2009年4月28日星期二

Qara xaniylar dewiridiki tarixshunasliq we «diwanu lughetit türk»ning alahidiliki



قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئالاھىدىلىكى


ئەخمەت مۇمىن تارىمى


قاراخانىيلار خانلىقى-ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق بولۇپ، بۇ خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن 399 يىل جەريانىدا، خانلىق تەۋەسىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن بىر قاتاردا ئىلىم-پەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. جۈمىلىدىن قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندلەردە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالى بىلىم يۇرتلىرى-مەدرىسلەر قۇرۇلغان. بۇ مەدرىسلەر ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرونومىيە، ماتىماتىكا، تىبابەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى پەن ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئۆلىمالارنى، ئەدىب-شائىرلارنى، تىلشۇناسلارنى، پەيلاسوپلارنى، تارىخشۇناسلارنى، تىۋىپلارنى يىتىشتۈرگەن. بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى تۈرك(ئۇيغۇر)، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، كېيىنكىلەرگە جاھانشۇمۇل يازما مىراسلارنى قالدۇرغان.

بۇ دەۋردە تارىخشۇناسلىق ئۇيغۇرلاردا خېلى بۇرۇندىنلا شەكىللەنگەن يازما ئەدەبىيات بىلەن قېرىنداش بولغان ھالدا ئورخۇن خانلىقى دەۋرىدىكى توققۇز ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز) ئەنئەنىسى بويىچە تېخىمۇ راۋاجلانغان.
جۈمىلىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تارىخشۇناسلىق شەكىل جەھەتتە ئاغزاكى تارىخشۇناسلىقتىن يازما تارىخشۇناسلىققا تەرەققى قىلغان (مەڭگۈ تاشلار بۇلارنىڭ دەلىلى).
مەزمۇن جەھەتتە تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى سىڭگەن ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى مەزمۇن قىلىشتىن تەڭرى ئېتىقادچىلىقى سىڭگەن راسىت ۋەقە-ھادىسىلەرنى مەزمۇن قىلىشقا ئۆتكەن بولسا، بۇ دەۋردە تارىخشۇناسلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن ئېتىقاد ۋە يېزىق جەھەتتە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىل جەھەتتە ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئۇسلۇبى، مەزمۇن جەھەتتە ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنىڭ خاھىشىنى سىڭدۈرگەن.
لېكىن شۇنداقتىمۇ ئىلگىرىكى تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى يەنىلا ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان.
جۈمىلىدىن بۇ دەۋردىكى تارىخشۇناسلىق ئەرەب تارىخشۇناسلىقىنى ئۆرنەك، ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنى يىتەكچى قىلىپ تېخىمۇ ئىلمىيلەشكەن، سېستىملاشقان، مۇكەممەللەشكەن،
مەسىلەن: مۇشۇ دەۋردە
ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇغاپپار ئىبىنى ھۈسەيىن كاشغەرى «كەشغەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەرنى،
جامال قارشى «مۇلھىقاتۇس سۇراھ» ناملىق مەشھۇر لۇغەتنى،
مۇھەممەد ئىبنى ئەلكاتىب سەمەرقەندى «ئەغرازۇ سىياسى فى ئىلمى سىياسى» ناملىق ئەسەرنى،
مەجىددىن مۇھەممەت ئەلئەۋھى «جامئۇل ھېكايە» ناملىق ئەسەرنى،
يەنە ئۇبۇل فەيزى مۇھەممەد ئىبىنى ھۈسەيىن بەيھىقى 30 تومدىن ئارتۇقراق تارىخى ئەسەرنى يېزىپ،
ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خانلىقلار، ئۇلۇس-مىللەتلەر، پادىشاھلار، مەشھۇر شەخسلەر، ئالىم-ئۆلىمالار ھەم ۋەقە-ھادىسىلەرنى تەزكىرە، تەرجىمىھال، ھېكايەت شەكىلىدە بايان قىلغان.

بۇ دەۋردىكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم ھەم ئىلمى ئابىدە-مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، ئاستىرنومىيە، ھەربىيشۇناسلىق قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىن ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە خەلقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقى سۈرەتلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئەسەردە زور سالماقنى ئىگىلىگەن تىل مەلۇماتلىرى بىلەن بىر قاتاردا تارىخى مەلۇماتلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن ھەم ئۆز سالمىقى بىلەن مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان.

