2009年4月28日星期二

«diwan lughetit türk»tiki sözlerning hemmisi türkchimu?



«دىۋان لۇغەتىت تۈرك»تىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى تۈركچىمۇ؟


ئوسمان فىكرى سېرتقايا(ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى)


«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1917-يىلىدىن 1919-يىلىغىچە تۈركىيىدە تۇنجى نۆۋەت بېسىلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بولغان 90 يىل ۋاقىت ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە بار بولغان 6730 سۆز ھەققىدە تۈرك ئالىملىرى ئىچىدە «ئەگەر بىرەر سۆز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئۇچرايدىكەن، ئۇ سۆز چوقۇم تۈركچىدۇر» دىگەن بىر سۆز مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.
شۇڭا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدىم.

پارسچە «شەھەر» سۆزى ئاسىيا تۈركچىسى ۋە قەدىمقى تۈركچىدە «ھ» تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شار شەكلىدە كىرگەن.
تۈركىيەدىكى شاركۆي، شارقىشلاق قاتارلىق ئىسىملاردا بۇ سۆز كۆرۈلىدۇ.
پارسچە «شەھەر» سۆزى تۈركىيە تۈركچىسىگە شەھەر سۈپىتى بىلەن كىرگەن ۋە تۈركچىلەشكەن،
ئەنقەرەنىڭ «باش شەھەر» دەپ ئاتىلىشى، ئاقشەھەر، بايشەھەر، كوناشەھەر، قىرشەھەر، نەۋشەھەر قاتارلىق ئۆزلەشكەن ئىسىملاردا شەھەر سۆزى ئۇچرايدۇ.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى «تۈركچىلەشتۈرۈش ھەركىتى»دىن كېيىن «شەھەر» سۆزى «كەند-كەنت» سۆزى بىلەن تۈركچىلەشتۈرۈلدى،
مەسىلەن «باش شەھەر» سۆزى «باش كەنت»(پايتەخت مەنىسىدە. تەرجىماندىن) دەپ تەرجىمە قىلىنماقتىدۇر.
يېڭى ناملانغانلاردىن ئوردۇكەنت، بىلكەنت قاتارلىقلار كۆرۈلمەكتىدۇر.

قەدىمقى تۈركلەردە «شەھەر» سۆزى بالىق سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خانبالىق، ئوردۇبالىق، بەشبالىق قاتارلىق ناملاردا كۆرۈلىدۇ.
بەشبالىق شەھىرىنىڭ سوغدىچە ئاتىلىشى «پەنجىكەنت» بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى، تەشكەنت ھېلىھەم شۇ نام بىلەن ئاتالماقتا.

يەنە بىر ئۆرنەك «بۇلبۇل» سۆزىدۇر.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا تۈركىيە نېفىت ۋەقپىنىڭ باشلىقى بولغان مەرھۇم فەتھى گەمۇئى ئوغلى تۈركچىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بىلەن ئۆيىگە چاقىرتتى، مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە رەھمى ئورۇچ گۈۋەنچ نەي چېلىۋاتقان ئىكەن، بىرلىكتە ئاڭلىغاندىن كېيىن «بۇلبۇل كەبى چالدىغۇ ھە ئەپەندى» دەپ سورىغاندىن كېيىن، «بۇلبۇلنىڭ ئەسلى تۈركچىسى ساندۇۋاچتۇر، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە قەشقەرلىق مەھمۇت شۇنداق دەپ يازغان» دەپ چۈشەندۈردى.

شۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىرلىكتە «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدە ئىشلەۋاتقان ئىدىم،
تەتقىقات گۇرۇپپامدا روسىيەدە بېسىلغان «قەدىمقى تۈرك تىلى لۇغىتى» ۋە سېر گىرارد كىلاۋسوننىڭ «9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلىنىڭ ئېتمولوگىيىسى» دىگەن ئەسىرى بار ئىدى.
«قۇتادغۇ بىلىك »تىكى بۇ ئىككى سۆزنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇردۇم،
بۇ ئىككى لۇغەتتە «ساندۇۋاچ»نىڭ سوغدىچە سۆز ئىكەنلىكىنى يازغان ئىكەن.

تۈركچىدە قوللىنىۋاتقان «بۇلبۇل» سۆزى ھىندىچە سۆز بولۇپ، سانسىكىرىتچە شەكلى «بۇلبۇلا»دۇر.
بۇ سۆز سانسىكىرىتچىدىن پارسچىغا «بۇلبۇلا» ياكى «بۇلبۇل» شەكلىدە كىرگەن بولۇپ، پارسچىدىكى بۇلبۇل سۆزىنىڭ ئەسلى پارسچىسى «ھازار»دۇر.
بۇ «بۇلبۇل» سۆزى يەنە پارسچىدىن (ياكى سانسىكىرىتچىدىن) ئەرەبچىگە كىرگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسىدا «بېلابىل» (بۇلبۇللار) شەكلىدە كۆپلۈك شەكلى ئۇچرايدۇ.
ئەرەپچىدىكى «بۇلبۇل» مەنىسىدىكى سۆز بولسا «ئاندەلىب» دىگەن سۆزدۇر.

بۇندىن باشقا يەنە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە موڭغۇلچە، خەنزۇچە، ھىندىچە (سانسىكىرىتچە) خوتەنچە، خوتەن ساكچىسىچە، كەنجەكچە، توخارچە، سوغدىچە، گېرىكچە، پارسچە ۋە تىبەتچە قاتارلىق تىللارغا تەۋە بولغان 258 سۆز بولۇپ بۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى 6730 سۆزنىڭ %3.83 نى تەشكىل قىلىدۇ. دادىللىق بىلەن قىلىنغان پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا %4 كە يېقىنلىشىدىغان بۇ سۆزلەرنىڭ سىرتتىن كىرگەنلىكى شۈبھىسىزدۇر.

شۇڭا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى «11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۈرك دۇنياسىدا قوللىنىلغان تۈركچە ۋە تۈركچىگە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئېنىسكىلوپىدىيىلىك لۇغىتى» دەپ ئاتاش بىرقەدەر مۇۋاپىق.
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى خەنزۇچە ئاتالغۇلار بولۇپ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە جەمئىي 71 خەنزۇچە سۆزلۈك ئۇچرايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا
موڭغۇلچە سۆزلۈك 57،
ھىندىچە (سانسىكىرىتچە) سۆزلۈك 9،
خوتەنچە ۋە خوتەن ساكچىسىچە سۆزلۈك 26،
كەنجەكچە ۋە قەشقەرچە (قەشقەرنىڭ يەرلىك شىۋىسىنى كۆرسەتسە كېرەك) سۆزلۈك 22+ 6،
توخارچە سۆزلۈك 6،
سوغدىچە سۆزلۈك 21،
گېرىكچە سۆزلۈك 5،
پارسچە سۆزلۈك 27+3،
تىبەتچە سۆزلۈكلەر 3،
ئەرەپچە سۆزلۈكلەر 2.

تەرجىماندىن ئىزاھات:
ئاپتور گەرچە يۇقۇرىدىكى سانلاردا مىسال ئېلىنغان سۆزلۈكلەرنى شۇ تىللارغا تەۋە دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن مىسال ئاخىرىدا ھەر بىر سۆزلۈك ھەققىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئەسلى تۈركچىدىن شۇ تىللارغا كىرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
قىزىققۇچىلار ئەسلى ئەسەردىن ئوقۇغاي.

(بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا تەييارلىغان ۋە شۇ يىغىندا ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر)

قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى
Yawuz
************************************

没有评论:

发表评论