2009年3月4日星期三

مەھمۇد كاشغەرىي ئىزىدىن-مىرسۇلتان ئوسمانوۋ

Toluq Teksti



مەھمۇد كاشغەرىي ئىزىدىن - مىرسۇلتان ئوسمانوۋ


(ئەدەبىي خاتىرە)


غالىب بارات ئەرك


تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ... تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلىچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپىسلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي ، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر.
- ك. د. ئوشنىسكىي

ئانا تىل - مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يىلتىزى. ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش، راۋاجلاندۇرۇش، ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بۇرچى شۇنداقلا ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى.
بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى، بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر».
ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ئورخۇن – يېنسەي ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىن ھېسابلىغاندىمۇ، ئاز بولمىغان مىللەتسۆيەرلەر ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مەۋجۇتلۇقى، روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەن.
11– ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىنى ئالساق، ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىدىكى ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئانا تىلنىڭ ئۇتۇقى ئۈچۈن مېھنەت قىلىپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەك مەڭگۈلۈك ئابىدىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.
16– ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر ئەلشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ «خەمىسە»سى ۋە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن تىلىمىزنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتىش بىلەن بىرگە، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ئەرەب تىلى ھەسەلگە ئوخشايدۇ، پارس تىلى شېكەرگە ئوخشايدۇ» قارىشىغا «تۈركىي ھۈنەرەست» قارىشىنى قوشۇپ، پارسگۇيلىقتىن تۈركىگۇيلىققا يەنى تۈركىي - ئۇيغۇر تىلىنى قەدىرلەشكە يول ئاچقان ئىدى.
ئانا تىلنىڭ ساپلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان سېڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناسىرىددىن رابغۇزى، ئەلشىر نەۋائىي، ئابدۇرېھىم نەزارىيلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، نام شەرىپى بىزگە نامەلۇم بولغان «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»(توغرىراق تەرجىمە قىلساق «ئۇيغۇر مەھكىمىسى سۆزلۈكى» - چۈنكى ئەسەردە گاۋچاڭ سۆزىگە ئۇيغۇر دەپ ئىزاھات بېرىلگەن)، «مانجۇچە بەش تىللىق لۇغەت»... قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەرنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنى، 9– ئەسىردىكى ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەتنىڭ تۈزگۈچىلىرىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
20– ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ 11– نۆۋەتلىك 3– ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، ئىنتايىن زور ئۇتۇقلار قولغا كەلدى. نەچچە ئونلاپ لۇغەتلەر ئىشلەندى، توم–توم كلاسسىك ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى.
مانا بۇ شانلىق ئۇتۇقلارغا
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى»،
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نەشرىلىرى،
«خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»،
«ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت»،
«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ...
قاتارلىق ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ، زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى پەخىرلىنىش ھېسياتىمىز بىلەن تىلغا ئالىمىز.
شانلىق ئۇتۇقلار ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، بۇ ئۇتۇقلار تىلشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ ئۈنسىز، مىننەتسىز مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
ئەنە شۇنداق، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مۇككەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز ئىچىدە، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىننەتسىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش–چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ئالىم بار،
ئۇ بولسىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكىدۇر.

مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا 1929– يىلى 7– ئاينىڭ 31– كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرى ئاقكەنت يېزىسىدا خوتەن قاراقاشلىق ئازنىباقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1932– يىلى ئاتىسى بىلەن بىرگە غولجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان.
1943– يىلى ئىلى بىلىم يۇرتىنى پۈتتۈرگەن.
غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئورگىنىدا كاتىپ ۋە ئورگان ژۇرنىلىدا كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.
1951– يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان.
مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا بىر يىلدىن ئارتۇق بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن.
(1952– يىلى لى جىڭۋېي، چېن زوڭجېن، جىن شىياڭيى، لۇ بىڭروڭ، گاۋ شىجې... قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن).
ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىن باشلاپ ئانا تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان.
1957– يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1965– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.
1965– يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە 1980– يىلىغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان.
1981– يىلىدىن 1989– يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلغان.
1989– يىلىدىن باشلاپ 1997– يىلى ئارامغا چىققۇچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان.

ئالىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئىشقى بىلەن يانغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن، 1955– يىللىرىدىكى ئاشۇ جاپالىق شارائىت دەۋردىن باشلاپ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ئىزىدىن مېڭىپ ئۇيغۇر تىلى دالالىرىنى، يېزا قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955– يىلى قەشقەر شەھەر ئىچى، ئوپال يېزىسى، پەيزىۋات ناھىيىسىدە؛
1956-، 1957–يىللىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما، قاراقاش، ئېلىچى، لوپ، چېرىيە، نىيا، كېرىيە ناھىيىلىرىدە تىل تەكشۈرگەن.
قېلىن 4 خاتىرىگە يېزىلغان تىل تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
1960- يىلى 5– ئايدىن 10- ئايغىچە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ مىرسالى، كۈزلەك، تىكەنلىك(ھازىرقى دېھقانچىلىق 2– دىۋىزىيىسى 34– پولك تۇرۇشلۇق ئورۇن) يېزىلىرىدا، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن يېزىسى ۋە يېڭىسۇدا تىل تەكشۈرگەن.
1959-، 1960– يىللىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسى ۋە ئۈرۈمچىدە تىل تەكشۈرگەن.
1965– يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈشتە بەزى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش يۈزىسىدىن قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچى ۋە خوتەن ئىلىچىدا تىل تەكشۈرگەن.
1967– يىلىدىكى قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلى، ئالتاي رايونىدا يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان، تىل ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىگەن. قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەينى ۋاقىتتا، ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
1981– يىلى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن.
1980– يىلى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى نەشىرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى لېكسىكىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاتۇش، قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان.
1986– يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسۋىرىي گرامماتىكىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ھاۋالىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشنى نۇقتا قىلىپ ئاتۇش، يەكەن، قاغىلىق، مەكىت، يوپۇرغا، مارالبېشى، كەلپىن، ئاقسۇ، كۇچا ناھىيىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
1986- يىلى خوتەننىڭ لاڭرۇ كەنتىدە تىل تەكشۈرۈشتە بولغان.
1988– يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ دىغار، لۈكچۈنلەردە تىل تەكشۈرگەن.
1989– يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا تىل تەكشۈرگەن.
1996– يىلى 5– ئايدىن 7– ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تۆمۈرتى، ئاققاش(داڭسىڭ) قاتارلىق جايلىرىدا تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كەسپىي يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان.
1987– يىلى تەتقىقاتچى(ئالىي دەرىجە) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1988– يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان.
1989– يىلىدىن 1994– يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن.
1991-، 1992– يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە تىل تەكشۈرگەن.
1991– يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالىنىپ، ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان.
2005– يىلى قەشقەردە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى – «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا مۇكاپاتلانغان.

ئالىم بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىل–يېزىقى، تۈرك–رونىك يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل–يېزىقلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە مۇشۇ يېزىقلاردىكى كلاسسىك يازمىلارنى تەتقىق قىلغان.
ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن خەنزۇ، پارس، قازاق، تۈرك تىللىرىدىن بىمالال پايدىلىنالايدىغان سەۋىيە يەتكەن.