(1) «دىۋانۇ لۇغەت تۈرك»تىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ بايان قىلىنىش ئۇسلۇبى

مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنى ئۆزى ئېيتقاندەك ئۆزىگە خاس بىر خىل ئىلمى ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكىلەرگە «ئەبەدىي يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان.
ئۇ بۇ ھەقتە: «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە ئۇيغۇن بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، يېڭى-يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم... جۈملدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شئېر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خۇشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال- تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم... شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاپ يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى»(1) دەپ ئېيتقان.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە نۇقۇل تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج نۇقتىسىدىن چىقىپ قەلەمگە ئالغان تارىخى مەلۇماتلارنىمۇ ئالاھىدە بىر ئۇسلۇپتا بايان قىلىنغان.
يەنى تەزكىرە، تەرجىمىھال، ھېكايەت، شېئىر-قوشاق، ماقال-تەمسىل شەكىلىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
جۈملىدىن ئەسەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىش جەريانىدا، تېكىستنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىدا ئىسپات، پاكىت كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن مەلۇم قەبىلە-ئۇلۇس، شەخس، ۋەقە-ھادىسە، ئىش-ھەركەتلەرگە باغلاپ مۇئەييەن تارىخى مەلۇماتلارنىڭ بەزىلىرىنى تەرجىمىھال شەكىلىدە، بەزىلىرىنى ھېكايەت شەكىلىدە، بەزىلىرىنى شېئىر-قوشاق شەكىلدە، بەزىلىرىنى ماقال-تەمسىل شەكىلىدە قەيىت قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا شۇ زامانلاردا تارىخقا ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئاپتۇر تارىخى مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا دىنى رامكىغا چۈشۈپ قالماي، بەلكى بۇنىڭدىن چەتنىمىگەن ئاساستا تۈركى خەلقلەرگە دائىر بىر مۇنچە تارىخى ۋەقەلەرنى مۇمكىن قەدەر ئەينەن بايان قىلغان.
بۇنىڭ بىلەن تارىخى پاكىتلار چىن، ئىلمى، سېستىمىلىق يورۇتۇلغان.
بۇ شۇ دەۋردىكى، ھەتتا كېيىنكى دەۋرلەردىكى تارىخى ئەسەرلەردىمۇ كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئۇسلۇپتۇر.

(2) «دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك»تىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى

مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى يېزىشتىن بۇرۇن تۈركىي، پارس، ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ھەر خىل ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغان.
جۈملىدىن ئەرەب تارىخى، ئىسلام تارىخى، ئىسلام پەلسەپىسىنى ئىنىچكە ئۆگەنگەن، شۇنداقلا تۈركى خەلقلەر ياشىغان رايونلاردا ئون نەچچە يىل ئىلمىي ھەم ئەمەلىي تەكشۈرۈش قىلغانلىقتىن ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى، جۈملىدىن تارىخى مەلۇماتلارنى بايان قىلىشتا ھەم ئەرەب-ئىسلام ماتېرىياللىرىنى، ھەم خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت-ھېكايەت، شېئىر-قوشاق، ماقال-تەمسىللەرنى، ھەم ئۆزى تەكشۈرۈپ توپلىغان ماتېرىياللارنى مەنبە قىلغان.
بولۇپمۇ ئۇ نۇرغۇن پاكىتلىق تارىخى مەلۇماتلارنى كىتاپلاردىنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن ئالغان.
ئۇ بۇ ھەقتە: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئۇرۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم» دېگەن(2).
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى، ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ئىنتايىن تولۇق ھەم ئىشەنچىلىك بولغان.

