2009年4月28日星期二

«Diwan Lughatit türk»ning rusche neshri



«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ رۇسچە نەشرى


ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى يازغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» رۇسچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، باكۇدىكى مىڭ بىر كۈي نەشرىياتى تەرىپىدىن 4 توم قىلىپ نەشر قىلىندى.

2008-يىلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتاب-ماقالىلەر نەشر قىلىندى ۋە جاي-جايلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بۇ زور ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن ئىدى.
مەھمۇد كاشغەرىي يىلىغا يەنە بىر سوۋغا سۈپىتىدە بۇ قامۇسنىڭ رۇسچىسىمۇ نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»نى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە پەنلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى رامىز ئەسكەر ئەپەندى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ رۇسچە تەرجىمەلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسى ئىكەن.
رامىز ئەسكەر ئەپەندى 2006-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئەزەرىچىگىمۇ نەشر قىلىپ تارقاتقان ئىدى.
بۇ كىتابنى ئازەربايجانچە ۋە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 20 يىل ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان رامىز ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

ئازەربەيجان بىلىملەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەممە بۆلۈملىرى ھەر يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنى ئۆزىنىڭ يىللىق پىلانىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەتلا ئەمەلىيلەشمىدى. ئاخىرى مەن بۇ كىتابنى 20 يىللىق ئەجىر ۋە كۆز نورۇمنى سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.
2006-يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئازەرىچىسىنى تۆت توم قىلىپ نەشر قىلدۇردۇم.
كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رۇسچىغىمۇ تەرجىمە قىلىپ تېخى يېڭىلا نەشر قىلدۇردۇم.
ھازىر رۇسچە تەرجىمىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توملىرى نەشردىن چىقتى. تۆتىنچى تومىمۇ مەتبۇئاتتا تىزىلىپ بولدى. بېسىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ھازىرچە بۇ تۆت تولۇق قامۇسنى ئىقتىسادنىڭ چەكلىك بولۇشىدىن 250 تىراژ بىلەن بېسىپ چىقاردۇق. كېيىن ئىقتىساد يار بەرسە يەنە نەشر قىلىمىز.
بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيىگە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەرگە ئەۋەتىمىز.

سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن پانتۈركىزىمنى تەشۋىق قىلغان دەپ قارىلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىلىم ئادەملىرىنىڭ بارلىقى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ئازەربايجاندا تۇنجى بولۇپ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان كىشى مىرزا مەھسۇم ئىبراھىموۋ بولۇپ، ئۇ 1925-يىلى دىۋاننى پارچىلارغا بۆلۈپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن، ئەمما كېيىن بۇ ئىش نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئازەربايجاندا 1935-1937-يىللىرى ئارىسىدا رۇسچىغا تولۇق تەرجىمە قىلغان كىشى-دەسلەپ ئىستانبۇلدا بىلىم ئىگىلەپ، كېيىن ئازەربايجانغا قايتىپ كەلگەن ئۆزبېك ئالىم-ئالپ سايىت ئەپەندىدۇر.
ئۇ ئازەربايجاندا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرغان. دىۋاننىڭ تەرجىمىسى تۈگىگەندە، يەنى 1937-يىلى، موسكۋاغا چاقىرتىلغان ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان،
ھۆكۈم سەۋەبى: «پانتۈركىزىمنى تەرغىب قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش» دەپ ئېلان قىلىنغان.
ھازىر ئالپ سايىت ئەپەندىنىڭ بۇ قول يازمىسى ئازەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا ئىكەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ مانا مۇشۇنداق قانلىق تارىخقا ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ زور قىلماقتا.

دىۋاننىڭ يېزىلىشى تارىختىمۇ بىر بۈيۈك دۇنياۋى ۋەقەدۇر.
بىلگىنىمىزدەك ۋىزانتىيە دەۋرىدە، قەدىمىي رومدا بەزى لۇغەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان.
ئەمما بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن 9000 سۆزلۈككە ئىگە بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ بولۇشى دۇنيادا كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىز تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي تىلغا، مەدەنىيەتكە ۋە تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئىسپاتلاۋاتىمىز.
بىز ئەرەبلەردىنمۇ بۇرۇن 9000 مىڭ سۆزلۈك بىر خەزىنىگە ئىگە بولغان خەلق.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنىشى ئەزەلدىن توسالغۇغا ئۇچراپ كەلگەن.
رۇسلار ئەسلىدە ئەسەرنىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.
ئەمما ئۇ يىللاردا، رۇسلار تۈركىي مىللەتلەردە پانتۈركىزىمنىڭ كۈچلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقىشىدىن ۋە سىياسىي تۈزۈمگە زىيان كېلىشىدىن قورققان.
شۇڭا بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدە تاتار، ياقۇت، باشقۇرت، قۇمۇك قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە مىللەتلەر بار.
بۇلارنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىدىغان ئادىمى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى كەمچىل.
شۇڭا، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئۇلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل بىلەن بىرلىكتە، ئاخىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىل-رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ۋە لاتۋىيىدە تارقىتىشنى پىلان قىلدۇق.

«ئۇلار بۇنى ئوقۇسۇن، بۇنىڭدىن پايدىلانسۇن، مىڭ يىل بۇرۇن ياۋروپادا تىل يوق ۋاقتىدا، رۇس تىلىمۇ يوق ۋاقتىدا، بىزنىڭ تىلىمىز بولغان ئىكەن، بىز مانا مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ۋارىسلىرىكەنمىز، دېگەننى چۈشىنىپ، بۇنىڭدىن بىر كۈچ-قۇۋۋەت ئالسۇن ۋە ئاسسىملاتسىيە بولمىسۇن» دەپ بۇ قامۇسنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردۇق...
بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ۋارىسچىسى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، بۇنىڭدىن كۈچ قۇۋۋەت ئېلىشى ۋە بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى قوغداپ قېلىشى كېرەك.

********************************8

没有评论:

发表评论