1964– يىلى تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى بىلەن بىرلىشىپ يازغان 3 قىسىملىق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان.
1977- يىلىدىن 1984– يىلىغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە ئىككى تومىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
«ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت»نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان يېڭى يېزىق نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
1984–، 1988–، 1997- يىللىرى
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى»(باش تۈزگۈچى)نى
تۈزۈشكە قاتناشقان، بېكىتىش ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى» ش ئۇ ئا ر بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1991– يىلى تىلشۇناس، تۈركولوگ مەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ئۇ ئاساسلىق بولۇپ ئىشلىگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى» ناملىق كىتاب 1991– يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
1988-، 1989– يىللىرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
2002- يىلىدىن باشلاپ 2006– يىلىغىچە «ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت»نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەشكە قاتناشقان،
بۇ لۇغەت 2006– يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
2002– يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى، ئالىم بۇ نۇسخىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشتى.
«دىۋانى گۇمنام»(گۇمنام ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن دىۋان)نى گە تەييارلاپ نەشر قىلدۇردى.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز سىناق ئېلىش پروگىراممىسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان،
بۇ كىتاب 2003– يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
تەكلىپ بىلەن ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلىرى لۇغىتى»نىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
بۇ لۇغەت 2007 – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
1990– يىلى ئالىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.
بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتراپلىق تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېتكىتلىرىنى بۆلۈشنىڭ توغرا ئۆلچىمى، شۇ ئۆلچەم بويىچە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى(جۈملىدىن ئاساسىي جۇغراپىيىلىك چەك چېگرىسى)، ھەر بىر دىئالېكتنىڭ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىئالېكتى بولغان مەركىزىي دىئالېكتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تىل بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى، ھەر بىر دىئالېكتقا تەۋە شىۋىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر جانلىق، تىپىك ماتېرىياللار بىلەن بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان».
بۇ كىتاب بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنى ئۆگىنىشىمىزدە يېتەكچى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىتاب 1990– يىلى ش ئۇ ئا ر بويىچە پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 2– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1997– يىلى شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدى.
بۇ كىتاب ئالىمنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگىكىمنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىكىلەر ۋالىي مەھكىمىگە دوكلات يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئالىمنى تەكلىپ قىلىپ بىر گۇرۇپپا قۇرغان، بۇ گۇرۇپپا ئالىمنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكىدە 1996– يىلى 5– ئاينىڭ 17– كۈنىدىن 7– ئاينىڭ 1– كۈنىگىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر ئالىمنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن قۇمۇل شىۋىسى ھەققىدە يېڭى تونۇشقا كەلدى. تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات «قۇمۇل شېۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەركىزىي دىئالېكت رايونى ئىچىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر شىۋە ئىكەنلىكىنى، ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى»، شۇنداقلا «بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇردى». بۇ ئەسەر مالوۋنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كىتابىدىن كېيىنكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
1999– يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق كىتابىنىڭ قىسقارتىلغان خەنزۇچە نۇسخىسىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1961– يىلى لوپ رايونىدا ئېلىپ بارغان 6 ئايلىق تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدىن قولىدا ساقلىنىپ قالغانلىرى ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان ۋە لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن،
بۇ كىتاب لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى يورۇتۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
2006– يىلى بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا لوپنۇر دېئالىكتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مول تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئېغىز ئىجادىيىتى ئەسەرلىرى، خەلقئارا ترانسكرىپسىيەدە ئەسلىي تەلەپپۇزى بويىچە ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتاب لوپنۇر دېئېكتىنى چۈشىنىشتىلا ئەمەس، لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى، بۇ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئارقىلىق لوپلۇقلار ۋە لوپنۇر خەلقىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە.
2004- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئالىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1956– يىلى 9– ئايدىن 1957– يىلى 3– ئايغىچە بولغان تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىدىن ئۆزىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىنى ئاساس، كېيىنكى تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماتېرىياللىرىنى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ يېزىپ چىققان.

ئالىمنىڭ يۇقىرىقى كىتابلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى بار.
بۇلاردىن
«ئون بىرىنچى ئەسىر ئوتتۇرا تۈركىي تىل يادىكارلىقلىرىدىكى
ż
ھەرپى ۋە ئۇ ئىپادە قىلغان تاۋۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە»(«ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى» 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە ى)،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» («تۈركىي تىللار تەتقىقاتى(2)»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1983–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى)،
«چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىمىز» (مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولۇپ، «شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1993– يىلى 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان)،
«مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا»(ئۇستاز تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن بىرلىشىپ يازغان، «تارىم» ژۇرنىلى 1984– يىللىق 3– سان، «مەھمۇد كاشغەرىي» ناملىق كىتاب ۋە رۇسچە ژۇرنال «سوۋېت تۈركولوگىيىسى»دە ئېلان قىلىنغان)،
«مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا بايان قىلغان ئەدەبىي تىل ھەققىدە» («مەھمۇد كاشغەرىي» ناملىق توپلام 1985– يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. خەنزۇچە نۇسخىسى «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› تەتقىقاتى ماقالىلىرىدىن توپلام» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006– يىلى خەنزۇچە نەشرىگە كىرگۈزۈلگەن)،
«‹قۇتادغۇبىلىك›تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا»(خەمىت تۆمۈر، ئامىنە غاپپارلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولۇپ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا 1997–يىلى 2-، 3- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «خەمىت تۆمۈر ئىلمىي ماقالىلىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن)،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا» («تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 1993–يىلى 2–سان)،
«‹ قۇتادغۇبىلىك›تە غۇ \ گۈ قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىمداشلارنىڭ قوللىنىلىشى»(«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2005– يىللىق 4– سان)،
«قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا»(تىلشۇناس ئامىنە غاپپار بىلەن بىرلىشىپ يازغان، «تىل ۋە تەرجىمە» 1990– يىلى 3– سان)،
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىدىي سۆزلەر توغرىسىدا»... قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ماقالىسىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

مىرسۇلتان ئوسمانوۋ يەنە «جاھاننەما» (ئايازبېك قۇشچىنىڭ داستانى، 1985– يىلى نەشرى)،
«ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى» (غۇلام غوپۇر تۈزگەن) ... قاتارلىق كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان.

ئۇ بىر تىل تەتقىقاتچىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر ئىقتىدارلىق ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇنۋېرستېتلاردا 13 يىل دەرس ئۆتكەن بولسا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاسپىرانتلارغا دەرس ئۆتۈپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشكىمۇ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى.
1952– يىلىدىن 1957– يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىككى قارارلىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن لى جىڭۋېي، چېن زوڭجېن، گاۋ شىجېغا ئوخشاش تىلشۇناسلار يېتىشىپ چىققان.
1957– يىلىدىن 1965– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئۈچ قارارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسىنى ئۆتكەن.
1964-، 1985-، 1999– يىلى ئۈچ قېتىملىق كۇرستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسىنى ئۆتكەن.
1991– يىلى 10– مايدىن 24– مايغىچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك قازاق پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
1999– يىلى 12– ئايدا تەكلىپ بىلەن ياپونىيەگە چىقىپ توكيو ئۇنۋېرستېتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى شەيخلەر كەنتىدىكى ئاھالىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ۋە كىيوتو ئۇنۋېرستېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
2000– يىلى ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ۋە ئەنقەرەدە ئۇنۋېرستېتلاردا خوتەن دىئالېكتى ۋە لوپنۇر دىئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى.
ئۇ 1989– يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مىللەتتىن بولغان 8 قارارلىق 10 نەچچە نەپەر ئاسپىرانىتقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىدىن دەرس ئۆتكەن، 20 نەچچە ئاسپىرانىتنىڭ دېسىرتاتسىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە باھالاشقا قاتناشقان.

2005 – يىلىنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاستانىسى بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 تەك ئالىم، ئەدىب، تەتقىقاتچىلار يىغىلىپ، 11– ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولدى.
«مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10– ئاينىڭ 4– كۈنىدىن 6– كۈنى كەچكىچە ئېلىپ بېرىلدى.
مەنمۇ «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى چىن، ماچىن ۋە تاۋغاچ ناملىرى ھەققىدە مۇھاكىمە» ناملىق ماقالەم بىلەن تاللىنىپ يىغىنغا قاتناشتىم. مېنىڭ مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا ئاجايىپ ئىزگۈ ھېسلارنى ئاتا قىلدى.
يىغىنغا مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، ئۇيغۇر سايرانى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئىمىن تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي ساقىم كەبى پېشقەدەم ئالىملار؛ ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، غەيرەتجان ئوسمان كەبى ئۇنۋېرستېتلاردىكى دوكتور، پروفېسسورلار ۋە يەنە ئىلىمگە ئوتتەك ئىنتىلىۋاتقان ياشلار بار ئىدى.
يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان، تاپشۇرۇلغان 270 پارچىگە يېقىن ماقالە ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان 130 پارچىدەك ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى ئىدى. پروفېسسور ئابدۇكېرىم رەھمان بوچى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئىلگىرىكى يىللاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دېسە ماقالە كەلمەيتتى، بۇ يىل ناھايىتى ياخشى، قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر كۆپ، تاللاشقا توغرا كەلدى» دەيدۇ.
بۇ يىغىن قىزغىن مۇزاكىرىلەر، ئۆز ئارا تونۇشۇش پۇرسەتلىرىنى ئاتا قىلدى.
يىغىن داۋامىدا مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى تونۇشۇشنى ئىستەپ كەلگەن ئۇستاز تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، لېكىن يىغىن بولغانلىقى ۋە ئالىمنى ئىزدەيدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن بىرلا سوئالىمنى سوراشقا ئۈلگۈردۈم. ئالىمدىن سورايدىغانلىرىم كۆپ بولسىمۇ ئىمكان بولمىغان ئىدى. شۇ يىلى كۈزدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ دىيارىمىزغا كېلىپ، «لوپنۇرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» دېگەن تېمىدا فىلىم ئىشلىشى سەۋەبىدىن كورلىدا، ئالىم بىلەن 10– ئاينىڭ 22– كۈنىدىن 26– كۈنى كەچكىچە بەش كۈن بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك پۇرسەت بولدى. بۇ جەرياندا كەڭ كۇشادە سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم، گەرچە سورايدىغانلىرىم كۆپ بولسىمۇ، ئالىمنىڭ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسى يىغىن زالىدا 10– ئاينىڭ 27– كۈنى سۆزلەيدىغان لېكسىيىسىگە قارىماي قايتتىم، چۈنكى «ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن سۆز بار، بىر كارخانىدا ئىشلىگەن ئىكەنمەن ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئادىمى بولۇشۇم كېرەكتە.