(3) «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ چېتىلىش دائىرسى

مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دە ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخى مەلۇماتلارنىڭ چېتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋەرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، قىرغىز، چۇمۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەر، شۇنداقلا تاڭغۇت، خەنزۇ، پارىس قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار بىلەن ماكىدۇنلار، قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار، باشقا تۈركى قەبىلىلەر، تاڭغۇتلار، غەزنەۋىلەر، سامانىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئەل پادىشاھلىرى، ھۆكۈمدارلىرى، مەشھۇر كىشىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى، قاراخانىيلار خانلىقى ۋە باشقا ئەللەرنىڭ زىمىنى، جۈملىدىن مۇھىم شەھەرلىرى، يېزىلىرى، قاتناش تۈگۈنلىرى، تاغ-سۇلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەسىلەن، ئاپتۇر تۈركى خەلقلەر ۋە باشقا خەلقلەر ئۈستىدە توختىلىپ:
«تۈركلەر ئەسلى يىگىرمە قەبىلىدۇر... ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ... مەن بۇلاردىن ئاساسى ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم... مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە شەرقىتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرىت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان... ئاندىن چىگىل، توخىسى ياغما، ئوغراق، چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر.
خىتاي- چىن دىمەكتۇر.
ئاندىن تاۋغاچ، بۇ- ماچىن دېمەكتۇر.
بۇ قەبىلىلەر جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرسىدا ياشايدۇ...» دىگەن (3).
ئۇيغۇرلار بىلەن ماكېدۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنى كۆرسىتىپ، «ئالتۇن قان» دىگەن نام، «ئۇيغۇر» دىگەن نام ۋە «تۇتماچ» دىگەن تائام نامىنىڭ ھېكايىتىنى تىلغا ئالغان.
قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرى بىلەن تاڭغۇتلار، باشقا تۈركى قەبىلىلەر، مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كۆرسىتىپ:

«چىنغا يېقىن بولغان تاڭغۇت ئېلىنىڭ قۇشۇنى غەلبە قىلالمىسۇن دەپ قاتتىق سوغۇقتا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىندى. ئۇلارنىڭ خۇتۇن-قىزلىرى قاتتىق مەسخىرە قىلىندى. ئۇلار ئات ۋە ئەرلىرىنى بىزگە سوۋغا قىلدى. غەم قايغۇغا پېتىپ بېشىنى تۈۋەن سالدى»(4)،

«ياباقۇ جېڭىدە خاقانغا قارشى چىقماسلىققا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قەسەم ئىچىلىپ، پۇتۇم تۈزۈلدى. خەلق خاقاندىن ياردەم سورىدى. باسمىل بىلەن چومۇللار بىزگە قارشى توپلىنىۋىدى، خاقان يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلدى»(5)،

«ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ) ئۈستىگە كەلكۈندەك باردۇق. شەھەرلەرگە باستۇرۇپ كىردۇق. بۇتخانلىرىنى بۇزدۇق. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق، كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كىرگەندە، ھاقارەتلەش ئۈچۈن بۇتلىرى بېشىغا تەرەت قىلىدۇ»(6)
دىگەن مەزمۇندىكى شېئىرلارنى تىلغا ئالغان.

تۈركلەر زېمىنى ۋە شەھەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ،

«پۈتۈن ماۋرائۇ ننەھر، يەكەندىن شەرققىچە بولغان يەرلەرنى تۈرك شەھەرلىرى دېيىشىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى، سەمەرقەند، ئۆزكەند، تۇنكەند دىگەن ... شەھەرلەرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە «شەھەر» مەنىسىدىكى «كەند» سۆزى قۇشۇلۇپ ياسالغان. تۈركلەر بۇ شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ئۆزلىرى ئات قويغان... ھازىر پۈتۈن تۈرك ئېلىنىڭ چىگىرىسى ئابسىكۇن (كاسپى) دېڭىزى بىلەن ئايلىنىپ، روم ئېلىدىن ۋە ئۆز چەندىن چىنىغىچە سوزۇلدۇ. ئۇزۇنلىقى بەش مىڭ پەرسەخ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ...» (7)،

«ئۇيغۇر- بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر.بۇ شەھەرلەر سۇلىمى... قوچۇ، چانبالىق باشبالىق ياڭى بالىقتۇر» دىگەن.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنى ئەينى دەۋر ۋە كېيىنىكى دەۋردىكى نۇرغۇن ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتكەن تارىخى مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاجايىپ كەڭ دائىرلىك ھەم مول مەزمۇنلۇق دېيىشكە بولىدۇ.

