2009年2月24日星期二

باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇد كاشغەرىي

Toluq Teksti



باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇد كاشغەرىي


ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008 - يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيادا، بولۇپمۇ تۈركىيىدە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر خىل ئىلمىي يىغىنلار چاقىرىلغان ئىدى.
بۈگۈن، يەنى 2009- يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئەزەربايجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەھمۇد كاشغەرىي ناملىق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا باكۇ سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قول يازمىلار ئىنستىتۇتى مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور تەرلان قۇلىيېف، سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور نۇرىدە نەۋرۇزوۋا، سىلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئايگۈل ھاكېيېۋا ۋە باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رامىز ئەسكەر قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇ يىغىندا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەزەربەيجان تىلى بىلەن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە 4 كىتابى نەشر قىلىنغان دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى «2008 - يىلىدا ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ۋە مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر» تېمىسىدا، پروفېسسور نۇرىدە نەۋرۇزوۋا خانىم بولسا «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ قىممىتى» تېمىسىدا، پروفېسسور تەرلان قۇلىيېف ئەپەندى بولسا «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە سۆز قىلغان.

يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار قىزغىنلىق بىلەن مۇتەخەسسىسلەردىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللار سورىغان.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان.


http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-97445-fpage-2.html

没有评论:

发表评论