تۆۋەندە ئالىم بىلەن تونۇشۇپ، بىرگە بولغان مەزگىلدە سوراپ بىلگەن بەزى ئىشلارنى سوئال جاۋاب تەرىقىسىدە كىتابخانلارغا تەقدىم قىلدىم:

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985– يىلى موللا مىر سالىھ كاشغەرىي ئاپتورلىقىدىكى «چىڭگىزنامە» ناملىق كىتابنى، مەرھۇم تارىخچى ھاجى نۇر ھاجىنىڭ تەييارلىشىدا نەشىر قىلغان ئىدى. لېكىن مەرھۇم تارىخچىنىڭ «ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابىدا «قەشقەر تارىخى» دەپ ئېلىنغان ئىكەن، بۇ ئىككىسى بىر كىتابمۇ؟
جاۋاب: بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە باشقا ئىشلىرى ھەققىدە تونۇشلۇقۇم بار، چۈنكى مەن بۇ كىتابنىڭ كوررېكتورلۇقىنى بىر قانچە قېتىم قىلغان ئىدىم . شۇ يىللاردا بېرەيلەننىڭ ، بۇ چىڭگىزخان ھەققىدىكى كىتاب ئىكەن دېيىشى بىلەن، «چىڭگىزنامە » دەپ ئاتىلىپ قالغان ۋە شۇ نامدا نەشىر قىلىنغان . ئاپتورى مەسىلىسىگە كەلسەك «بۇ كىتابەت رۇز سەھشەنبە كۈنى تەمام بولدى . راقىم موللا مىر سالىھ كاشغەرىي » دەپ يېزىلغان . مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، موللا مىر سالىھ كاشغەرىي بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بولماستىن كۆچۈرگۈچى كاتىبتۇر . كىتابنىڭ ئەسلىي ئاپتورى نامەلۇم.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، لوپلۇقلارنىڭ 1914– يىلىدىكى ئۈن لېنتىسى بار دەيدۇ، راستمۇ؟
جاۋاب: راست. 2000 – يىلى فرانسىيىلىك بىر ئايال تەتقىقاتچى كەلگەندە كۆرۈشكەن ئىدىم . مالوۋ 1914 – يىلى يېڭىسۇدا ھاشىم شاڭزوڭ ئېيتىپ بەرگەن بەزى ئاۋازلارنى ئۈن ئالغان ئىكەن . فرانسىيىلىك ئايال تەتقىقاتچىنىڭ ئېلىپ كەلگەن لېنتىسىدىكى ئاۋاز ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ ئاۋازنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . بۇلار : قوشاق «مۈز ئاسسىدا كۈن پاتىپ » ( بەزى كىشىلەر بۇ قوشاقنى”مۇز ئاستىدا كۈن پاتىپ“ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ ، مۇزنىڭ ئاستىدا كۈن پاتقان نەدە بار ، توغرىسى ”مۈز ئاسىسىدا كۈن پاتىپ “ بولۇپ ”مۈڭۈز ( مۈڭگۈز ) ئاستى دېگەن جاي نامىدۇر ) “ بىلەن ئەزان ئاۋازى ئىكەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا ، گېرمانىيىلىك گابائىن خانىم شىنجاڭغا كەلگەندە كۆرۈشكەنمىدىڭىز ؟
جاۋاب: گابائىن خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ، ئۇ ئۆزىنى «مېنى مەرىيەم ئاپا دەڭلار» دېگەن. دېمىسىمۇ ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆتكەن . تىلشۇناس ئامىنە غاپپار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ، گابائىن خانىم تۇرپانغا كەلگۈچە يول بويىدا ئۇچرىغان گۈللەردىن گۈلدەستە تەييارلايمەن دەپ تۇرپانغا بېرىشقىمۇ كېچىككەن ئىكەن. ئۇ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىگە بارغاندا يەرنى سۆيۈپ ، توپىلىرىنى يۈزىگە سۈرتۈپ كەتكەن ئىكەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز خوتەن ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا كۆپ تەكشۈرۈشتە بولدىڭىز ۋە 50 يىلدىن بۇيان تىل تەتقىق قىلىپ كەلدىڭىز، سىزچە «ئەينۇ تىلى»، «شەيخلەر تىلى»، «ئابداللار» دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز، بەزىلەر ئۇلارنى ھەتتا مىلادىيەنىڭ بېشىدىكى ئارىئانلاردىن ساقلىنىپ قالغان تىل دەپ قارايدۇ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟
جاۋاب: 1999– يىلى مەن، سابىت روزى، تاھىرجان مۇھەممەدلەر بىلەن ياپونىيەدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم، شۇ يىغىندا بۇ ئاتالمىش «ئەينۇ تىلى» ياكى «شەيخلەر تىلى» ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى. مەن بۇ تىلنى خوتەننىڭ تامئېغىل شەيخلەر كەنتىدە تەكشۈرگەن. گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇلارنى تەكشۈرگەن ۋە ئابداللارنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. تىل بولۇش ئۈچۈن فونېتىكىلىق سىستېمىسى، گرامماتىكىسى، لېكسىكا سوستاۋى بولۇشى كېرەك. ئاتالمىش «ئابدال تىلى» بۇ شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھاياشى تورو «شەيخلەر كەنتىدىكى ئادەملەرنىڭ لېكسىكىسى» دېگەن بىر بىشورىنى تارقاتتى. ھاياشى تورو «بىز بۇلارنى بىر تىل ياكى مىللەت دەپ قارىمايمىز» دەپ قارايدۇ. مېنىڭ يىغىندىكى سۆزلىرىمنى ئابدۇرەشىد ياقۇپ ياپونچىغا تەرجىمە قىلدى. مەن: «ئۇلارنى مىللەت دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ لېكسىكىسىدا 370 تەكلا سۆز بار، ئەنە شۇ لېكسىكىلارغا قاراپلا مىللەت ياكى تىل دېگىلى بولمايدۇ. بۇلار ئەسلىدە خوتەننىڭ تۆمۈر دەۋزا دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئازادلىقتىن كېيىن لوپ ناھىيىسىنىڭ تامئېغىل دېگەن يېرىگە كۆچكەن» دېگەن پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . يىغىندا «ئابداللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش كېرەك» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا ، ئەبداللار ~ شەيخلەر تىلى توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
جاۋاب: ئابداللار مەسىلىسى چەت ئەل ئالىملىرىدىن كەلگەن، بۇ ”تىل“نى 19- ، 20 – ئەسىرلەردىكى ف . گراند ، گ . راكۋېتتى ، پ . پېللىئوت قاتارلىق ئالىملار بايقىغان ۋە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان، بۇلارغا ۋېنادا نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئابداللار » دېگەن كىتابنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. چەتئەللىك بەزى تەتقىقاتچىلار ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن ھېسابلاشماي ، ”ئابدال“~”ئەينۇ“ دېگەن نام بىلەن ئاتاپ ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئالاھىدە بىر جامائە ھېسابلاپ ، ئۇلار قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئەرەبچە ، پارسچە سۆزلەرنى مىللىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قاراۋاتىدۇ. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە ، بۇ تىلنىڭ گرامماتىكىسى بىلەن فونىتىكىسى ئۇيغۇرچە . لېكسىكا قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان 370 تەك سۆز بار ، بۇ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە بىر جۈپ ئەر – خوتۇننىڭ سۆزلىشىشىگىمۇ يەتمەيدۇ . ئۆزىنىڭ گرامماتىكىسىمۇ يوق تىل بولمايدۇ ، مۇشۇلارغا ئاساسلانساق ھەرگىزمۇ تىل دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلار ئەسلىدە تۈركىي تىللىق خەلق بولۇپ ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ، پاكىستاننىڭ شىمالىي ياكى كەشمىر تەرەپلەردە ياشاپ ، تۇرمۇش سەۋەبىدىن مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ، كەلگىنىگە 3 – 4 ئەۋلاد بولغان ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەكتىمىز مۇشۇ يەرلىك دەپ قارايدۇ . ئۇلار نېمىشقا 370 تەك سۆز بىلەن سۆزلىشىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان يەرلىرى شەھەرنىڭ سىرتى ، دەريا ئېقىنلارنىڭ ئاياق قىسمى بولغاچقا ، كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى بەك تۆۋەن. لوپ ناھىيىسىنىڭ تامئېغىل ، خوتەننىڭ گىۋوز ، چېرىيەنىڭ چاقا ، كېرىيەنىڭ قاچۇن ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شەيخلەر كەنتى ، قەشقەرنىڭ پايناپ قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان . ئۇلارنى ياپونلار ئىككى قېتىم تەكشۈردى . بۇ ھەقتە ياپونىيەدە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ” ئابداللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش كېرەك “ دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى . بەزىلەرنىڭ ئاتىشىدىكى ”ئابداللار “، ” شەيخلەر“، ”ئەينۇلار“ ئېتنىك جەھەتتىن ئۆزلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ” ئۇيغۇر “ دەپ ئاتايدۇ ، بىزمۇ ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئاتىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي باشقا ناملارنى تېڭىپ يۈرمەسلىگىمىز كېرەك.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، ئاڭلىسام سىزنى ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنى چەتئەل ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگىمۇ تونۇشتۇردى دەيدىغۇ؟
جاۋاب: 1999– يىلى 12– ئاينىڭ 17– كۈنىدىن 27– كۈنىگىچە توكيو ئۇنۋېرستېتىدىكى توئورو ھاياشى ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم ۋە زىيارەتتە بولدۇم. 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى توكيو ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئىلىم سارىيىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ش ئۇ ئا ر نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ‹ئەينۇ› لېكسىكىسى »دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بىز – تاھىرجان مۇھەممەد، سابىت روزى ۋە مەن – ئۈچىمىز يىغىنغا قاتناشتۇق ، ماقالە ئوقۇدۇق. مەن «ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى نۇقتىسىدىن ئەينۇ لېكسىكىسىغا نەزەر » دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئوقۇدۇم، شۇ ۋاقىتتا كيوتو ئۇنۋېرستېتىدا تەكلىپلىك پروفېسسور سالاھىيىتىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئابدۇرەشىد ياقۇپ ياپونچىغا تەرجىمە قىلدى. شۇ قېتىمدا ھاياشى تورونىڭ ھەمراھلىقىدا كىيوتو شەھىرىنى زىيارەت قىلدىم ۋە 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى كىيوتو ئۇنىۋېرستېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدىم . ياپونىيىلىك ئالىم ماساگىرو شوگايتو مېنىڭ لېكسىيەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن : ”بىز ئىلگىرى لوپنۇر دىئالېكتىنى رۇس ئالىمى مالوۋنىڭ تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا چۈشىنەتتۇق . مانا ئەمدى، سىزنىڭ لېكسىيىڭىز ئارقىلىق، بىزنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىز يېڭىلاندى “ دەپ ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
2000 – يىلى تۈركىيەدە بەش كۈن ئېچىلغان خەلقئارا تۈركىي تىللار قۇرۇلتىيىغا قاتناشتىم . بۇ قۇرۇلتايغا ھاشىم تۇردى ، گېڭ شىمىن ئۈچىمىز قاتناشتۇق . ئېزمىردا خوتەن دىئالېكتىنى تونۇشتۇردۇم. خوتەن دىئالېكتىنى تونۇشتۇرغاندا رۇسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار تىلشۇناس ئەدھەم راھمانوۋىچ تېنىشىۋ ( ئۇ 1956 – يىلىدىكى تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان ) مۇ كېلىپ ئاڭلىدى . تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەنقەرەگە باردۇق. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتىدا ساما باروتچى خانىم بىزگە زىياپەت بەردى . ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن لوپنۇر دىئالېكتىنى تونۇشتۇردۇم . مېنىڭ لېكسىيەمنى ئاڭلىغان قىرغىزىستانلىق بىر دوكتور ئاسپىرانت ( تېخى يېقىندىلا دېسسىرتاتسىيە ياقلىغان ئىكەن ) ئايال لوپنۇر دىئالېكتىنى قىرغىز تىلى دەپ پىكىر قىلدى . مەن قىرغىز تىلىدا بۇ دوكتور ئاسپىرانتقا ” ئىنسانىيەت زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە تەرەققىي قىلىدۇ ، پەنمۇ شۇنداق. ئەگەر لوپنۇر دىئالېكتىنى قىرغىز تىلى دېسىڭىز پاكىتىڭىزنى قويۇڭ ، پەندە پاكىت كېرەك ، قالغىنىنى پاكىت سۆزلىسۇن “ دېدىم . 1991 – يىلى قازاقىستانغا چىقتىم . ئالمائاتادا بولغان ئىلمىي سۆھبەتلەردە ، ئۇيەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ”مالوۋنىڭ بەزى نەرسىلىرى تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەيدۇ “ . مەن ئېيتتىم : ” مالوۋنىڭ قورغانلىرىنى ئالغىلى بولمامدىكەن ؟ “ دېسەم ، ئۇلار : ” سىلەر توپ ئاتمامسىلەر “ دەيدۇ. مەن ئېيتتىم : ” سىلەر نېمىشقا ئاتمايسىلەر ؟ ئەلۋەتتە، مالوۋنى ھۆرمەت قىلىمىز ، گۇننار ياررىڭنىمۇ شۇنداق . لېكىن خاتالىرىغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ . مالوۋنىڭ قۇمۇل شېۋىسى ھەققىدىكى خاتىرىلىرىگە قارىساق ، ق ، ك ، غ تاۋۇشلىرىنى خاتىرىلەشتە خاتالىق بار . ئەيتاۋۇر تۇرغان ۋاقتى قىسقا بولغاچقىمۇ، بەزى تاۋۇشلارنى خاتىرىلەشتە خاتا قىلغان . گۇننار ياررىڭمۇ I تاۋۇشىنى ئۈچ خىل خاتىرىلىگەن، ئۇ بەزى تېكىستلەرنى كەشمىرگە چىققانلاردىن ئالغان . شۇنداقتىمۇ ئۇلار يول ئاچقۇچى ئالىملاردۇر ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىمىز ، لېكىن خاتالىرىنى تۈزۈتىشىمىز كېرەك ، بىز تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا چەت ياقا رايونلاردا ياشاۋاتقان ، جامائەت سورۇنلىرىغا كەلمىگەن كىشىلەرنى ئاۋاز بەرگۈچىلىككە تاللىغان ، بۇلار باشقىلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلمىغانلىقتىن تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا يول ئاچقۇچى ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق خاتا كەتكەن تەرەپلىرىنى تۈزۈتىشىمىز كېرەك “، دېدىم.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» ناملىق 2– توپلامىدىكى «ھازىرقى زامان جاۋاب: ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق ماقالىڭىزدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ھەم قىرغىز تىلىنىڭ، ھەم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشاش بىر دەۋردىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە ساقلىقىنىغا قاراپ، بۇ تىلنى تىل خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن شەرقىي ھۇن تارمىقىغا، ۋاقىت ئېتىبارى جەھەتتىن ئوغۇز(ئۇز)، قەدىمكى قىرغىز، قەدىمكى ئۇيغۇر ئومۇمىيلىقى تېخى دېگەندەك بۆلۈنۈپ كەتمىگەن دەۋرگە ئائىت بولسا كېرەك دېگىلى بولىدۇ» دەپ يازغان ئىكەنسىز، لېكىن مەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق كىتابىڭىزنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆردۈم (سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىغان ئىدى)، بۇ قارىشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلىدىغۇ؟
- شۇ ۋاقىتتىكى قارىشىمغا كەلسەك، ئاساسلىقى مالوۋنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدىم . لوپنۇر دىئالېكتىنى تەكشۈرگەندىكى ماتېرىياللىرىمنىڭ 4 تىن 3 قىسمى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوق بولدى . ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللىرىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ «لوپنۇر دىئالېكتىدا ( مىرسالى – چارا ، يېڭىسۇ – ئويمانكۆل – كۈزلەك ، مىرەنلەرنىڭ ھەممىسىدە) باشقا ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىدا ئوخشاشلا y بىلەن قوللىنىلىدىغان يىرگەن ، يوسۇن دېگەن ئىككىلا سۆزنى jirgεn ، josun شەكلىدە j لاشتۇرۇپ ئېيتقاندىن باشقا y – j نۆۋەتلىشىدىغان سۆزلەرنى ئۇچراتمىدىم» ، شۇڭا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق شۇ ماقالەمدە لوپنۇر دىئالېكتىنى «قەدىمكى قىرغىز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئومۇمىيلىقى تېخى دېگەندەك بۆلۈنۈپ كەتمىگەن دەۋرگە ئائىت بولسا كېرەك» دېگەن قارىشىمنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ، شۇڭا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى » ناملىق كىتابىمنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە نەشرلىرىدە بۇ قارىشمنى قايتا تىلغا ئالمىدىم . ئەمەلىيەتتە لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ قىرغىز تىلى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىتى يوق ، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر دىئالېكتىدۇر.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئەسلىي ماكانى قەيەر؟
جاۋاب: بۇ دىئالېكت شىمالدىن جەنۇبقا تارالغانمۇ ياكى جەنۇبتىن شىمالغا تارالغانمۇ؟
لوپنۇر دىئالېكتى جەنۇبتىن شىمالغا تارالغان ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى قاراقۇشۇن كۆلى بويىدۇر . جەنۇبتىكى جايلاردا ( مىرەن ، قاراقۇشۇن كۆلى بويلىرى) خوتەن دىئالېكتىنىڭ ي لىشىش تەسىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ساپراق . شىمالدا ( تىكەنلىك ۋە ئۇنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى)، تۇرپان - پىچاننىڭ تەسىرى كۆپرەك . لوپنۇر دىئالېكت رايونىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە w/g ئالمىشىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ ، لېكىن جەنۇبتا بۇ ھادىسە يوق. جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىش مەسىلىسىنى ئالساق، بىرەر ۋاقىئە ، ھادىسە بولغاندا جۈملىدىن كېسەل تارقىغاندا دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلگەن ، كېسەل كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئوزۇق قالدۇرۇپ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ قاچقان ، قېچىپ ھەتتا دۆڭقوتان ، قارچۇغالارغىچە كەتكەن . لوپنۇر دىئالېكتىنى ئەمەلىيەتتە قاراقۇشۇن دىئالېكتى دېيىشكە بولىدۇ . لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئاساسى قاراقۇشۇنلۇقلارنىڭ تىلىدۇر . مىرەندە ”يانلار“ ،”جوداقتار“ ،”قالماقتار“ يوق . لوپنۇر دىئالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قاراقۇشۇنلاردۇر.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە كۆپ ئىزدەندىڭىز. جاۋاب: بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئەھمەد زىيائىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلغان ئىكەن، لېكىن بۇ تەرجىمە روياپقا چىقمىدى، نېمە ئۈچۈن؟
- «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەھمەد زىيائىي ئاكىسى مەھەممەد فەيزى بىلەن بىرگە تەرجىمە قىلىپ چىققان، لېكىن ئەرەب تىلىنىڭ پىركامىللىرىدىن بولغان مۇھەممەد فەيزى شۇ ۋاقىتلاردا نازارەت ئاستىدا بولغانلىقتىن، بۇ تەرجىمە ئۇكىسى ئەھمەد زىيائىنىڭ نامىدا تارالغان. مەن تەرجىمە ئورىگىنالىنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا «قەشقەر ۋالىيسى سەيپۇللايوپنىڭ ئەمرى بىلەن تەرجىمە قىلدىم. ئەھمەد زىيائىي» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئەھمەد زىيائىيلار بۇ تەرجىمىنى دەپتەرگە ئىشلىگەن. دەپتەرنىڭ بىر تەرىپىدە ئەرەبچە ئەسلىي تېكىستنىڭ كۆچۈرمىسى، بىر تەرەپتە تەرجىمىسى بار ئىكەن. بۇ تەرجىمە تۆت كونىنى يۇقۇتۇش نامىدا، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. كۆيدۈرۈلگەن ۋاقتى 1966– يىلى 7-. 8– ئايلار.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىشتا سىز مۇھەررىرلىكتىن باشقا قانداق ئىشلارنى قىلغان؟
جاۋاب: «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى نەشىرگە تەييارلاشتا 1– تومنى ئاساسلىقى ئابلىمىت يۈسۈپى، 2– ۋە 3– توملارنى ئابدۇرەشىد سابىد قارىھاجىم ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. مەن ئىبراھىم مۇتئىي ۋە ئىمىن تۇرسۇنلار بىلەن پۈتۈن ئەسەرنىڭ مۇھەررىرلىگىنى قىلغان، مەن يەنە ئەسەرنىڭ گرامماتىكا قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن. ئەرەبچە كۆرگۈچىلەر تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئىشلىگەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە خىزمەتتە بولدىڭىز، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ 1984– يىلىدىكى نەشرىي نۇسخىسىدىن بۇرۇنقى تەرجىمىسىمۇ بولغانمۇ؟
جاۋاب: «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بىر تەرجىمىسى بولغان. بۇ تەرجىمە ئۈرۈمچىدە بىر تاتار داموللا تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولسا كېرەك، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى يۇمىلاق دۈگۈلەك قەغەزگە يېزىلغان. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بۇ تەرجىمىسى نەمانگان نۇسخىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، قەغىزىنىڭ كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، ئەسلى تېكىست بېيىت بويىچە ئۈستىگە كۆچۈرۈلۈپ ئاستىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. تەرجىمە شۇ دەۋر تىلىغا ئۆرۈلگەن بولۇپ تاتار زىيالىيسىنىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىق ئېھتىمالى چوڭراق، بۇ تەرجىمىمۇ 1966 – يىلى 7-~ 8- ئايلاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك» بىلەن بىرگە، بىر كىشى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز 1960 – يىلى كورلا ۋە لوپنۇرلارغا كەلگەن ئىكەنسىز ، شۇ ۋاقىتتىكى لوپنۇر ۋە ئۇنىڭ كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى يولنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
جاۋاب: ئۇ چاغلاردا كورلىدىن كۆنچىگە بارغۇچە يول بويىدا ئاق تېرەك بىلەن سۈگەتلا بار ئىدى ، شۇ يىللاردا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ناھايىتى چوڭ سۆگەتلەر بار ئىدى، كۆنچى بازار ئىچىدىكى بەزى قاراسۆگەتلەرگە 2 – 3 ئادەمنىڭ غولىچى يەتمەيتتى . ھازىرقى كىنوخانا ئورنىدا تۈرمە بولۇپ ئۇنىڭ چۆرىسىدىمۇ سۆگەت بىلەن سېرىق تېرەك ئىدى . كۆنچىنىڭ ئەسلىدىكى كوچىسى ھازىرقى بېكەتنىڭ يېنىدىكى تۆت كوچىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ سوزۇلغان ئىدى. كۆپلىگەن ۋادەك ئۆي – چاپلىما ئۆي، ياغاچ بىلەن يۇلغۇنلارنى توقۇپ، لاي ۋە يۇلغۇننى چاپلاپ سالغان ئۆيلەر ئىدى (شۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە ساتتار مۇتەللىپ بار بولۇپ ، ئۇ ئەسلەپ: 1965 – يىلى كۆنچى بازىرىدىكى سۆگەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قومۇرىۋەتكەن. 1966 -، 1967 – يىللىرى قايتىدىن كۆچەت قويۇلغان ، شۇ يىلى كۆنچى بازىرىنى چېقىپ قايتىدىن قۇرۇلغان دەيدۇ). 1960 – يىلى ماڭا تاۋۇش بەرگە ئاتاۋۇللا قاسىمنىڭ ئېيتىشىچە، كورلا بىلەن لوپنۇرنىڭ ئارىسىدىكى كۆچەتلەرنى ھادى ھاجى ئىسىملىك كىشى قويدۇرغان ئىكەن، بىر قىسىم سۆگەتلەر سۇ قويۇلماي قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن ئامبال ھادى ھاجىنى جازالىغان .