(4) «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخى ماتىرىياللىق قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە ئەكس ئەتكەن تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، ئاپتۇر ئەسەردە ئۆزى تەكشۈرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەر قايسى خەلقلەر ۋە ئەللەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئەينەن قەلەمگە ئېلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال قالدۇرغان.
ئۇ ئەھۋاللار ئەرەب-پارىس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرلىرىدە ۋە خەنزۇچە تارىخنامىلەردە قەيىت قىلىنغان بەزى مەزمۇنلارغا توغرا كېلىدۇ، بەلكى بۇلارنىڭ مۈجىمەل بولغان جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردا بايان قىلىنمىغان نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى تۇلۇقلايدۇ.
بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئەسەردىكى تارىخى مەلۇماتلارنى ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى، خەلقلىرى، جۈملىدىن قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلشتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك، مۇھىم ماتېرىياللار دېيىشكە بولدۇ.
بۇ ھەقتە ئاپتۇر ئۆزىمۇ: «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتاپنى تۈزۈپ چىقتىم...» دىگەن(8).
ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋان»دىكى تارىخى مەلۇماتلارنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق ئەھمىيىتىمۇ ناھايتى زور بولۇپ، نۇرغۇن ئەھۋاللارغا چېتىلدىغان بۇ مەلۇماتلار بۇرۇن ھەل بولۇنغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە قايتا گۇمان تۇغدۇرىدۇ. تالاش-تارتىشتا قېلۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ.
مەسىلەن، ئاپتۇر ئەسىرىدە تۈركى خەلقلەر بىلەن قانداشلىقى يوق دەپ قارالغان تاڭغۇتلار توغىرىسىدا: «تاڭغۇت، تۈركلەردىن بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار چىنغا يېقىن جايلاشقان. ئۇلار نەسلىمىز ئەرەب دىيىشىدۇ» (9) دەپ مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن تاڭغۇتلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى نامايان بولىدۇ.
يەنە چاڭلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارالغان تۈبۈتلەر توغرىسىدا: «تۈبۈت، تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قۇۋىم... تۈبۈتلەر «سابىت» ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ يەردە (يەمەندە) بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن... كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەدۋلادى كۆپىيىپ، تۈركلەر زىمىنىدىن مىڭ بەشيۈز پەرسەخ يەر ئالغان. بۇ يەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرب تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇپ تەرىپى ھىندى دېڭىزغا تۇتۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار، «ئانا»نى «ئاما»، «ئاتا»نى «ئابا» دەيدۇ (10) دەپ مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىنمۇ تىبەتلەر (زاڭزۇلار)نىڭ ئەجدادى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
ئاپتۇر يەنە ئەسەردە «تاۋغاچ»، «چىن»ۋە «ماچىن» ئاتالمىلىرىغا ئېنىقلىما بېرىپ، «تاۋغاچ، تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى، ئۇلار «تاۋغاچ» يۇرتىدا ياشىغىنى ئۈچۈن، شۇ سۆزدىن ئېلىنىپ «تات تاۋغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ. «تات» ئۇيغۇر دىمەكتۇر. «تاۋغاچ» چىنلىق دىمەكتۇر»، «ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمى نەرسە «تاۋغاچ ئەزى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز خانلارغىمۇ ئۈنۋان بولۇپ كېلىدۇ. «مەملىكىتى قەدىمى ۋە چوڭ خان» دېگەن مەنىدە «تاۋغاچ خان» دېيىلىدۇ»، «تاۋغاچ، «ماچىن» ئېلىنىڭ نامى. بۇ مەملىكەت چىندىن تۆت ئايلىق يول ئۇزاقلىقتا، چىن ئەسلىدە ئۈچكە بۆلۈندۇ. بىرىنچى، يۇقۇرى چىن، بۇ يەر شەرىقتە بولۇپ، «تاۋغاچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنىچى، ئوتتۇرا چىن بولۇپ، «خىتاي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچۈنچى، تۆۋەن چىن بولۇپ، «ماچىن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەشقەردە، لېكىن ھازىر «تاۋغاچ» «ماچىن»، دەپ، «خىتاي» «چىن» تونۇلىۋاتىدۇ»(11) دېگەن بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئۇزۇندىن بويان ھەل بولماي كېلۋاتقان ھەم خاتا چۈشىنىلىپ قېلۋاتقان «تاۋغاچ»، «چىن»، «ماچىن» ئاتالمىلىرىنىڭ تەبىرى مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

يۇقۇرقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە تارىخشۇناسلىق ئىلگىرىكى ئەنئەنىسى ۋە نەتىجىلىرى ئاساسىدا ئەرەب ئسلام مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ تارىخشۇناسلىق ئالاھىدىلىكىدىن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنى ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئىلمى پوزىتسىيىلىك يىتۈك تارىخچى، ئېنسكىلوپىدىيىلىك ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخى ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.


پايدىلانغان ماتىرىياللار:
(1)،(2)،(3)،(4)،(5)،(6)،(7)،(8)،(9)،(10)،(11) «دىۋانۇ لۇغەت تۈرك»نىڭ1-،2-،3-قىسىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلىرى.

(بۇ ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى »ژ ۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.)
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى
*************************************

1 条评论: