇنىڭ چاڭچېڭ سېپىلىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ سېپىل ۋە ئىگىز تاغلارنىڭ ئۆزىنىڭ جۇڭگۇ تىلىنى ئۆگنىشىگە تەبىئىي توسقۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ياپۇنىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى بىر ئارال بولغانلىقتىن ياپۇن تىلىنى ئۆگىنەلمىگەنلىكىنى يازىدۇ.
يۇقىرىدا دىيىلگەندەك، تۇنجى ياپونىيە خەرىتىسى 14-ئەسىردە سىزىلىغان، ھەمدە 15-ئەسىردە تۇنجى قېتىم دۇنيا ئاتلىسىغا كىرگۈزۈلگەن. لېكىن، بىز يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنى نەزەردە تۇتقاندا، گەرچە خاتالىقلار بولغان ۋە بىرقەدەر قوپال سىزىلغان بولسىمۇ، مەھمۇد قەشقەرى 11-ئەسىردە سىزغان خەرىتىنى ياپۇنىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خەرىتىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ماقالىنىڭ كىيىنكى قسمىدا مەھمۇد قەشقەرى كىم، تۈركىي تىللار لۇغىتى، پايدىلانمىلار قاتارلىق مەزمۇنلار بار. بۇقىسمىنى تەرجىمە قىلمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە جەريانىدا تىل ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرىمنىڭ چەكلىك بۇلىشى سەۋەبىدىن خاتالىقلار(بۇلۇپمۇ يەرجاي ناملىرى، شەخىسلەرنىڭ ئىسمى نىڭ تەرجىمىسىدە) بۇلىشى مۇمكىن، دوستلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.

ماقالىنىڭ تۇلۇق تېكىستىنى(ئىنگلىزچە) تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.
http://muslimheritage.com/topics/default.cfm?ArticleID=635#ftn10

menbe: http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1238

没有评论:

发表评论