قوشاقتا شۇنداق دېيىلىدۇ :

كۆنچۈنۈ توروقتارى ،
بىرى قالماي قۇرۇپتۇ .
ئامبالما خاپا بولۇپ ،
ئاداجىنى ئۇرۇپتۇ .
شاڭيەنى يايلاغىنى ،
كۆرلۆلۈككە بۇرۇپتۇ .

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەرلەردىكى توغراقلار قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ھادى ھاجى ئىسىملىك شاڭيۇ سۆگەت ، ئاق تېرەك قاتارلىقلارنى قويدۇرغان ئىكەن. ئامبال ھادى ھاجىنى جازالاش ئۈچۈن يايلىقىنى كورلىلىقلارغا بۇيرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز بىر ئۆمۈر ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆتۈپسىز، ئەمدى بىز ياشلاردىن كۈتىدىغان قانداق ئۈمىدىڭىز بار؟
جاۋاب: يازغۇچى يولداشلاردا ئانا تىل توغرىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا ياخشى بولاتتى . ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولغاندىلا ئۇيغۇر تىلىنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ھازىرقى قوش تىل مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك . بىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز، ئۆز – ئۆزىنى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك . ئۆزىنى تونۇش بىلىمدىن كېلىپ چىقىدۇ، بىلىمگە تايانمىغان تونۇش ھېسسىي تونۇش بولىدۇ . توغرا ، ھەر قانداق مىللەتتە يامان خۇي، ئىللەتلەر بولىدۇ . ئابدۇقادىر داموللا «نادانلىق جاھىللىقتىن كېلىپ چىقىدۇ » دەيدۇ. ياشلار مىللەتنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەن جىقراق ئوقۇسا ، ئۆگەنسە بولىدۇ . بىز ئوقۇغاندا كىتاب ماتېرىيال يوق ياكى بەك ئاز ئىدى ، ھازىر ماتېرىيال تولا، لېكىن ئۆگەنمەيدۇ.
ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى تىكلىشى كېرەك . بىز مەيلى قەيەرلىك بولايلى، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك، نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىشى كېرەك. نادانلارنىڭ قارىشى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ ، ئازراق مەنپەتنى كۆرسىلا ئۆزگىرىدۇ . بىزنىڭ مىللەت قارىشىمىز ئىنتايىن سۇس ، ياشلار ھەتتا كلاسسىك مۇزىكىلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، نىمىشقا ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز چۈشەنمىسەك، دەيدۇ. بىز تىل مەسىلىسىنى ئالساق، ئۇچرىغان ئاتالغۇلارنى قايسى قورال كىتابلارغا ئاساسلىنىپ توغرىلىشىمىز كېرەك؟ بىزدە ئۆلچەم قىلغۇدەك كىتابمۇ يوق. لۇغەتلەرنى تۈزۈۋاتىمىز، ئۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، خاتا قوللانغانلارنى ھېچكىم ھېچنەرسە قىلالمايدۇ. تىلنىڭ ئۆزى بىر زېمىن. بىزدە، ھازىر تىلنى ئادەتكە تارتىدىغان خاھىش بار، چۈنكى ئۇلار خاھىشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ، ئىملا قائىدىسىنى مورفولوگىيىلىك پرىنسىپقا تەس ئەكەلدۇق. يېزىقتا سۆزلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى – غولىنى ساقلاپ قېلىش، جانلىق تىلغا ئەگىشىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ياشلار ئانا تىلنى قەدىرلىشى، پىششىق ئۈگۈنۈپ توغرا قوللىنىشى، ئۆز غورۇرىنى تىكلىشى كېرەك.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشتا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە قايسى؟
جاۋاب: ھازىر ئىملا مەسىلىسى بىر قەدەر ئىزىغا چۈشۈپ قالدى ، بەزى ئورۇنلاردا دىققەت قىلماي ئۆتكۈزىۋەتمىسە . لېكسىكىلىق بۇزۇلۇش مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا ئەرەب – پارس تىللىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا تېرىشىشىمىز لازىم . مەسىلەن : بەتقىلىق – قىلىقسىز ، بىسوراق – سوراقسىز، بىئەدەپ – ئەدەپسىز ... ئەمما بەزى سۆزلەرنى بۇنداقلا قوللانغىلى بولمايدۇ . م: ناتونۇش ( تونۇش ئەمەس ) ، نائەھلى ( ئەھلىسىز دېگىلى بولمايدۇ) ، بىكار ( كارسىز دېگىلى بولمايدۇ ) ... يازغۇچىلىرىمىز دىققەت قىلمايدىغان نۇقتىلار ، ئەسەر يازغاندا قولىغا قەلەمنى ئېلىپلا مەن ئۇيغۇرغۇ ، تىلنى پىششىق بىلىمەن دەپ يېزىۋېرىدۇ ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولۇپ يازاي دەيدىغان چۈشەنچە يوق . بىز تىلىمىزغا مەسئۇل بولىدىغان بولساق، تىلىمىز ناھايىتى مۇكەممەل تىلغا ئايلانغان بولاتتى. چۈنكى تىلىمىزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ناھايىتى ياخشى قائىدىلەر قالغان، يوقالمىغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بولسىمۇ ، تىلىمىزنى ئەرەب – پارس سۆزلىرى بىلەن ئوراپ، ئۆزىمىزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭمۇ بەزى ئەۋزەللىكلىرى بار ، پايدىلانساق بولىدۇ ، لېكىن چوقۇم ئۆز تىلىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك . ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ، مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ يېتەرسىزلىكنى نەدە دېسىڭىز ، تەتقىقاتىڭىزدا يول ئوچۇق بولىشى كېرەك .
بۇ قېتىم تۈزۈلگەن «ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە لۇغەت»تە 60 مىڭدەك سۆز ھەم سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈلدى . بۇ لۇغەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 10 مىڭ ئەتراپىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكى ھەم دىئالېكت سۆزلەر كىرگۈزۈلدى ، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇلاردىن پايدىلىنىپ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشقا بولىدۇ . بۇ لۇغەتتە يەنە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە سەل قاراپ كىرگۈزۈلگەن ، ئەمما ئىستېمالدىن قالغان بەرھەق ، ئەلھەق ، ئەلھاسىل ، ئەلھەزەر دېگەندەك سۆزلەر كىرگۈزۈلمىدى. تىل تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىر پۈتۈن تىل نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك. يازغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىدا ، تەرەققىي قىلىشىدا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشى كېرەك . بىزنىڭ تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز بەك يۈزە ، مەسئۇلىيەتسىزمىز، كۆپىنچە ئويلايدىغانلىرىم ئۇيغۇر تىلىنى خاتا يېزىپ، خاتا ئوقۇپ شەرمىسار بولمىساق دەيمەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز بىر ئۆمۈر تىل تەتقىق قىلغىنىڭىزدىن پەخىرلىنەمسىز ؟ قانداق ئارزۇ – ئارمانىڭىز بار؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە پەخىرلىنىمەن . ئانا تىل ئانا ۋەتەندۇر . 1984 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئىشلىدىم . بۇنىڭدا مورفولوگىيىلىك ئۆلچەمنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇردۇم ، ئۈچ دىئالېكتنى يىغىپ ، تىلىمىزغا قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى قوللاندىم ، گەرچە بەزى سەۋەبلەر بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇالمىغان بولساممۇ . بىز ھەرگىزمۇ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ ماڭماسلىقىمىز كېرەك . شۇڭا مەن ئانا تىلىمىز ھەققىدە بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن ئەمگەكلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن.
بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە بىر ئۆمۈر ئىزدەندۇق ، ئەمدىلىكتە ياشىنىپ بىر يەرگە بېرىپ قالدۇق . كەينىمىزگە باقساق ھەم سۆيۈنىمىز ھەم ئەندىشە قىلىمىز. سۆيۈنىشىمىز، تەتقىقات ھاياتىمىزدا خەلقىمىزگە قالدۇرغان ئازغىنە ئەمگەك مېۋىمىزدىن بولسا ، ئەندىشىمىز كەينىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ئىزباسارلارنىڭ كەملىگى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن بولىۋاتىدۇ . ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئارقىمىزدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان ياشلار بەكلا ئاز ، بىز ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ «قان تومۇر»نىڭ بىزنىڭ نەپىسىمىز بىلەن تەڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى يېزىق ۋە تەلەپپۇزدا بىرلىككە كەلتۈرۈش ، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى بىزنىڭ زامانىمىزدا ئەمەلگە ئېشىشىنى ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ سىلەرنىڭ سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا بىر باشقا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ ئارزۇيىمىز ئەلۋەتتە ئىز باسارلارنىڭ «كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشى» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا، بۇ، تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغۇچى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنىشىنى، ئۇيغۇ رتىلىنىڭ تەرەققىايتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى خىزمىتىگە ئىشتىياق باغلىشىنى ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ... ئىپادىلەش كۈچىنى تېخخمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى بېكىتىشتە ئۇستازىڭىز ، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن كۆپ رىيازەت چەككەنسىلەر ھە؟
جاۋاب: بىز ئەلۋەتتە جىق مۇشەققەت چەكتۇق، شۇ ۋاقىتتا ياتىدىغان يەر يوق ، قەشقەر دوختۇرخانىنىڭ بىر بالنىسنى ياتاق قىلىپ ئورۇنلاشتۇق، بۇ ۋاقىت 1982 – يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. مۇشۇ تېمىنى نۇقتا قىلىپ قەشقەردە بىر نەچچە رەت يىغىن ئېچىپ ، پېشقەدەملەرنىڭ ، ئۆلىما ۋە ئەدىب – شائىرلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. ئوپالغا چىقىپ كۆپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلىدۇق ۋە مۇلاھىزە قىلدۇق. گەرچە رىۋايەت ۋە ھېكايەتلەر ئارقىلىق ئوپالدىكى «ھەزرىتى موللام» قەبرىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن بولساقمۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىت - يازما ئىسپات يوق ئىدى. بىر كۈنى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمدا ئاتىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىيدىن قالغان مۇناسىۋەتلىك قوليازما ئىسپات بارلىقىنى ئاڭلىدۇق . بۇ ئۆلىماغا ئابدۇرەشىد قارىمنى ئارىغا سالدۇق ۋە 1983 – يىلى 2– ئايدا بۇ قوليازما ئىسپاتقا ئېرىشتۇق ، شۇ ئاينىڭ 24 – كۈنى يىغىن ئېچىپ ئىمىر ھۈسەيىن قازىئاخۇنۇمغا تون ياپتۇق ھەمدە 300 يۈەن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدۇق ، شۇ قاتاردا يەنە يەتتە كىشىمۇ تونلۇق رەخت بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمدىكى بۇ قوليازما ئالتە دەپتەر بىر قىلىپ تۈپلەنگەن «مەسنەۋىي شېرىپ» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاق بەتكە:
«ھىجرىيە 1252– (كالا) يىلى، ئۇلۇغ رەجەپ ئېيىنىڭ ئون تۆرتىنچى كۈنى شەرىئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان قەشقەر قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى – مەنكى موللا سادىق شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى شۇ ھەقتە ھۆججەت قىلىپ مۆھۈرۈمنى باستىمكى... ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ ، ئىجتىھات قەلىمى بىلەن ۋاراقلىرىغا زىننەت بېرىپ يېزىلغان، قىممەت باھالىق، ئالتۇنغا سېتىپ ئالغان مۈلۈكۈم بولغان ‹مەسنەۋىي شېرىپ› ناملىق كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن (ئوغلى)، قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازارىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە ( قىلدىم ) ... موللا سادىق ئىبىن شاھ ئەلا ...»
دەپ يېزىلغان ۋە مۆھۈر بېسىلغان ئىكەن.
موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئۆلىماسى، تارىخچىسى، شائىر مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ قازىسى ئىدى. مۆھۈرىدە ھىجرىيە 1252 – يىلى دەپ يېزىلغان ، يۇقىرىقى ۋەقپىنامىمۇ شۇ يىلى يېزىلغان، مىلادىيە 1836 – يىللارغا توغرا كېلەتتى. مەھمۇد كاشغەرىي دۇنياغا داڭلىق ئالىم ، بۇ ئىشقا ھەرگىز يېنىكلىك قىلىشقا بولمايتتى . بۇ قوليازمىغا يېزىلغان ۋەقپىنامە ھەقىقەتەن 1836 – يىلى يېزىلغانمۇ ياكى ھازىرقى دەۋرنىڭ مەھسۇلىمۇ، بۇنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك ئىدى . مەن شۇ قېتىم ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمنىڭ پوچۇركىسىنى ئېلىپ بېرىپ ئاپتونوم رايونلۇق ج . خ نازارىتىدە باھالاش قىلدۇردۇم، دەسلەپكى قەدەمدە ۋەقپىنامىنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىكى ، پوچۇركىنىڭ ئىمىر ھۈسەيىن قازىئاخۇنۇمنىڭ ئەمەسلىكى ۋە قەلەمنىڭ پولات قەلەم بولماستىن ياغاچ قەلەمدە يېزىلغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنداقتىمۇ بىز ئىشنى تېخىمۇ پۇختا قىلىش ئۈچۈن ج . خ مىنىستىرلىكىگە ئاپىرىپ باھالاتماقچى بولدۇق. مەخسۇس «مەسنەۋىي شېرىپ ئەنزىسى» دەيدىغان ئەنزە تۇرغۇزۇپ، بېيجىڭغا ئاپىرىپ، ج خ مىنىستىرلىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قەغەز، سىيا ۋە باشقىلارنى باھالىتىپ چىقتۇق . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋەقپىنامەنىڭ 100 نەچچە يىللار بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ، ۋەقپەنامەنى يېزىشتا ئىشلىتىلگەن سىياھنىڭمۇ مۇشۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ئەمەسلىكىنى تېخنىكىلىق باھالاپ ئىسپات چىقىرىپ بەردى، بىز شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقپىنامىنىڭ جامائەتكە ئېلان قىلدۇق . مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى كۆپ ئىزدىنىش، دەلىللەش ئارقىلىق بېكىتىلگەن.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە 1955– يىلىدىن باشلاپ قاتناشقان ئىكەنسىز، ئۇ ۋاقىتلاردىكى شارائىت ھازىرقىدىن كۆپ مۇشەققەتلىك بولىشى مۇمكىن. سىز ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى بولۇپمۇ لوپنۇر دىئالېكتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىڭىزنى ئەسلەپ، بىزنى شۇ ۋاقىتتىكى تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ۋاقىپلاندۇرغان بولسىڭىز؟
جاۋاب: مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى رەھبەرلىكىگە دوكلات يازغان ئىدىم، تەستىقلاپ دەرسىمنى باشقىلارغا ئېلىپ بەردى ۋە تىل تەكشۈرۈشكە 600 يۈەن پۇل تەستىقلاپ بەردى. 1960– يىلى 5- ئايدىن 10- ئايغىچە 6 ئاي لوپ (نۇر) لۇقلار ئارىسىدا تىل تەكشۈردۈم . ئۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن خوتەندە تىل تەكشۈرگىنىم ئۈچۈن خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان ئىدىم ، تەجرىبەمگە ئاساسەن 40 ياشتىن ئاشقانلارنى تىل تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلدىم . كىچىكلەرنى ئاساسەن تىل ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئاساس قىلدىم. بۇنداق بولىشى ئىمكانقەدەر بالدۇرقىلارنى تەكشۈرۈش ئىدى. ماڭا شۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى، ساددا، سەمىمىيلىكى ئالاھىدە تەسىر قىلدى . ئۇلار بىلگىنىنى مەندىن ئايىمىدى، مېنى لوپنۇرلۇقتەك بىلدى. بىر قېتىم گۆش – ياغ بولمىغاچقا قوسۇغۇم كۆپۈپ كەتكەن ئىدى. مەن ئاغرىپ ياتسام، خاماندا ئىشلەۋاتقان 60 ياشلاردىكى ئايال ئەھۋالىمنى كۆرۈپ «ماڭا ئوخشاش ئىنىلەرىڭ باردۇر» دېدى. ئۇ ئايال مەھەللىسىگە بېرىپ ( تىكەنلىك – ھازىرقى 34– پولك دائىرىسىدە ) ياغلىقىغا تۈگۈپ، چاي دورىسى ئېلىپ كەپتۇ . ئۇ ئۈچئاياقنى ئېسىپ سۇ قويۇپ قاينىتىپ ، چاي دورىسىنى سېلىپ ”غورتاپ ، غورتاپ “ ئىچ دېدى ، ئىچىۋىدىم بىر ئازدىن كېيىن ساقايدىم . بۇنداق ياردەملەر كۆپ بولغان. ئۇ ۋاقىتتا سەنتوڭ دەيدىغان گەپ بار ئىدى ، بۇ دېگەنلىك بىرگە ئىشلەش ، بىرگە تۇرۇش ، بىرگە يېيىش دېگەنلىك بولۇپ ، ئۆزۈمنىڭ يوتقان كۆرپەم بار ئىدى . ئۇلار بىلەن يېتىپ قوپۇپ ، بىرگە ئىشلەپ ، بىرگە ئوزۇقلىناتتۇق . ئەشۇ يەرلىكلەر بىلەن نورما ئوخشاش ، ئۇلار نېمە يېسە مەنمۇ شۇنى يەيمەن ، ھېچقانداق پەرق يوق ، مىرەنگە بارغاندا ھېچ ھالىم قالمىدى . تىكەنلىكتە ئىككى موماي بولىدىغان ، ئاق ئۇستا بىلەن قارا ئۇستانىڭ قىزلىرى ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيى كۈزلەكتە ئىكەن ، يېشى 90 دىن ئاشسىمۇ بىكار تۇرماستىن يۇڭ يىپ ئىگىرىپ، تاغار توقۇيدىكەن . 1960 – يىلى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى نىياز ئاتا دېگەن قوشاقچى بىلەن تۇرۇش ئۈچۈن كۈزلەكتىن بىر كىچىك بالىغا يول باشلىتىپ ، ئەتتىگەندىن نامازشامغىچە ئېشەك بىلەن مېڭىپ ، نىياز قۇلى ئاتا ئەترەتكە بېلىق تۇتۇۋاتقان يەرگە باردۇق . ئۇ تور بىلەن بېلىق تۇتۇپ ئەترەتكە ئىبەرتىپ بېرىدىكەن . كۈزلەك بىلەن چارانىڭ ئېيتىشىشىنى نىياز قۇلى ئاتا ئېيتىپ بەرگەن . شۇ قېتىمدا 2000 كوپلېتتەك قوشاق ، 10 نەچچە چۆچەك خاتىرىلىگەن . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر كۈزلەكتە ئوقۇتقۇچى بولغاندا ئوقۇتقان 25 ياشلاردىكى بىر چوكان پۈتۈن بىر كۈن قوشاق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى . شاگىرتىم نۇرئەھمەد قاسىم پوچتا ماشىنىسى شوپۇرىغا يالۋۇرۇپ ماقۇل قىلغانىكەن، چاقىلىققا ئاران بېرىۋالدۇق . چاقىلىقتىن تاشپاختا كانغا ماڭغان ماشىنا بىلەن مىرەنگە بېرىۋالدۇق . مىرەندە ئېتىپ كەلگەن قۇلاننىڭ سۈر گۆشىنى يەيدىكەن ، قىپ – قىزىل قۇلان گۆشى ئىچىمىزنى سۈرگەچكە، مىرئەھمەد بېرىپ سەيگۇا ئەكەلگەندىن كېيىن شۇنى يىدۇق . كاۋىنى راسا قاينىتىپ سۈيى قالمىغاندا يېسە ھالۋىدەك بولىدىكەن . كاۋىنى قاينىتىپ قويۇق بولغاندا موما ياكى ۋاۋاتۇ ( قوناق مومىسى )نى چىلاپ يەيمىز. سۇيۇق يۇغۇرۇپ جىمبىلدا پىشۇرغان ھور مومىنى بىر سىقسىلا ھېچنېمىسى قالمايدۇ . ئايلىق نورمىمىز 29 جىڭ ، كۈنلۈك نورما 420 گرام ئىدى . ئومۇمەن بىر كۈن تاۋۇش بەرگەنلەرگە ئاز بولغاندا 1 يۈەن 20 تىيىن ، كۆپ بولغاندا 1 يۈەن 50 تىيىن بېرەتتۇق . ئۇ ۋاقىتلاردا مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا لېكتور بولۇپ ئايلىق مائاشىم 110 يۈەن ئىدى. مەن 60 – يىلى مىرەندە 23 كۈن تۇرۇپ تىل تەكشۈردۈم ، شۇ ۋاقىتتا مىرەندە 180 دەك لوپلۇق بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك باينىيازنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئىكەن، ئۇ ۋاقىتتا بىر ئەترەت خەنزۇلار تېرىقچىلىق قىلاتتىكەن . شۇ ۋاقىتتا باي نىيازنىڭ بىر قىزى چىگىلىك ئۆيدە كالا بېقىۋاتقان ئىكەن . باي نىياز 1960 – يىلى 124 ياشقا كىرگەن ئىكەن ، بۇ ۋاقىتلار ئاچارچىلىق يىلى بولغانلىقتىن، نەۋرە قىزىنىڭكىدە سۈت ئىچىپ ياشاۋاتقان ئىكەن . باي نىيازغا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ئېشەككە مىنىپ مىرەنگە يېتىپ كەپتۇ . مېڭىشىمۇ جايىدا، ئۇ ئېيتىپ بەرگەن قوشاقلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا يوقالدى . بۇ كىشىنىڭ يېشىنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلەلمەي ، بەدۆلەت زامانىدا قانچە ياشتا ئىدىڭىز دېسەم،”نۆبۆر گاخلىرىم“ ئىدى دەيدۇ.
دېمەك ئۇنىڭ 1960 – يىلى 120 ياشتىن ئاشقانلىقى راست چىقتى. ”ئولغۇن تىشلىرىممۇ قامىدى“ – دېدى . 100 ياشقا كىرگەندە چىققان چىشلىرىمۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن . شۇ ۋاقىتتىكى بەستى 32 ياشلىق مېنىڭدىن بەستلىك تۇراتتى . ئۇكىشى تاكى يېقىنغىچە قاپقان قۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈيدىكەنتۇق . ئاتلىق بېرىپ قاپقاننى يوقلاپ ، كېيىك بىر نەرسىلەر چۈشسە، ئاتقا سۆرىتىپ ئېلىپ كېلەتتىكەنتۇق . ” ئانجىلىس تۆيۆ“ (ستەيىن) ،”پىيۋالىس تۆيۆ“ (پېرژىۋالىسكىي)، ”ئايدىن تۆيۆ“ ( سېۋىن ھېدىن)لەرگە ئىشلەپ بىر نەرسىلەرنى قازغانلىقىنى ، بىر نەرسە سۇنۇپ كەتسە، سۇندىرىۋەتتىڭ دەپ كايىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. چاينۇت توغرىسىدا سورىسام ”پېيۋالىس تۆيۆ“نىڭ ”چاينۇت“ دېگەن ئادىمى ساتما ياسىغان يەر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان دېدى. باي نىيازنىڭ چىشى بولمىغاچقا ئاۋاز بېرەلمىدى ، ئۇ بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىنى بىلمەن .” قويساغىمنى تۇيغۇزۇپ قويسا ئۈچ كۈندە دۇخانغا ئالىپ چىقامەن“ دېگەن. مىرەندە ئابدۇرېھىم بايدىن كۆپىنچە لېكسىكا ھەققىدە سورىدىم. ئۇ «مۈز ئاسسى»دا دېگەن قوشاقنى ئېيتىپ بەردى. ئابدۇرېھىم بايغا پۇل بەردىم ۋە دورا ئېلىپ بەردىم.

سۇئال: مىرسۇلتان ئاكا، سىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» ناملىق كىتابلىرىڭىزدا، ئاساسەن 1955– يىلىدىن 1961– يىلىغىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ يېزىپسىز ، بۇ ماتېرىياللىرىڭىز قانداق ساقلىنىپ قالغان؟
جاۋاب: خوتەن رايونى بىلەن لوپنۇر رايونىنىڭ تىل تەكشۈرۈشتىن قالغان پارچە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى خوتۇنۇم دىلەيسا ( شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى فېزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ) نىڭ ئاكىسى قوي ئېغىلدىكى ئوقۇرنىڭ ئاستىغا سۇۋاپ ساقلاپ قالغان ئىكەن. ئۆيدە قالغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى قەينى ئانام ”بالىلارغا بالا ئېلىپ كەلگەن“ دەپ قاراپ تۇتۇرۇق قىلغان ئىكەن . ئومۇمەن قولۇمدا ساقلىنىپ قالغىنى دەسلەپكى خاتىرىلەر ئىدى. لوپنۇر دىئالېكتى ۋە خوتەن دىئالېكتىغا ئائىت بىر ساندۇقتىن ماتېرىيال مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يوقالدى . لوپنۇردىن خاتىرىلىگەن ماتېرىيالنى ( سۆزلەر ، قوشاقلار ، چۆچەكلەر ، ماقال – تەمسىل دەپ تۆت قېلىن خاتىرىگە ئايرىلغان ) شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم . خوتەن دىئالېكتى ھەققىدىكى ماتېرىيالمۇ بىر ساندۇق ئىدى ، بۇلارنى 1956 – يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوقالغان بولسا كېرەك ، تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق .
مىرسۇلتان ئاكا، قىزىڭىز ئىزىڭىزنى بېسىپ تىلشۇناسلىقنى ئۈگۈنىۋېتىپتۇ دەيدۇ، راستمۇ؟
جاۋاب: قىزىم ئايسىما گېرمانىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى تۈگەتكەن، مانا، ھازىر ھازىر دوكتورلۇقنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ...

سۇئال: لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدە قۇلۇ دېگەن ئىسىملار خېلى كۆپ يولۇقىدۇ، بۇ قانداق ئاتالغۇ؟
جاۋاب: قۇلۇ، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى قۇل سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ كىشى ئىسىملىرىدە كېلىدۇ.

مېنىڭ ئالىمدىن سورايدىغانلىرىم ناھايىتى – ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزدە تۇتماي بولمىدى . ئۈنئالغۇغا ئالغان ئاۋازلار ياخشى ئېلىنمىغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن سۆھبەتلەرنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى . ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ، تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پەرۋانە بولۇپ ئىشلىگەن بۇ ئالىمغا سالامەتلىك تىلەپ سۆھبەتتە ئالغان ھاسىلاتلارنى مۇشۇ يەردە تاماملاشقا مەجبۇر بولدۇم ۋە تىلەك تىلىدىم:
توغراق يېشىدا ياشاڭ مىرسۇلتان ئاكا.

پايدىلانمىلار :
1. ئۆركەش جاپپار ، سادىق ئىمىر «مۇقەددەس بۇرۇچ ئالدىدا » «تىل ۋە تەرجىمە» 1993– يىللىق ئۇيغۇرچە 2– سان ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» 1993– يىلى 3– ئاينىڭ 23– كۈنىدىكى سانى.
2. جاڭ خوڭ «ئانا تىلىنىڭ ھەر بىر ھەرپى ۋە تاۋۇشىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن بېغىشلانغان 40 يىل » «ئۈرۈمچى تارىخ ماتېرىياللىرى(11)» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001– يىلى ئۇيغۇرچە
3. تاھىرجان مۇھەممەد «تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى، نەتىجىلىك تىلشۇناس – مىرسۇلتان ئوسمانوۋ» «تىل ۋە تەرجىمە» 2004– يىللىق 2-سان
*******************************

没有评论:

发表评论